ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

پېتېر پىرىنسىپى ھەققىدە ئومۇمىي بايان

پېتېر پىرىنسىپى ھەققىدە ئومۇمىي بايان

ۋاقتى: 2016-08-04 ئاۋاتلىقى: 440 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

لورىنس.پېتېر (Laurence.J.Peter) بىر باشقۇرۇش ئىلمى مۇتەخەسسىسى بولۇپ،ئۇ 1919-يىلى كانادانىڭ ۋەنكۇۋىر شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن، 1957-يىلى ئامېرىكا ۋاشىنگىتون شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان، 6 يىلدىن كېيىن يەنە شۇ مەكتەپنىڭ مائارىپ پەلسەپىسى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان، ئۇنىڭ ھاياتتىكى تەجرىبىلىرى مول، ئۆزى بىلىملىك ۋە قابىلىيەتلىك، يازغان ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى يەنە «ئامېرىكىدىكى داڭلىق شەخسلەر تىزىملىكى»، «ئامېرىكا ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى داڭلىق شەخسلەر تىزىملىكى» ۋە «خەلقارالىق داڭلىق شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھال لۇغىتى» قاتارلىق لۇغەتلەرگە كىرگۈزۈلگەن.
پېتېر پىرىنسىپى (The Peter Principle)نى پېتېر يۈز مىڭلىغان مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ئىچىدىكى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي مەغلۇب بولغان ئەمەلىي مىساللارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق يىغىنچاقلاپ چىققان. بۇ پىرىنسىپنىڭ كونكېرت مەزمۇنى مۇنداق: «بىر دەرىجە تۈزۈمىدە، ھەربىر خىزمەتچى ئۆسۈپ ئۆزى ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمايدىغان ئورۇنغا چىقىشقا يۈزلىنىدۇ». پېتېر ھەربىر خىزمەتچىنىڭ ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىدىكى خىزمەت ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا، ئەسلىدىكىسىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى بولغان خىزمەت ئورنىغا ئۆستۈرۈلىدۇ؛ شۇنىڭدىن كېيىن، ئەگەر داۋاملىق خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ كېتەلىسە يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆستۈرۈلىدۇ، تاكى ئۇ ئۆسۈپ ئۆزى ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمايدىغان ئورۇنغا چىققۇچىلىك شۇنداق بولىدۇ دەپ كۆرسەتتى. بۇنىڭدىن خۇلاسە: «ھەربىر خىزمەت ئورنى ئەڭ ئاخىرىدا بىر بۇ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ كېتەلمەيدىغان ئادەم تەرىپىدىن ئىگىلىنىدۇ. دەرىجە تۈزۈمىدىكى ئورگانلارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تېخى ئۆسۈپ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمايدىغان قاتلامغا چىقمىغان خىزمەتچىلەر ئورۇندايدۇ.» ھەربىر خىزمەتچى ئەڭ ئاخىرىدا پېتېر ئېگىزلىكىگە يېتىپ بارىدۇ، بۇ يەردە ئۇنىڭ ئۆسۈش بۆلۈنمىسى (PQ) نۆل بولىدۇ. بۇ ئېگىزلىككە يېتىشنى قانداق تېزلىتىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار. بىرى، يۇقىرىنىڭ «تارتىشى»، يەنى ئۇرۇق-تۇغقىنى ياكى تونۇشلىرىنىڭ يۇقىرىدىن تارتىشى؛ ئىككىنچىسى، ئۆز-ئۆزىنى «ئىتتىرىش»، يەنى ئۆزىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئىلگىرىلەش قاتارلىقلار، بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىنقىسى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ.

پېتېرنىڭ قارىشىچە، ئۇ پېتېر پىرىنسپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئويلىمىغان يەردىن» بىر يېڭى پەننى ــــ دەرىجە تۈزۈمىدىكى ئورگان ئىلمى (Hierarchiolgy)نى ياراتتى. بۇ پەن بارلىق دەرىجە تۈزۈملىرىنىڭ سىرىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ، شۇڭلاشقا ھەم پۈتۈن مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىنى چۈشىنىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى. ھەرقانداق بىر سودا، سانائەت، سىياسەت، مەمۇرىيەت، ھەربىي ئىشلار، دىن، مائارىپ قاتارلىق ساھەدىكى ئادەم دەرىجە تۈزۈمىدىكى ئورگان بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ ھەم پېتېر پىرىنسىپىنىڭ تىزگىنلىشىگە ئۇچرايدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ پىرىنسىپ بەش دەرىجىلىك ئورگاننىڭ يېتەرلىك قاتلىمى بولۇش شەرتىنى پەرەز قىلىش ئاساسىغا قۇرۇلغان. پېتېر پىرىنسىپى پاركىنسىن قانۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى