ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئارام ئېلىشنى تولۇقلاپ بېرىشنى ئىسمىنا ھەققىنىڭ ئورنىغا قويسا قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟

ئارام ئېلىشنى تولۇقلاپ بېرىشنى ئىسمىنا ھەققىنىڭ ئورنىغا قويسا قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟

ۋاقتى: 2016-03-23 ئاۋاتلىقى: 525 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 ئارام ئېلىشنى تولۇقلاپ بېرىشنى ئىسمىنا ھەققىنىڭ ئورنىغا قويسا قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟

 

جاۋاب: خىزمەتچىلەرنىڭ نورمال خىزمەت ۋاقتى كۈندە 8 سائەت، ھەر ھەپتىدە 40 سائەت ئىشلەيدۇ.

 

«ئەمگەك قانۇنى»دا ئارام ئېلىش كۈنىدە ئەمگەكچىگە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇپ ئارام ئېلىشىنى تولۇقلاپ بېرەلمىسە، مائاشىنىڭ %200دىن تۆۋەن بولمىغان ھەق بېرىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن.

 

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دەم ئېلىش كۈنىدە ئەمگەكچىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرسا، كارخانا ئالدى بىلەن تولۇقلاپ دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ.

تولۇقلاپ دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرالمىسا، ئاندىن %200تىن تۆۋەن بولمىغان ئىش ھەققى بېرىدۇ. دەم ئېلىش كۈنى ئادەتتە شەنبە يەكشەنبىنى كۆرسىتىدۇ. كارخانا تولۇقلاپ دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرالىسا، خىزمەتچى بويسۇنۇشى كېرەك. بۇ ھەم ئەمگەكچىنىڭ شەنبە يەكشەنبىدە دەم ئېلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ھەم خىزمەتچىنىڭ تەن سالامەتلىكىگىمۇ پايدىلىق، ھەم خىزمەتچىنى بەدەن قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ يېڭى خىزمەتكە كىرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان بولۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا پايدىلىق. قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، تولۇقلاپ دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرالمىسا، ئىدارە جەزمەن كۈنلۈك ئاساسىي مائاشىنىڭ %300 بويىچە ئىسمىنا مائاشى بېرىشى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى