ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كىرىزىسى

ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كىرىزىسى

ۋاقتى: 2016-08-08 ئاۋاتلىقى: 673 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كىرىزىسى دېگەن نېمە؟
ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كىرىزىسى  ئاممىۋىي مۇناسىۋەتتىكى كىرىزىسنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئاممىۋىي مۇناسىۋەتتىكى يېڭى بىر ئاتالغۇ. ئۇ بىر تەشكىلنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىنى نورمال داۋاملاشتۇرۇش، تەشكىلنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تەھدىت پەيدا قىلىپ، شۇ سەۋەبتىن بۇ تەشكىلنىڭ  ئوبرازىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان بەزى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 
ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كىرىزىس ھادىسىلىرى ئىنتايىن كۆپ، مەسىلەن: باشقۇرۇش توغرا بولماسلىق، مۇداپىئەنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، قاتناش ۋەقەسى قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋەقەسى؛ زاۋۇتقا ئوت كېتىش، يېمەك-ئىچمەكتىن زەھەرلىنىش، ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئادەم يارىلاندۇرۇشى قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقەلەر؛ يەر تەۋرەش، كەلكۈن، شامال ئاپىتى، چاقماق چېقىش ۋە باشقا تەبىئىي ئاپەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان؛ مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى ۋە جەمئىيەت-تەشكىلىنىڭ سىياسىي-ھەرىكەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان نام شۆھرەت كىرىزىسى قاتارلىقلار. بۇ كىرىزىسلەر ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىسا، جەمئىيەتكە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
شۇنداقلا، كىرىزىسلىق ئاممىۋىي-مۇناسىۋەت تىنچ نۇقتىدىن قارىغاندا ئاپەت ۋە كىرىزىستىكى ئاممىۋىي مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىدۇ؛ ھەرىكەتچان نۇقتىدىن قارىغاندا، ئاممىۋىي مۇناسىۋەتنىڭ كىرىزىستا تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشى، يەنى كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدىكى ئاممىۋىي مۇناسىۋەتتۇر. 
 
ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كىرىزىسىنىڭ تۈرلىرى:
ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن بۆلگەندە، ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كىرىزىسىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرلەرگە بۆلگىلى بولىدۇ:
1. مەۋجۇت بولۇش ھالىتىدىن قارىغاندا، ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كىرىزىسى ئادەتتىكى كىرىزىس ۋە ئېغىر كىرىزىس قاتارلىق ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. 
1) ئادەتتىكى كىرىزىس. ئادەتتىكى كىرىزىس ئاساسلىقى دائىم كۆرۈلىدىغان ئاممىۋىي مۇناسىۋەت ماجىراسىنى كۆرسىتىدۇ. مەلۇم نۇقتىدىن قارىغاندا، ئاممىۋىي مۇناسىۋەت ماجىراسى ھەقىقىي كىرىزىس قاتارىغا كىرمەيدۇ، ئۇ پەقەت ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كىرىزىسىنىڭ بىر سىگنالى، ئالامىتى ۋە ئىشارىسى. بۇ خىل ماجىرا دەل ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنسىلا  ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كىرىزىسىغا ئايلانمايدۇ، شۇنداقلا كىرىزىس ھالىتى پەيدا قىلمايدۇ. 
#p#
2) ئېغىر كىرىزىس. ئاتالمىش ئېغىر كىرىزىس ئاساسلىقى كارخانىلارنىڭ چوڭ تىپتىكى ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋەقەسى، ئېغىر ئىشلەپچىقىرىش خاتالىقى، ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئىقتىساد كىرىزىسى، ئەمگەكچىلەر بىلەن كاپىتالىستلار ئوتتۇرىسىدىكى چوڭراق ماجىرالارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار چوقۇم دەل ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىسا بولمايدىغان ھەقىقىي كىرىزىس. مەسىلەن: مەھسۇلات ۋە كارخانىنىڭ ئوبراز كىرىزىسى، پايچىك سودىسىدىكى تۇيۇقسىز چوڭ كۆلەملىك سېتىۋېلىش قاتارلىقلار، ئاممىۋىي خىزمەتچىلەر چوقۇم بۇ خىل ھادىسىلەرنى  دەل ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى، ئەڭ ياخشىسى ئادەتتە تەييارلىق ھالەتتە تۇرۇشى كېرەك. 
 
2. كىرزىس بىلەن مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنىڭ مۇناسىۋەت دەرىجىسى ۋە تەۋەلىك ئوبيېكتىدىن قارىغاندا، ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كىرىزىسى ئىچكى ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كىرىزىسى ۋە تاشقى ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كىرىزىسى قاتارلىق ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. 
1) ئىچكى ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كىرىزىسى. كارخانىنىڭ ئىچكى قىسمىدا يۈز بەرگەن ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كىرىزىسى ئىچكى ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كىرىزىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئىچكى ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كىرىزىسى كارخانىنىڭ ئىچكى قىسمىدىلا كۆرۈلىدۇ. ياكى بۇ خىل كىرىزىسنى ئادەتتە  كارخانىنىڭ خادىملىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم مەسئۇلىيەتنىمۇ كارخانىنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. 
2) تاشقى ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كىرىزىسى. تاشقى ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كىرىزىسى ئىچكى ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كىرىزىسىگە قارشى ئېيتىلغان. ئۇ كارخانىنىڭ سىرتىدا يۈز بېرىدىغان، كۆپرەك ئاممىنىڭ پايدا-مەنپەئەتىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان كىرىزىسىنى كۆرسىتىدۇ. مەزكۇر كارخانا پەقەت زىيانغا ئۇچرىغانلارنىڭ بىرى بولىدۇ. 
بۇ نۇقتىدىن ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كىرىزىسىنىڭ تۈرلىرىنى ئېنىق بۆلگەندە، ئىچكى بىلەن تاشقى بەزىدە نىسپىي. چۈنكى بەزى ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كىرىزىسىنىڭ يۈز بېرىشىدە ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبنىڭ ھەر ئىككىلىسى بار، ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيەتمۇ كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. شۇڭا ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كىرىزىسىنى تۈرگە بۆلگەندە ۋە بىر تەرەپ قىلغاندا مەسىلىلەرنى چوقۇم كونكرېت تەھلىل قىلىپ، ياخشى  بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. 
#p#
مەسىلەن: ئۆسەك سۆز كەلتۈرۈپ چىقارغان كىرىزىس؛ ھۆكۈمەت سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىرىزىس؛ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە ئورگانلار ئوتتۇرىغا قويغان بەزى ئۇچۇر سەۋەبىدىن پەيدا بولغان كىرىزىس؛ قانۇن مەسىلىسىگە چېتىشلىق كىرىزىس؛ مىللەت، دىن، مەدەنىيەت پەرقى، جىنسى كەمسىتىش قاتارلىق جەمئىيەت مەسىلىلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىرىزىس؛ بەزى سەزگۈر مەسىلىلەرگە چېتىلىپ قىلىشتىن پەيدا بولغان كىرىزىس؛ قەستەن سېتىۋېلىشتىن كەلگەن كارخانىنىڭ قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى پەيدا قىلغان كىرىزىس؛ تەشكىلنىڭ كومپيۇتېر تورىغا "قارا مېھمان" نىڭ ھۇجۇم قىلىشى پەيدا قىلغان كىرىزىس؛ تەبئىي ئاپەتلەر ۋە باشقا كونترول قىلغىلى بولمايدىغان ئېلېمېنتلار كەلتۈرۈپ چىقارغان كىرىزىس؛ مۇھىت ئاسراش پەيدا قىلغان كىرىزىس قاتارلىقلار. 
 
3. كىرىزىسنىڭ كارخانىغا كەلتۈرگەن زىيىنىنىڭ كۆرۈلۈش ھالىتىگە ئاساسەن، ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كىرىزىسى ئىككى خىل بولىدۇ، يەنى شەكىللىك ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كىرىزىسى ۋە شەكىلسىز ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كىرىزىسى. 
1) شەكىللىك ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كىرىزىسى. بۇ خىل كىرىزىس كارخانىغا بىۋاسىتە ھەم ئوچۇق ئاشكارە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، ئادەتتە كۆزگە تايىنىپلا بۇ زىيانلارنى بايقىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئوي ئۆرۈلۈپ چۈشۈش، پارتلاش، تاۋار ئوبوروتىدىكى قاتناش ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئادەم يارىلىنىش ۋە مال-مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى. 
1989-يىلى 6-ئايدا، چېڭدۇ شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ تۈرلۈك ماللار ماگىزىنى چېڭدۇ خەلق سودا-سارىيىغا ئوت كېتىپ ھەممە نەرسە كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ نەچچە يۈز مىليونلۇق زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان. چېڭدۇ خەلق سودا-سارىيىدا يۈز بەرگەن ۋەقە شەكىللىك كىرىزىسقا تەۋەدۇر. 
2) شەكىلسىز ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كىرىزىسى. كارخانىغا كەلتۈرگەن زىيىنى ئېنىق بولمىغان كىرىزىسنى كۆرسىتىدۇ. ھەرقانداق كارخانىنىڭ ئوبرازىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان كىرىزىسنىڭ ھەممىسى شەكىلسىز ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كىرىزىسقا تەۋە. ئەگەر جىددىي ئۈنۈملۈك ئۇسۇل قوللانمىسا، ئاللىقاچان دەخلىگە ئۇچرىغان كارخانا ئوبرازى كارخانىنى تېخىمۇ چوڭ زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. 
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى