دۆلەت ئىلكىدىكى ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سالغان شىركەتلەردە پايچىلار ئۇيۇشمىسى تەسس قىلماسلىققا دائىر بەلگىلىمىلەر
يانفوندا كۆرۈش
بېشى «پايچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كېڭىشىش قائىدىسى» بۇ يەردە!
3. دۆلەت ئىلكىدىكى ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سالغان شىركەتلەردە پايچىلار ئۇيۇشمىسى تەسس قىلماسلىققا دائىر بەلگىلىمىلەر
«شىركەت قانۇنى» نىڭ 66-ماددىسىدا، دۆلەت ئىلكىدىكى ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سالغان شىركەتلەردە پايچىلار ئۇيۇشمىسى تەسىس قىلىنمايدۇ، دۆلەت مەبلەغ سېلىشقا ھوقۇق بەرگەن ئاپپارات ياكى دۆلەت ھوقۇق بەرگەن تارماق، ھوقۇق بېرىلگەن شىركەتنىڭ مۇدىرىيىتى پايچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بىر قىسىم خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، شىركەتنىڭ مۇھىم ئىشلىرىنى بەلگىلەيدۇ. لېكىن شىركەتنى قوشۇۋېتىش، ئايرىش، تارقىتىۋېتىش، كاپىتالىنى كۆپەيتىش، ئازايتىش ۋە شىركەت قەرز چېكى تارقىتىشنى دۆلەت مەبلەغ سېلىشقا ھوقۇق بەرگەن ئاپپارات ياكى دۆلەت ھوقۇق بەرگەن تارماق بەلگىلەيدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.