ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

2013-يىلى دۆلىتىمىز ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ھەققىدە

2013-يىلى دۆلىتىمىز ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ھەققىدە

ۋاقتى: 2016-07-22 ئاۋاتلىقى: 560 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ ئاستا بولۇشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، 2012-يىلى، جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىرىدا ئومۇمىي جەھەتتىن چېكىنىش بولۇپ، جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىرىدىكى سودا كۆلىمى سەككىز تىرىليون 100 مىليارد يۈەنگە يەتتى؛ بازار قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، توردا مال سېتىۋېلىش 100 مىليارد يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتۈپ، 2011-يىلىغا قارىغاندا ئىگىلەش نىسبىتى ئېشىپ، توردىكى ساياھەت نىسبىتىدە مۇقىم ئېشىش كۆرۈلگەن. ئەمما B2B نىڭ ئىگىلەش نىسبىتى 2 پىرسەنت پوئېنتى چۈشكەن. ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىرىنىڭ كۆلۈمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىمۇ تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن؛ بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، 2012-يىلى خەلقئارا سودىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى چېكىنگەن بولۇپ، ياۋروپا قەرز كىرىزىسى ئۈزلۈكسىز كەسكىنلىشىپ، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاستا بولغانلىقتىن، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تارىيىش قەدىمى تېزلەشكەن؛ ئۇنىڭدىن باشقا تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدىمۇ بۇ خىل ھالەت ئەكىس ئەتكەن بولۇپ، 2012-يىلى يىلى جۇڭگونىڭ پۈتۈن ئىمپورت-ئېكىسپورت ئومۇمىي سوممىسى ئۈچ تىرىليون 866 مىليارد 760 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 2011-يىلدىكىدىن %6.2 ئېشىپ، 2011-يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئېشىش سۈرئىتى %22.5 بولۇپ، 16 پىرسەنت پوئېنتى چۈشكەن. ھازىر ئىقتىساد مۇھىتى كارخانىلار ئارا سودا ئالاقىسىگە نىسبەتەن زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، B2B قىسمەن سودا كۆلىمى ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ %80 يۇقىرى قىسمىنى ئىگىلىگەن، B2B بازار كۆلىمى 2012-يىلىدىكى ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن.
2013-يىلى ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھەسى بىر تەڭشەش دەۋرىگە كىرىدۇ، جىڭدۇڭ، سۇنىڭ، داڭداڭغا ئوخشاش ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى كۈچلۈك تەرەققىياتنى ساقلاش بىلەن بىرگە، تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى كۆلەمدىن "پايدا ئېلىش" يۆنىلىشىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئەمما ئالى بابانىڭ قارمىقىدىكى تاۋباۋ تورى ۋە تيەنماۋ شەھەرچىسى جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق سودىسىدا يەنىلا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. لېكىن ئالى بابا 2013-يىلنىڭ بېشىدا شىركەتنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسىغا قارىتا قايتا تەڭشەش ئېلىپ بارغانلىقتىن، داۋاملىق بۇ ساھەنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ يوق بۇ ۋاقىتنىڭ ئىسپاتلىشىغا قاراشلىق مەسىلە. شۇنىڭ ئۈچۈن مۆلچەرلەشكە بولىدۇكى، ئۇنىۋېرسال سۇپا B2C ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا نىسبەتەن كۈچلۈك بولۇپ، ۋېرتىكال ۋە ئىنچىگە بۆلۈنگەن بازاردا ئېلېكتىرونلۇق سودا تەدرىجىي ھالدا داۋاملىق زورىيىدۇ؛ ئۇنىڭدىن قالسا، ئوپچە سېتىۋېلىش (O2O) تېپىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودىمۇ داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ، ساھەدىكى رەت تەرتىپى جەھەتتە تەدرىجىي ھالدا سۈ يۈزىگە لەيلەپ چىقىدۇ.
#p#
2013-يىلى دۆلەت ئىچى ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھەسىمۇ يېڭى بىر قېتىملىق ساھە بويىچە چوڭ سەكرەشنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئوتتۇرا-كىچىك تىپتىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەسلىدىنلا تار بولغان ھاياتلىق بوشلۇقىدا داۋاملىق سىقىپ چىقىرىلىشقا دۇچ كېلىدۇ. 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە، سۇنىڭ ئېلېكتىرونى (002024) ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شىركەتنىڭ ئىسمىنى «سۇنىڭ بۇلۇت سودا گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى»گە ئۆزگەرتىپ، كارخانىنىڭ كەلگۈسى تىجارەت دائىرىسى ۋە سودا ئەندىزىسىگە ماسلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شىركەتنىڭ ئېنگلىزچە ئىسمىدىمۇ مۇناسىپ ئۆزگىرىش بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق سودا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، سۇنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىسى 2013-يىلى ئېلېكتىرونلۇق سودىنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغان بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا باش ئورنى قۇرۇپ، سەككىز كەسپىي ئورۇن تەسىس قىلىدىكەن. بۇنىڭ كونكرېت پىلانى پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدىكەن. 2-ئاينىڭ 16-كۈنى، جىڭدۇڭ شەھەرچىسى ئوڭۇشلۇق ھالدا يېڭى بىر قېتىملىق سوممىسى تەخمىنەن 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئادەتتىكى پايچەك پاي ھوقۇقى مەبلىغى يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
تەرەققىيات يۆنىلىشىدىن قارىغاندا، ئېلېكتىرونلۇق سودا سىرتقا قارىتا داۋاملىق كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، پۇل-مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى، ئېسىل مەھسۇلاتلار ئىستېمالىنى ۋەكىل قىلغان ئوبوروتسىز ئېلېكتىرونلۇق سودا پۈتكۈل بازارنىڭ ئاساسلىق تولۇقلاش كۈچى بولۇپ قالىدۇ. پۇل-مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىدىكى فوند كەسپى، بېلەت ئىشلىرى قاتارلىق ئىنچىكە ئايرىلغان بازار كۆپ يىللاردىن بىرى تەجرىبە توپلاپ كەلگەن بولۇپ، ئەنئەنىۋىي يوللار بىلەن ئۆزئارا قارىشىلىشىدىغان مۇھىم ئوبوروت يولى بولۇپ قالىدۇ.
2012-يىلى، سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، سانائەت ئۇچۇر مىنىستىرلىقى ۋە يەرلىك ئىقتىساد ئۇچۇر كومىتېتلىرى قاتارلىق نازارەت ئورۇنلىرى ئاللىبۇرۇن ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى "12-بەش يىللىق" پىلان دائىرىسىگە كىرگۈزدى. دۆلەتنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ نەشرىنى كۆتۈرۈشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچىسى بولۇش، GDP نى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى ۋاسىتە ئىقتىساد تىپ ئەندىزىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن كەلگۈسىدە ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ كۆپ سىياسەت بايلىقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارمۇ بۇ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان بازارغا سىغدىلىپ كىرىپ، ھازىرقى بازاردىكى يۇشۇرۇن رىقابەت كۈچىگە ئايلىنىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى