ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەمگەك توختامى (ئۇيغۇرچە)

ئەمگەك توختامى (ئۇيغۇرچە)

ۋاقتى: 2015-11-18 ئاۋاتلىقى: 978 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەمگەك  توختامى
 
 
(پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەم ئىشلىتىدىغانلار ئىشلىتىدۇ)
 
 
ئا تەرەپ :____________________________
 
ب تەرەپ :____________________________
 
توختام ئىمزالىغان ۋاقىت:____يىل ____ئاي ___كۈن
 
ب تەرەپنىڭ  ئالاقىلىشىش تېلفۇنى :______________
 
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى نازارەت قىلىپ باستۇردى
ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەسلىھەت سوراش تىلىفۇن نۇمۇرى:12333
___________
 
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنى» ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزام–بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئا ب ئىككى تەرەپ قانۇنلۇق، ئادىل، باراۋەر، ئىختىيارى بولۇش، ئورتاق كېڭىشىش، سەمىمى بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ بۇ توختامنى ئىمزالايدۇ ھەمدە ئورتاق رىئايە قىلىدۇ.

 
1.ئا تەرەپنىڭ ئاساسى ئەھۋالى
1-ماددا ئا تەرەپ________________
قانۇنى ۋەكىلى (ئاساسلىق مەسئۇلى) ياكى ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچى______________
  ئىقتىساد شەكلى: _________ئالاقىلاشقۇچى ھەم ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى:_______  
تىزىمغا ئالدۇرغان ئادرېسى: ______________________________
تىجارەت قىلىدىغان ئادرېسى: _______________________________
ئالاقىلىشىش ئادرېسى:__ _____________________________
 
2. ب تەرەپنىڭ ئاساسى ئەھۋالى
2- ماددا ب تەرەپ ____________   جىنسى ___ يېشى_______
نۇپۇسنىڭ   تۈرى  (غەيرى يېزا ، يېزا)_________________ _____
كىملىك نۇمۇرى _________________  ياكى باشقا ئىناۋەتلىك گۇۋانامىسىنىڭ نامى______ گۇۋانامە نۇمۇرى__________________
ئا تەرەپ خىزمەت قىلىشقا باشلىغان ۋاقتى _____يىلى ____ئاينىڭ ____كۈنى
ئائىلە ئولتۇرۇقى_________________________ پوچتا نۇمۇرى ________
شىنجاڭدا ئولتۇراقلاشقان ئادىرېسى______________ پوچتا نۇمۇرى________
نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ____ئۆلكە (شەھەرلىك) ______رايۇنلۇق ( ناھىيە )_______  كوچا ( يېزا – بازار )
#p#
 
3. ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى
3-ماددا  ئا ب  ئىككى تەرەپ تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە ئەمگەك توختام مۇددىتى›نى بېكىتىدۇ.
(1) تۇراقلىق مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى:  بۇ توختام ____يىلى ____ئاينىڭ ____كۈنىدىن باشلىنىپ ____يىلى ____ئاينىڭ ___كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.   بۇنىڭ ئىچىدىكى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى___يىل __ئاينىڭ __كۈنىگىچە بولىدۇ.
(2) تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى: بۇ توختام ____يىلى ____ئاينىڭ ____كۈنىدىن باشلىنىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدىكى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى___يىل ___ئاينىڭ ___كۈنىگىچە بولىدۇ.
(3) مۇئەييەن ئىشنى پۈتتۈرۈش مۇددەت قىلىنغان ئەمگەك توختامى: بۇ توختام ____يىلى ____ئاينىڭ ____كۈنىدىن باشلىنىپ ئەمگەك ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولغاندا ئاخىرلىشىدۇ.
 
4. خىزمەت مەزمۇنى ۋە خىزمەت ئورنى
4-ماددا ئا ب ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن ئەمگەك توختامىنى ئادا قىلىدىغان ئورۇن ___________________________.
5-ماددا  ئا تەرەپنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ب تەرەپ _________ئىش ئورنىدا __________خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا قوشۇلدى. ئا تەرەپ خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن مۇۋاپىق ، سەمىمىي بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ب تەرەپنىڭ خىزمەت ئورنىنى قانۇن بويىچە ئالماشتۇرسا بولىدۇ.
  6-ماددا  ئا تەرەپ ب تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەت مەزمۇنى ھەم ب تەرەپ ئوتتۇرغا قويغان خىزمەت تەلىۋى دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىدا بەلگىلەنگەن ئەمگەك مىزانى ۋە ئا تەرەپ قانۇن بويىچە تۈزگەن ھەم ئاشكارلىغان قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. ب تەرەپ ئا تەرەپ ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەت مەزمۇنى ھەم تەلىپى بويىچە ئەمگەك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
 
5. ئىش ۋاقتى ۋە دەم ئېلىش ئەھۋالى
7-ماددا  ئا ب ئىككى تەرەپ بىر پىكىرگە كېلىپ تۆۋەندىكىدەك ___ماددىلار بويىچە ئۆلچەملىك ئىش ۋاقتى تۇزۇمىنى بېكىتىپ ئىجرا قىلىدۇ. ب تەرەپنىڭ خىزمەت ۋاقتى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ھەر ھەپتىلىك خىزمەت ۋاقتى 40 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
(1) ئا تەرەپ كۈنىگە ____سائەتلىك ئىش ۋاقتى تۈزۇمىنى يولغا قويىدۇ.
كونكرتنى خىزمەت دەم ئېلىش ۋاقتى ئا تەرەپ تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلاشتۇرىدۇ:
ھەر ھەپتىنىڭ ____كۈنىدىن _____كۈنىگىچە خىزمەت قىلىدۇ، چۈشتىن بۇرۇن ____چۈشتىن كېيىن ____. ھەر ھەپتىنىڭ ______كۈن دەم  ئېلىش كۈنى بولىدۇ.
(2) ئا تەرەپ ئىسمېنا تۈزۈمى يولغا قويىدۇ. ب تەرەپكە ____ئىسمېنا ______ئايلانما خىزمەت تۇزۇمى يولغا قويىدۇ.
8-ماددا ئا تەرەپ ب تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرغان ______خىزمەت ئورنى ئومۇملاشتۇرۇپ ھېسابلايدىغان ئىش ۋاقتى خىزمەت تۈزۈمى بولۇپ، ئىككى تەرەپ  قانۇن بويىچە ئومۇملاشتۇرۇپ ھىسابلايدىغان ئىش ۋاقتى تۈزۈمى بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ.
ئا تەرەپ ب تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرغان _____خىزمەت ئورنى مۇقۇمسىز ئىش ۋاقتى تۈزۈمى ئىش ئورنى بولۇپ ئىككى تەرەپ قانۇن بويىچە مۇقۇمسىز ئىش ئورنى خىزمەت تۈزۈم بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ
#p#
9-ماددا ئا تەرەپ دۆلەتنىڭ ئىسمېنا قوشۇپ خىزمەت قىلىشىغا ئائىت مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ. ب تەرەپنىڭ دەم ئېلىشىغا ، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئا تەرەپ ھەقىقەتەن خىزمەت ئىېھتىياجى تۈپەيلىدىن ب تەرەپنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرغاندا چوقۇم ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ب تەرەپنىڭ ماقۇللىغىنى ئېلىشى كېرەك. ئۇزارتىلغان خىزمەت ۋاقتى كۈنىگە 3 سائەتتىن ئېيىغا 36 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىگى كېرەك. ھەمدە قانۇن بويىچە ب تەرەپكە دەم ئېلىش ۋاقتى تۇلۇقلاپ بېرىشى ياكى ئىسمېنا ئىشلىگىنىگە مائاش بېرىشى كېرەك. قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيىت- بايرام كۈنلىرى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن بولسا، چوقۇم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگىنىگە مائاش بېرىشى كېرەك.
ئا تەرەپنىڭ قىسمەن خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئومۇملاشتۇرۇپ ھىسابلايدىغان ئىش ۋاقتى خىزمەت تۈزۈمى ياكى مۇقۇمسىز ئىش ۋاقتى خىزمەت تۈزۈمى يولغا قويۇشقا ئېھتىياجلىق بولسا ئا تەرەپ ئەمگەك مەمۇرى تارماقلىرىغا يوللاپ تەكشۇرتۇپ تەستىقلاتقاندىن كىيىن يولغا قويسا بولىدۇ.
10-ماددا  ئا تەرەپ قانۇن بويىچە ب تەرەپنىڭ دەم ئېلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ب تەرەپ دۆلەتنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھېيت-بايرام كۈنلىرى ھەمدە تۇققان يوقلاش، توي، ئۆلۇم-يېتىم، پىلانلىق تۇغۇت  قاتارلىق دەم ئېلىش ھوقۇقلىرىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدۇ.
ئا تەرەپ «ئىشچىلار يىللىق دەم ئېلىش تۈزۈمى»گە ئاساسەن ب تەرەپكە قانۇن بويىچە يىللىق دەم ئېلىش تۈزۈمىدىن بەھرىمان بولۇشىعا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.
 
6. ئەمگەك ھەققى
11-ماددا ئا تەرەپ ئۆز ئورنىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئالاھىدىلىگى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىگە بىرلەشتۇرۇپ قانۇن بويىچە ئۆز ئورنىنىڭ مائاش تەقسىمات تۈزۈمىنى بېكىتىدۇ. ب تەرەپنىڭ مائاش سەۋىيەسىنى ئۆز ئورنىنىڭ مائاش تەقسىملەش تۈزۈمىگە ئاساسەن ب تەرەپنىڭ ئەمگەك ماھارىتى، ئەمگەك سىجىللىقى، ئەمگەك شارائىتى، ئەمگەك تۆھپىسى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۇرۇپ بېكىتىدۇ. ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بېرىش يولغا قويۇلىدۇ.
12-ماددا ئا تەرەپ ھەر ئايدا ئاز دىگەندە بىر قېتىم پۇل بېرىش شەكلى بىلەن ب تەرەپكە مائاش بېرىدۇ. ب تەرەپنىڭ مائاشىنى تۇتۇپ قېلىشقا ياكى سەۋەپسىز نىسى قالدۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر ھېيت-بايرام كۈنلىرىگە ياكى دەم ئېلىش كۈنلىرىگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا، ئەڭ يېقىنقى خىزمەت كۈنىدە بېرىدۇ. ئا تەرەپ ب تەرەپكە مائاش بەرگەن ۋاقتىنى، پۇل سوممىسىنى، خىزمەت كۈنىنى، ئىمزاسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى يېزىقچە خاتىرلەيدۇ ھەمدە ب تەرەپنى مائاش تىزىملىگى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ب تەرەپ قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ۋاقتىدا ياكى قانۇن بويىچە ئىمزالىغان ئەمگەك توختامىدا پۈتۈشكەن خىزمەت ۋاقتىدا نورمالنى ئەمگەك بىلەن تەمىن ئەتكەن بولسا ئا تەرەپنىڭ ب تەرەپكە بېرىدىغان مائاشى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.
(1) ئا تەرەپ ھەر ئاينىڭ ____كۈنى ئىش ھەققى تارقىتىدۇ.
(2) ب تەرەپنىڭ سىناق ئىشلەش مەزگىلىدىكى مائاشى ئېيىغا _____يۈەن بولىدۇ.
(3) ئا ب ئىككى تەرەپ بىرلىككە كېلىش ئارقىلىق ب تەرەپنىڭ مائاشىغا تۆۋەندىكىدەك ______ماددىنى تاللاپ بىكىتىدۇ.
a. ب تەرەپنىڭ مائاشىنى ئا تەرەپ قانۇن بويىچە بىكىتكەن قائىدە-تۈزۈملەردىكى ئىچكى قىسىمدا تەقسىملەش چارىسى بويىچە بىكىتىدۇ. ب تەرەپنىڭ خىزمەت ئىش ئورنىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ ئايلىق مائاشى _____يۈەن قىلىپ بېكىتىلىدۇ.
b. ئا تەرەپ ب تەرەپكە ئاساسى مائاش ۋە نەتىجە-ئۈنۈم مائاشى بىرلەشتۇرگەن ئىچكى قىسىمدىكى مائاش تەقسىملەش چارىسى يولغا قويىدۇ.  ب تەرەپنىڭ ئاساسى مائاشىنى ئېيىغا _____يۈەن قىلىپ بېكىتىدۇ. بۇندىن كeيىن ئىچكى قىسىمدىكى مائاش تەقسىملەش چارىسىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ مائاشىنى تەڭشەيدۇ. نەتىجە، ئۈنۈم مائاشى ب تەرەپنىڭ خىزمەت نەتىجىسى، ئەمگەك مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ئەمىلىي تۆھپىسىگە ئاساسەن ئىچكى قىسىمدىكى تەقسىملەش چارىسى بويىچە باھالاپ بىكىتىلىدۇ.
c. ئا تەرەپ ئىش بېشىغا قاراپ مائاش بېرىدىغان تۈزۈم يولغا قويغان بولسا ، ب تەرەپنىڭ ئەمگەك نورمىسى ئۆز ئورنىنىڭ ئوخشاش ئىش ئورنىدىكى %80 تىن ئارتۇق ئەمگەكچى قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ۋاقتىدا تاماملاپ بولالايدىغان نورما بويىچە بېكىتىلىدۇ. ب تەرەپ قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ۋاقتىدا سۇپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا، ئا تەرەپنىڭ نورمىسىنى تاماملىسا، ئا تەرەپ پۈتۈشۇمدىكى نورما ۋە ئىش بېشىغا قاراپ بېكىتىلگەن يەككە باھا بويىچە ب تەرەپنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا تۇلۇق بېرىشى كېرەك.
#p#
(4) ئا تەرەپ كارخانىنىڭ تىجارەت ئۈنۈمى، شۇ جايدىكى ئەمگەك مەمۇرى تارماقلىرى تۈزۈپ ئېلان قىلغان مائاش يېتەكچى لىنىيەسى ، مائاش يېتەكچى باھاسى، ئادەم كۈچى نەرخى ئۇچۇرلىرى قاتارلىق تۈزۈملەرگە ئاساسەن ب تەرەپنىڭ مائاشىنى مۇۋاپىق ئۆستۇرىدۇ . ب تەرەپنىڭ مائاش ئېشىش چارىسى________________(مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش كېلىشىمى، ئىچكى قىسىمدىكى مائاشنىڭ نورمالنى ئېشىش چارىسى) گە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.
ئا ب ئىككى تەرەپنىڭ مائاشقا قارىتا باشقا پۈتۈشمىلىرى __________________________
_______________________________________________________
13-ماددا ئا تەرەپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش خىزمەت ۋەزىپىسى تولۇق بولمىغان ياكى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ب تەرەپ ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان بولسا ئا تەرەپنىڭ ب تەرەپكە ئايدا بېرىدىغان تۇرمۇش پۇلى ______يۈەن ياكى __________بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
 
7. ئىجتىمائى سۇغۇرتا ھەم ئۇنڭىدىن باشقا سۇغۇرتا پاراۋانلىق تەمىناتلىرى
14-ماددا ئا ب ئىككى تەرەپ قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىدۇ. تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاقتىدا تاپشۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ب تەرەپ قانۇن بويىچە تاپشۇرۇشقا تېگىشىلىك قىسمىنى ئا تەرەپ ب تەرەپنىڭ مائاش ئىش ھەققىدىن تۇتۇپ قېلىپ ۋاكالىتەن تاپشۇرىدۇ.
15-ماددا ئا تەرەپ ب تەرەپ ئۈچۈن تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرىدۇ. ھەمدە ھەر يىلى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئۆز ئورنىنىڭ پۇتۇن بىر يىللىق ئىجدىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىدۇ. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.
-16ماددا ئەگەر ب تەرەپ ئىشتا يارىلىنىش ھادىسىسىگە ئۇچۇرسا ئا تەرەپنىڭ ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتى بولىدۇ ياكى مۇمكىن قەدەر ياردەم قىلىدۇ ھەمدە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئەمگەك مەمۇرى تارماقلىرىغا ئىشتا يارلانغانلىغىنى بېكىتىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنىدۇ. ب تەرەپنى قانۇن بويىچە ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالىتىپ ئىشتا يارلانغاندىكى داۋالىنىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ ۋە زۆرۈر بولغان مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىدۇ.
17-ماددا ئا تەرەپ ب تەرەپ ئۈچۈن تۇلۇقلىما ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى (كارخانا يىللىق فوندى) ۋە تۇلۇقلىما داۋالىنىشنى بىجىرىپ بېرىدۇ. كونكرىتنى ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە :___________________
_______________________________________________________________________________________________________________________.
18-ماددا ئا تەرەپ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك پاراۋانلىق تەمىناتىنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىدۇ. ھەمدە ب تەرەپ ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك پاراۋانلىق تەمىناتى بىلەن تەمىن ئېتىشكە قوشۇلىدۇ:  ______________________
_________________________________________________________________________________________________________.   
#p#
8. ئەمگەك مۇھاپىزىتى، ئەمگەك شارائىتى ۋە كەسپى خەۋپ مۇداپىئەسى
19-ماددا ئا تەرەپ دۆلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمگەك مۇھاپىزىتىدىكى بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن دۆلەتنىڭ ئەمگەك سەھىيە ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئەمگەك مەشغۇلات سورىنى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ب تەرەپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدىكى بىخەتەرلىكىگە ۋە ساغلاملىقىغا ھەقىقى تۈردە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئەگەر ب تەرەپنىڭ خىزمەت جەريانىدا كەسپى كېسەل خەۋپىگە دۇچار بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولسا ئا تەرەپ راستچىللىق بىلەن ب تەرەپكە ئۇقتۇرۇشى ھەمدە «كەسپى كېسەللىكتىن مۇداپىئە كۆرۇش قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ب تەرەپنىڭ ساغلاملىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئالاقىدار ھوقۇق مەنپەتىنى قوغدايدۇ.
20-ماددا ئا تەرەپ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىلىرى بويىچە ب تەرەپ شۇغۇللانغان خىزمەت ئورنىغا ئاساسەن ب تەرەپ ئېھتىياجلىق بولغان ئەمگەك مۇھاپىزەت بويۇملىرىنى تارقىتىپ بېرىدۇ. ھەمدە ھەر  ____(يىل، ئاي، كۈن) ب تەرەپنى ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتىدۇ.
21-ماددا ئا تەرەپ دۆلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك مۇھاپىزىتى ۋە ساغلاملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.
22-ماددا ب تەرەپ ئا تەرەپنىڭ  قائىدىگە خىلاپ ھالدا  قوماندانلىق قىلىش ياكى خەتەرلىك مەشغۇلات قىلىشقا بۇيرۇش قىلمىشىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئا تەرەپ ھەم ئۇنىڭ باشقۇرغۇچى خادىملىرى ب تەرەپنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىگى ۋە جىسمانىي ساغلاملىغى بىلەن كارى بولماسلىقتەك قىلمىشىلارنى سادىر قىلسا ئا تەرەپكە تەنقىدىي پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇشقا ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا پاش قىلىش ۋە شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
 
9.كەسىپ رىقابىتى مەخپىيەتلىك چەكلىمىسى ۋە تەربىيلەش ئىشلەپ بىرىش پۈتۈشىمى
23-ماددا ئا ب ئىككى تەرەپ، ئورتاق كېڭىشىپ تۆۋەندىكى ____ماددىلارنى پۈتۈشىدۇ:
a. ب تەرەپنىڭ حىزمىتى ئا تەرەپنىڭ سودا مەخپىيىتى ۋە بىلىم مۈلۈك ھۇقۇق مەخپىيىتىگە چېتىلسا، ئا تەرەپ ئىشتىن ئىلگىرى ب تەرەپ بىلەن قانۇن بويىچە كېڭىشىپ سودا مەخپىيتىنى ساقلاشنى پۈتۈشسە ياكى كەسىپ رىقابىتى چەكلىمىسى كېلىشىمى تۈزسە بولىدۇ (كەسىپ مەخپىيەت رىقابىتى چەكلىمىسى كېلىشىمى مۇشۇ توحتامنامىنىڭ قۇشۇمچە قىسمى قىلىنىدۇ).
b. ئا تەرەپ چىقىم قىلىپ ب تەرەپنى كەسپى تېحنىكا بويىچە تەربىيەلىگەن، ھەمدە ب تەرەپتىن ئىشلەپ بېرىش مۇددىتىنى ئاداقىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، ئىشتىن ئىلگىرى ب تەرەپنىڭ ماقۇللىقىنى  ئالىدۇ ھەمدە كېلىشىم تۈزۈپ ئىككى تەرەپنىڭ ھۇقۇق-مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ (تەربىيەلەش ئىشلەپ بېرىش كېلىشىمى مۇشۇ توختامنامىنىڭ قۇشۇمچە قىسمى قىلىنىدۇ).
#p#
10. ئەمگەك توختىمىنى بىكار قىلىش ، ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي تۆلەم
24-ماددا ئا ب ئىككى تەرەپ ئەمگەك توختىمىنى بىكار قىلغاندا، ئاخىرلاشتۇرغاندا، داۋاملاشتۇرۇپ ئىمزالىغاندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختام قانۇنى» ۋە دۆلەت ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەت، بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىجرا قىلىدۇ.
25-ماددا ئا ب ئىككى تەرەپ بۇ توختامنى بىكار قىلسا ياكى ئاخىرلاشتۇرغاندا «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 36-ماددىسى، 37-ماددىسى ، 38-ماددىسى، 39-ماددىسى، 40-ماددىسى، 41-ماددىسى، 42-ماددىسى، 43-ماددىسى، 44-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېلىپ بارىدۇ.
26-ماددا ئا ب ئىككى تەرەپ بۇ توختامنى بىكار قىلسا ياكى ئاخىرلاشتۇرغاندا، «ئەمگەك توختام قانۇنى» نىڭ 46-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە مۇۋاپىق كەلسە ئا تەرەپ ب تەرەپكە ئىقتىسادىي تۆلەم بېرىدۇ.
27-ماددا  ئا تەرەپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ بۇ توختامنى بىكار قىلغاندا ياكى ئاخىرلاشتۇرغاندا ب تەرەپ توختامنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلسا، داۋاملىق ئىجرا قىلىشى كېرەك: ب تەرەپ توختامنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلمىسا ياكى توختامنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشقا مۇمكىن بولمىسا ئا تەرەپ قانۇنغا ئاساسەن ئىقتىسادىي تۆلەم ئۆلچىمىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە ب تەرەپكە تۆلەم تۆلەيدۇ .
ب تەرەپ قانۇنغا خىلاپ ھالدا توختامنى بىكار قىلىپ ئا تەرەپكە زىيان كەلتۇرگەن بولسا تۆلەم جاۋاپكارلىغىنى ئۇستىگە ئالىدۇ.
28-ماددا توختامنى بىكار قىلغاندا ياكى ئاخىرلاشتۇرغاندا، ئا تەرەپ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەمگەك توختامى بىكار قىلىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش ئىسپاتىنى چىقىرىپ بېرىشى ھەمدە 15 كۈن ئىچىدە ب تەرەپ ئۈچۈن ئارخىپ ۋە ئىجدىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى بىجىرىپ بېرىشى كېرەك.
29-ماددا ب تەرەپ ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىمى بويىچە، خىزمەتلەرنى ئۆتكۇزۇپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش رەسمىيىتىنى بىجىرىشى كېرەك. ئىقتىسادىي تۆلەم بېرىشكە توغرا كەلسە، خىزمەت ئۆتكۇزۇپ بېرىش-ئۆتكۇزۇۋېلىش ۋاقتىدا بېرىشى كېرەك.
#p#
11. توختامدىكى ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن باشقا مەزمۇنلار
30-ماددا  ئا ب ئىككى تەرەپ بۇ توختامنامىدا تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلارنى قوشۇپ پۈتۈشسە بولىدۇ:
____________________________________________________________
____________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________
 
12. ئەمگەك تالاش-تارتىشلىرىنى بىرتەرەپ قىلىش ۋە باشقىلار
31-ماددا ئا ب ئىككى تەرەپ بۇ توختامنى ئادا  قىلىش جەريانىدا تالاش-تارتىش يۇز بەرسە ب تەرەپ ئا تەرەپنىڭ ئەمگەك مۇرەسسە ھەيئىتىگە مۇرەسسە قىلىشقا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ. مۇرەسسە ھاسىل قىلىنمىغاندا ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەمگەك تالاش-تارتىشلىرى كېسىم كومىتېتىغا كېسىم قىلىشقا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ. كېسىم قارارىگە قايىل بولمىسا كېسىم قارارىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
32. ماددا بۇ توختامنىڭ قوشۇمچىسى تۆۋەندىكىچە :
1._________________________________________.
2._________________________________________.
3 .________________________________________.
33-ماددا بۇ توختامغا كىرگۇزۇلمىگەن ئىشلار ياكى دۆلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە مۇۋاپىق كەلمىگەن مەزمۇنلار مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ .
34-ماددا بۇ توختام ئا ب ئىككى تەرەپ ئىمزا قويغان ياكى تامغا باسقان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە. بۇ توختام ئىككى نۇسخا بولۇپ ئا ب ئىككى تەرەپ بىر نۇسخىدىن ئىجرا قىلىدۇ.
 
 
ئا تەرەپ (تامغا)                ب تەرەپ (ئىمزا ياكى تامغا):_________
 
 
قانۇنى ۋەكىلى (ئاساسلىق مەسئۇلى) ياكى ھاۋالە قىلىنغان ۋاكالەتچى:
(ئىمزاسى ۋە تامغىسى)________________
 
 
ئىمزالىغان ۋاقتى ______يىل ______ئاينىڭ _____كۈنى

#p#
ئەمگەك توختامىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىمزالاش ھۆججىتى
 
بۇ قېتىمقى ئەمگەك توختامىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىمزالاش مۇددىتىنىڭ تۈرى _____________مۇددەتلىك توختام ، داۋاملاشتۇرۇپ ئىمزالىغاندىكى كۈچكە ئىگە بولغان ۋاقىت ______يىل ___ئاينىڭ ____كۈنى .
داۋاملاشتۇرۇپ ئىمزالىغان _________ يىل_____ئاخىرلىشىدۇ.
 
ئا تەرەپ (تامغا)                    ب تەرەپ (ئىمزاسى ياكى تامغىسى)
 
قانۇنى ۋەكىل (ئاساسلىق مەسئۇل كىشى) ياكى ھاۋالە قىلىنغان ۋاكالەتچى
(ئىمزا ياكى تامغا)________________
____يىل _____ئاي ____كۈن
بۇ قېتىمقى ئەمگەك توختامىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىمزالاش مۇددىتىنىڭ تۈرى _________مۇددەتلىك توختام، داۋاملاشتۇرۇپ ئىمزالىغاندىكى كۈچكە ئىگە بولغان ۋاقىت ______يىل ___ئاينىڭ ____كۈنى .
داۋاملاشتۇرۇپ ئىمزالىغان توختام _______ يىل___ئاينىڭ ___كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.
 
ئا تەرەپ (تامغا)                    ب تەرەپ (ئىمزاسى ياكى تامغىسى)
قانۇنى ۋەكىل ( ئاساسلىق مەسئۇل كىشى ) ياكى ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچى
(ئىمزا ياكى تامغا)________________
____يىل _____ئاي ____كۈن
ئەمگەك توختامىنى ئۆزگەرتىش ھۆججىتى
ئا ب ئىككى تەرەپ بىرلىككە كېلىپ بۇ توختامغا تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرتىش قىلىدۇ؛
 
 
ئا تەرەپ (تامغا)                      ب تەرەپ (ئىمزاسى ياكى تامغىسى)________________
 
قانۇنىي ۋەكىلى (ئاساسلىق مەسئۇلى) ياكى ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى
(ئىمزاسى ياكى تامغىسى)________________
____يىل ____ئاي ____كۈن
#p#
ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈشى
1، ئا ب ئىككى تەرەپ توختام ئىمزالاشتىن ئىلگىرى، بۇ توختامنامىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشى كېرەك. بۇ توختام ئىمزالانغان ھامان قانۇنى كۈچكە ئىگە، ئىككى تەرەپ چوقۈم قاتتىق ئىجرا قىلىشى لازىم.
2، بۇ توختامنى ئا تەرەپنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى (ياكى ھاۋالە قىلىنعان ۋاكالەتچىسى) بىلەن ب تەرەپ ئىمزا قۇيۇپ ياكى تامغا بېسىپ ھەمدە ئا تەرەپنىڭ مەمۇرىي تامغىسىنى(ياكى ئەمگەك توختام مەخسۇس تامغىسىنى) باسقاندىلا كۈچكە ئىگە.
3، بۇ توختامدىكى بوش قالدۇرۇلغان جايلارنى ئا ب ئىككى تەرەپ كېڭەشكەندىن كېيىن تولدۇرىدۇ، ھەمدە قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ؛ تولدۇرۇلماي بوش قالدۇرۇلغان جايلارغا “____” سىزىۋېتلىدۇ.
4، ئەمگەك ئىش ۋاقتى تۈزۈمى ئۆلچەملىك ئىش ۋاقتى حىزمەت تۈزۈمى، ئومۇملاشتۇرۇپ ھىسابلايدىغان ئىش ۋاقتى خىزمەت تۈزۈمى، مۇقۇمسىز ئىش ۋاقتى خىزمەت تۈزۈمى قاتارلىق 3 تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
ئا تەرەپ بىرقىسىم خىزمەت ئورۇنلىرىغا قارىتا ئومۇملاشتۇرۇپ ھىسابلايدىغان ئىش ۋاقتى خىزمەت تۈزۈمى ۋە مۇقۇمسىز ئىش ۋاقتى خىزمەت تۈزۈمىنى يولغا قويماقچى بولسا، ئەمگەك مەمۇرىي تارماقلىرىغا تەكشۈرۈپ تەستىقلىتىدۇ.
5، بۇ توختامدا تىلغا ئېلىنمىغان ئىشلارنى، ئايرىم تۇلۇقلىما كېلىشىم تۈزۈپ، بۇ توختامنىڭ قۇشۇمچسى قىلىشقا بولىدۇ ھەم بۇ توختام بىلەن بىرگە ئىجرا قىلىنىدۇ.
6، بۇ توختامنى چوقۇم ئەستايىدىل تولدۇرۇشى، خەتلىرى ئېنىق، سۆزلىرى راۋان، توغرا بولىشى لازىم، خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
7، بۇ توختام (قۇشۇمچسىنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ) ئىىمزالانعاندىن كېيىن، ئا ب ئىككى تەرەپ بىر نۇسخىدىن ساقلايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى