ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىركەتنىڭ قۇدرىتى: نادىر ئۈزۈندىلەر (3)

شىركەتنىڭ قۇدرىتى: نادىر ئۈزۈندىلەر (3)

ۋاقتى: 2016-06-08 ئاۋاتلىقى: 596 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى بۇ يەردە!
سەككىزىنچى قىسىم: يېڭىلىق يارىتىش ئاۋانگارتلىرى
ئەمەلىيەتتە، ئەقلىي كۈچ بىلەن كاپىتال بىرلەشكەندىن باشلاپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى گېئومېترىيەلىك قاتار سان قانۇنىيىتىنى شەكىللەندۈردى. شىركەت پەيدا بولغاندىن باشلاپ، ئادەملەرنىڭ نۇرغۇن يېڭى بىلىملىرى، يېڭى كەشپىياتلىرىنىڭ ئېنىق ياراتقۇچىسى ۋە ئىگىلىك قىلغۇچىسى بولدى.
ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا،17-ئەسىردىن 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىغىچە ئىقتىسادشۇناسلار تەرىپىدىن ئادەملەر تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتتى دەپ قارالغان 160 ئاساسلىق كەشپىياتنىڭ ئارىسىدا 80 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى شىركەت تاماملىغان.
ھازىر دۇنيادىكى %70 پاتېنىت ۋە ئۈچتىن ئىككى قىسىم تەتقىق قىلىپ يارىتىش خىراجىتىنى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر چىقىرىدىكەن. 2006-يىلىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەتقىق قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش خىراجەت خامچوتى 132 تېرىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان، ئەمما ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش خىراجەت خامچوتى 200 تېرىليونغا يەتكەن.
300 نەچچە يىللار ئىلگىرى، ئەنگلىيە مۇتەپەككۈرى بىكون: «بىلىم—بايلىق» دېگەنىدى. ئەمما بىلىمنى كۈچكە ئايلاندۇرىدىغىنى، پەن-تېخنىكىنى بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرىدىغىنى بىلىم ياكى پەن-تېخنىكا ئەمەس بەلكى بازارغا يۈزلىنىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان شىركەت. چۈنكى يېڭىلىق يارىتىش پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپ ئامىللىرىدا تۈزۈم تېخنىكىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
ئەركىنلىك پەن-تېخنىكا تەتقىقاتىدىكى ئەڭ بەك ھۆرمەت قىلىنىشقا تىگىشلىك خۇسۇسىيەت، شۇنداقلا يېڭىلىق يارىتىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىت. ئىدىيەنى ئازاد قىلغاندىلا ئاندىن پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئالدىنقى سىپىدە تۇرغىلى بولىدۇ.
1945-يىلى ۋەننىۋار بۇش (Vannevar Bush) ئېلان قىلغان «ئىلىم-پەن: چەكسىز ئالدىنقى سەپ» دېگەن دوكلاتى ئامېرىكا دۆلەتلىك پەن-تېخنىكىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى دەپ قارالغان. دوكلاتتا دۆلەتنىڭ تۈزگەن قانۇنى ئىلىم-پەن ئىشلىرىنى قوللىشى كېرەك دەپ يىزىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئىلىم-پەن تەتقىقاتىدا ئەركىن ئىزدىنىش روھىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.

ئىنتېل شىركىتىنىڭ باش لىدىرى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى پائۇل ئوتېللىنى (Paul Otellini)
ئاساسى جەھەتتىن كىرىمنىي جىلغىسىدىكى شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى كەلگۈسى تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ھىچكىم كېيىن قالغان كونا تېخنىكا ۋە سېخىمىغا قارىمايدۇ. سىزنىڭ ئالدىدىكى ئەمەس بەلكى كېيىنكى قەدەمدىكى مەھسۇلاتىڭىز ئەڭ مۇھىم. مۇھىمى ئۆزىنى قايتىدىن تونۇش، يېڭى بازار بايقاش، توختىماي ئىلگىرىلەش.
شىركەت خالىغان ۋاقىتتا قۇرۇلۇپ خالىغان ۋاقىتتا تارقىلىدۇ، بۆلۈنۈشنىڭ شەكىل ئۆزگىرىشى ئاستا-ئاستا كىرىمنىي جىلغىسىدىكى رەسمى-قائىدىگە ئايلاندى، ئادەملەر ئاستا-ئاستا "ياشاش خىزمەت قىلىش ئۈچۈن" دەپ قارايدىغان بولدى. بۇ يەردە، ئىگىلىك تىكلەش بىرخىل تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئايلاندى، مەغلۇبىيەت بىرخىل داڭلاشقا ئەرزۈگۈدەك خىزمەت سىتاژىغا ئايلاندى، چۈنكى ئۇ سىز ئىلگىرى سىناپ باققان كۆرەش جەريانىڭىزدۇر.
#p#

ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ئېنژىنىرلىق فاكۇلتىتىنىڭ پىروفېسسورى: ستېۋ بلانچ (Steve Blanc)
بۇ يەردە، مەغلۇبىيەت ئادەمنىڭ يۈزىنى تۆكمەيدۇ، ئەكسىچە پەخىرلەنگۈدەك شەرەپ، بىشىڭىزدىن كەچۈرگەن مەغلۇبىيەت كۆپ بولغانسىرى، باشقىلار سىزنى تۇرمۇش تەجرىبىسى مول دەپ قارايدۇ.

ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى سودا فاكۇلتىتى فاكۇلتېت باشلىقى: گارز سالونېر (Garth Saloner)
كارخانىڭىز مەغلۇب بولغان تەقدىردىمۇ، پەقەت سىز ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىقىڭىزنى چىقارغانلا بولسىڭىز، شىركەت خادىملىرىغا ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارغا يۈز كېلەلىسىڭىزلا قايتا ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ يېڭى بىر ئىشنى باشلىيالايسىز. مانا بۇ كىرىمنىي جىلغىسىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى.
بىر يېڭى تېخنىكىغا، يېڭى خىيالغا تايىنىپلا مەبلەغ ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ، بۇ كىرىمنىي جىلغىسىدا ناھايىتىمۇ نۇرمال. بەزىلەر باھا بېرىپ: دەل تەۋەككۈل سېلىنما كىرىمنىي جىلغىسىنى "دۇنيادىكى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ قانۇنلۇق بايلىققا ئايلاندۇردى." دەيدۇ.

ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ئېنژىنىرلىق فاكۇلتىتىنىڭ پىروفېسسورى: ستېۋ بلانچ (Steve Blanc)
تەۋەككۈلغا مەبلەغنىڭ سېلىنىشى ئۇلارنىڭ قىزىققانلىقىدىن ئەمەس بەلكى ئۇلار بۇ جاھاندىكى ئەڭ ئاچكۆز كاپىتالىستلار بولغانلىقىدىن. ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئاچكۆزلۈكنىڭ بۇنداق كىسىشىشى كىرىمنىي جىلغىسىنىڭ بۈگۈنكى شىددەتلىك تەرەققىياتىنى ياراتقان.

ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى سودا فاكۇلتىتى فاكۇلتېت باشلىقى: گارز سالونېر (Garth Saloner)
كىرىمنىي جىلغىسى بىر مۆجىزە، بىز كىرىمنىي جىلغىسىنىڭ مودىلى ھەققىدە پاراڭلاشقاندا، ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ھەقىقى سۆزلەۋاتقىنىمىز يېڭى كارخانىنىڭ باراۋەرلىك تۈزۈم قۇرۇشىدۇر.

گېرمانىيە خۇمبولدت ئۇنىۋېرسىتېتى (Humboldt-University zu Berlin) جەمئىيەتشۇناس پىروفېسسورى: خەنس پېتېر دېۇتسچ (Hans-Peter Deutsch)
شىركەت دائىم ئۆزىنىڭ يىراق كۆرەرلىكى ۋە پىلانى بىلەن بىر مۇقىم مۇھىتقا بۆسۈپ كېرىدۇ، ھەمدە بۇ يەرنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ، نۇرغۇن ئەسلىدە مەۋجۇت كارخانىلار ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن ۋەيران بولىدۇ. بۇ يېڭى كارخانىلار بازارنىڭ يول باشلىغۇچىلىرىغا ئايلىنىدۇ، مانا بۇ يوقىتىش خارەكتىرلىك ئىجادىيەت. بۇمۇ ۋەكىل خارەكتىرىگە ئىگە بازار ئىقتىساد روھى.
#p#

گوۋۇيۈەن تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى: ۋۇ جىڭلىيەن
يېڭىلىق يارىتىشنى رىغبەتلەندۈرۈش ھەققىدە، مېنىڭچە نورز (Douglass C.North)نىڭ ئەڭ نادىر بىر سۆزى: قانداق تۈزۈم ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى قوزغاپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرىدۇ؟ ئۇ ياراتقان يېڭىلىقنىڭ جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىسى ۋە ئېرىشكەن نەتىجىسىلا ھەممىدىن بەك كىشىلەرنى يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، ئۇلار ئارىسىدىكى پەرق قانچە ئاز، قانچىكى بىرلىككە كەلگەنسېرى، شۇنچە بەك كىشىلەرنى يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرەلەيدۇ.

توققۇزىنچى قىسىم: تۇپرىقىمىزدىكى جاسارەت (本土雄心)
مۇستەبىتلىك تۈزۈمىدە، سودىگەرلەرنىڭ پايدىسى ئاجىزلاپ بىر فار-فۇر بۇيۇملارغىلا ئوخشاش خالىغاندا سۇنۇپ كېتىدۇ. جوڭگۇ ھەر قايسى سۇلالىلەردىكى سودا پائالىيىتى راۋاجلانمىدى دېگىلى بولمايدۇ، ئەمما نۇرغۇن تىجارەت ئۇسۇلى، بايلىقىدىن دۆلەت بىلەن قارشىلىشالىغۇدەك سودىگەرلەردىن ھىچكىممۇ ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى شىركەتكە ئايلانمىغان. چۈنكى تەڭدىشى يوق پادىشاھلىق تۈزۈمى ئاستىدا ئەركىنلىك، باراۋەرلىك توختام روھى ۋە قانۇننىڭ قوغدىشى ئاستىدىكى مال-مۈلۈك تۈزۈمى ھەممىسىلا قۇرۇق خىيال.
1910-يىلى قىش، ياپونىيەگە ساياھەتكە چىققان لىياڭ چېچاۋ سوغۇققانلىق بىلەن ۋەزىيەتنى كۆزۈتۈپ «دۆلەتتىكى ئىگىلىك تىكلۈگۈچىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش» ناملىق ماقالىسىنى يىزىپ، ئەينى چاغدا جۇڭگو شىركەتلىرىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تۆت كېسەلنى كۆرسەتكەن. لىياڭ چېچاۋ ئۇنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ كەمچىلىك قانۇنى مۇھىت دەپ قارىغان. ئۇ: "پايچېك مەسئۇلىيەت شىركىتى پەقەت كۈچلۈك قانۇنى تۈزۈم ئاستىدىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ، ئەمما جۇڭگولۇقلار قانۇننىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ." دەپ ئۆتكەن.

ئونىنچى قىسىم: يەرشارى چەكسىز
يەر شارى شىركەتلىرىنىڭ شىركەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەڭ ياخشى تەرىپى بەلكىم: ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىپ، شۇ ئارقىلىق يەرلىك تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىش، ھەر قايسى قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىش. ئەمما ئۇمۇ پات-پات ئادەمنى ئەنسىرىتىدىغان تەرەپلىرىنى ئاشكارلايدۇ: دۆلەت ھالقىغان غايەت زور تەشكىل تېخىمۇ ئاسان ئەخلاق چەكلىمىسىدىن يىراقلىشىدۇ.
قەيەردە دەسمايە تۆۋەن بولسا شۇ يەردە ئىھتىياج بولىدۇ، شىركەت تۈرلۈك چارە-ئاماللار بىلەن شۇ يەرگە بارىدۇ. بۇ تا ھازىرغا قەدەر ئۆزگەرمىگەن ھەقىقەت. دەل مۇشۇ ئاددى لوگىكا تۈپەيلى دۇنيانىڭ قىياپىتى ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىۋاتىدۇ.

ياپونىيە ئىگىلىك تىكلەش سودا فاكۇلتىتىنىڭ فاكۇلتېت باشلىقى: داچېيەن يى (大前研一)
مەن ئەڭ ئاۋۋال "يەر شارىلىشىش" نى ئوتتۇرىغا قويغان. "يەر شارىلىشىش" دېگەن بۇ سۆزنى مەن كەشىپ قىلغان. 20 يىل ئىلگىرى مەن بۇ ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، بۇنچە كۆپ خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى زادى ئويلاپ باقمىغان دەيدۇ.
#p#

فىرانسىيە ليون ئىككىنچى ئۇنىۋېرسىتېتى (UNIVERSITE LUMIERE: LYON II) پىروفېسسورى: پىئېر دوس (皮埃尔•道克斯)
بىر بىكىنمە دۆلەت چوقۇم مەغلۇب بولىدۇ، ئۇ ئىجادىيەت روھى تەرىپىدىن يېقىلىدۇ، ئىجادىيەت رىقابەت پەيدا قىلىپ كىشىلەرنى دائىم رىقابەتلىشىشكە، تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا ئۈندەيدۇ. بىز بۇنىڭدىن مۇنداق بىر رېفلېكسىيەگە ئېرىشتۇق. دۆلەتنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئەتىۋارلىشىشىغا ئېرىشكەن ئىقتىساد داۋاملىق تەرەققىي قىلالمايدۇ.
شىركەت بولسۇن ياكى دۆلەت بولسۇن تارىخى پۇرسەت چوقۇم يوقايدۇ، ئۇ پەقەت ئاشۇ ئېقىمنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان باشلىغۇچىلارغىلا تەۋە.

كېلەچەكشۇناس: جون نائىسبىت (John Naisbitt)
يەرشارى رىقابىتى ئىستېمالچىلارغا ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ھەممىسى رىقابەتلىشىۋاتىدۇ، كىمنىڭ مەھسۇلاتنى سىز ۋە بىزگە ئوخشاش ئىستېمالچىلارغا ساتىدىغانلىقىغا قارايدۇ، بۇ جەرياندا مەھسۇلات تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ، باھا تېخىمۇ تۆۋەنلەيدۇ، پۈتۈن يەر شارىدا ئەڭ چوڭ يەڭگۈچى يەنىلا ئىستېمالچىلاردۇر.
بۇ قەھرىماننىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى سورىمايدىغان زامان. رىقابەت سورۇنىدا ئۇزۇن مۇددەت يول باشلىغۇچى ئورۇننى ساقلاش ئۈچۈن پەقەت يېڭىلىق يارىتىشلا كېرەك. باشقۇرۇشنى يېڭىلاش، تەشكىلى سېخىمىنى يېڭىلاش، تېخنىكىنى يېڭىلاش.
بۈگۈنكى دۇنيا مانا مۇشۇنداق ئىقتىسادىي پائالىيەت سەھنىسى، ھەممە ئادەم سەھنىگە چىقىپ ھەرقانداق رول ئوينىسا بولىۋېرىدۇ، سەھنە سۆزلىرى ھەتتا نومۇر تېزىملىكىمۇ ھەر خىل، ئەمما ھېچكىممۇ يالغۇز كىشلىك ئويۇن ئوينىمايدۇ.
زىددىيەت، پۇرسەت، ھەمكارلىق، ئىختىلاپ ئىچىدە تۇرغان شىركەتنىڭ ئاخىرىدا نەگە بارىدىغانلىقىغا ئائىت ھېچكىم ئۈزۈپ بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ. ئەمما ھەممىمىزگە مەلۇم تارىخ قايتىلانمايدۇ.
بايلىق، ھوقۇق، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت قاتارلىقلارنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا شىركەتنىڭ يەنە قانچىلىك ئويغاتقىلى بولغۇدەك يوشۇرۇن كۈچىنىڭ بارلىقىنى ھېچكىم پەرەز قىلالمايدۇ. ئەمما ھەممىمىز بىلىمىز، كەلگۈسى ئەزەلدىن تەسەۋۋۇرنىڭ سىرتىدا.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى