ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش نەزەرىيىسىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش نەزەرىيىسىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى

ۋاقتى: 2016-11-10 ئاۋاتلىقى: 1233 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ  تەرەققىيات يۈزلىنىشى» بۇ يەردە!

 

 تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش نەزەرىيىسىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى

 

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش نەزەرىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەققىدە


تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش نەزەرىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەققىدە ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ كۆز-قارىشى بىردەك ئەمەس. Croom  قاتارلىقلار SCM نىڭ بارلىققا كېلىشى ئېنىق ئەمەس، ئاساسلىقى ئىككى تەرەپتىن تەرەققىي قىلغان دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ بىرى SCM پروفېسسور  Forrester ئوتتۇرىغا قويغان كەسىپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئىلمى ئاساسىغا قۇرۇلۇپ، ئەمەلىي گەۋدىلىك پارچە سېتىش ۋە مال ئوبوروتىنىڭ تەرەققىياتىنى بويلاپ تەرەققىي قىلغان. يەنە بىرى، SCM  نەزەرىيىسى Hecket,Minner  ۋە Lewis نىڭ تەتقىقاتى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ پارچە سېتىش ۋە مال ئوبوروتىدىكى ئومۇمىي تەننەرخ تەتقىقاتىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلغان. گەرچە بۇ ئىككى خىل تەرەققىي قىلىشنىڭ يۆنىلىشى، جەريانى ۋە تەتقىق قىلىش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن بىر ئورتاقلىقى بار. يەنى تەمىنلەش زەنجىرىگە مەركەزلەشكەن بىر كارخانا ئومۇمىي ئۈنۈمنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. Tan  قاتارلىقلارمۇ SCM ئىككى يۆلىنىشتىن تەرەققىي قىلىپ كەلگەن دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ بىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ سېتىۋېلىش ۋە تەمىنلەش تەرەققىياتى يۆلىنىشى. يەنە بىرى توپ تارقاتقۇچى سودىگەر ۋە پارچە ساتقۇچى سودىگەر رىقابەت ئۈستۈنلۈكىگە ئېرىشىش ئۈچۈن مال ئوبوروت ئىقتىدارىنى بىرلەشتۈرۈش ساھەسىنىڭ تەرەققىيات يۆلىنىشى. يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان ئەنئەنىۋى شىركەت تاكتىكىلىرى بۇ ئىككى يۆلىنىشنى بويلاپ توختاۋسىز تەرەققىي قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا بىرلىشىپ تارىخى ئەھمىيەتكە ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش مەيدانغا كەلدى.

 

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش نەزەرىيىسىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە


Tan, Croom   ۋە خوۋ جۈنبو قاتارلىقلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ئۆزۈمنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە ئېيتقاندا تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش جەريانى ئاساسىي جەھەتتىن ئۈچ باسقۇچقا بۆلىنىدۇ (تۆۋەندىكى جەدۋەلدىن كۆرۈڭ). بىرىنچى باسقۇچ: مال يەتكۈزۈش ۋە مال يەتكۈزۈشنىڭ تەننەرخىنى باشقۇرۇش باسقۇچى. بۇ باسقۇچتا ئەمەلىي گەۋدىلىك پارچە سېتىش ۋە كېيىنكى ھالقىدىكى كارخانىلارغا مال يەتكۈزۈش سىستېمىسى تەتقىق قىلىنغان. ئىككىنچى باسقۇچ: بىرلەشتۈرۈلگەن مال ئوبوروتىنى باشقۇرۇش باسقۇچى. بۇ باسقۇچتا كارخانا ئىچىدىكى مال ئوبوروتى ۋە كارخانا سىرتىدىكى مال ئوبوروتىنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلگەن، كارخانىلار ئارا سېتىۋېلىش ۋە تەمىنلەش تاكتىكىسى تەتقىق قىلىنغان، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش تەكىتلەنگەن. ئۈچىنچى باسقۇچ: تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش باسقۇچى. بۇ باسقۇچتا ئاساسلىقى تەمىنلىگۈچى سودىگەرنىڭ تەمىنلىگۈچى سودىگىرىدىن خېرىدارنىڭ خېرىدارىغىچە بولغان پۈتۈن تەمىنلەش زەنجىرى تەتقىق قىلىنغان، پۈتۈن قىممەت زەنجىرىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە قىممىتىنى يۇقىرىلىتىشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن.


 

تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتى، ياسىمىچىلىق كەسىپىنىڭ ئاپتوماتلىشىش تەرەققىياتى، كارخانا تىجارەت باشقۇرۇشنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى ۋە ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى قاتارلىقلار ئۆز-ئارا زىچ مۇناسىۋەتلىك. 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن 60-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ياسىمىچىلىق سودىگىرى زور كۆلەمدە ئىشلەپ چىقىرىپ بىرلىك ئىشلەپ چىقىرىشنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنى، يەنى زور كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت تاكتىكىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەينى ۋاقىتتا كارخانىلار مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغاندا بازار ئامىلىنى بەك كۆپ ئويلىشىپ كەتمەيتتى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ياساشنىڭ ئىلاستىكىلىغى تۆۋەن ئىدى. يېڭى مەھسۇلاتنىڭ ئېچىلىشى ئاستا بولۇپ پۈتۈنلەي كارخانىنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسى ۋە ئىقتىدارىغا قاراشلىق ئىدى. شۇڭلاشقا كارخانا تىجارىتىدىكى قاپاق بوينى (瓶颈) مەسىلىسى ئامباردا ساقلانغان مال مىقدارىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ھەل قىلىناتتى. كارخانىلار ئارا ھەمكارلىشىش ئېتىبارغا ئېلىنمايتتى.

 

ئەينى ۋاقىتتا باشقۇرغۇچىلار سېتىۋېلىش ئىشلىرىغا بەك كۆڭۈل بۆلمەيتتى (Farmer,1997). 70-يىللارغا كەلگەندە باشقۇرغۇچىلار ئامباردىكى مال مىقدارىنىڭ ياساش تەننەرخى، يېڭى مەھسۇلات ئېچىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى قاتارلىقلارغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ يېڭى مال ئوبوروتىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق كارخانىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

 

80-يىللاردىن كىيىن، يەر شارى خاراكتېرلىك رىقابەت كەسكىنلەشتى. بەزى دۆلەت ھالقىغان كارخانىلار پەقەت تەننەرخى تۆۋەن، سۈپىتى ياخشى، ئىشەنچلىك مەھسۇلات ۋە ئىلاستىكىلىغى تېخىمۇ ياخشى بولغان مەھسۇلات لايىھەلەش بىلەن بازاردىكى ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ قالدى. ياسىمىچىلىق كەسپىدە JIT ئىشلەپچىقىرىش نەزەرىيەسى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. ياپونىيە كارخانىلىرى JIT نەزەرىيەسى ئارقىلىق ياساش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈردى، ئىشلەپچىقىرىش ۋاقتىنى قىسقارتتى ۋە ئامباردىكى مال مىقدارىنى ئازايتتى.  JIT نەزەرىيىسى رىتىمى تېز ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى ۋە ئامباردا مالنى ئاز ساقلاش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىزىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغاندىن كېيىن ياسىغۇچى سودىگەرلەر ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى.

 

شۇڭلاشقا تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش ئۇقۇمى ياسىغۇچى سودىگەر ۋە تەمىنلىگۈچى سودىگەرنىڭ ئىستراتېگىيىلىك تەمىنلەش مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ پەيدا بولدى.


 

سېتىۋېلىش، مال ئوبوروتى ۋە توشۇش جەريانىنىڭ كەسىپىيلىشىشى مال ئوبوروتىنى باشقۇرۇش ئۇقۇمىنىڭ يەنە بىر قەدەم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ياساش بايلىقى پىلانى (MRP II 制造资源计划  ) كارخانىنىڭ ھەر خىل ئىقتىدارلىرىنى ۋە كارخانا ئىچىدىكى بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈشنى تەكىتلەيدۇ. لېكىن كارخانا بايلىق پىلانىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن سىرتقى تەمىنلىگۈچى سودىگەر ۋە پارچە ساتقۇچى سودىگەر بىلەن ھەمكارلىشىش كېرەك. ياسىمىچىلىق كارخانىسى كارخانا ئىچى ۋە سىرتىدىكى مال ئوبوروتىنى سىستېمىلىق بىرلەشتۈرىدۇ. بۇ مال ئوبوروتىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇقۇمىنىڭ پەيدا بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

 

90-يىللاردا تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ تەمىنلەش زەنجىرى تەمىنلىگۈچى سودىگەر، ياسىغۇچى سودىگەر، پارچە ساتقۇچى سودىگەر  ۋە خېرىداردىن تەشكىل تاپقان پۈتۈن قىممەت زەنجىرىگە ئايلاندى. سېتىۋېلىش ۋە تەمىنلەشنىڭ ماسلىشىشى ئۈچۈن تەننەرخ ۋە سۈپەتنىڭ ماسلىشىشىنى كۆپرەك ئويلىشىش كېرەك. ياسىغۇچى سودىگەر تاللىۋېلىنغان بىر نەچچە تەمىنلىگۈچى سودىگەر ياكى سۈپەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن تەمىنلىگۈچى سودىگەردىن خام ماتېرىيال سېتىۋېلىش ئارقىلىق قىممەت ياراتمايدىغان ئىشنى ئازايتىدۇ. مەسىلەن خام ماتېرىيالنى تەكشۈرۈش، ئامبارغا كىرگۈزۈشتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش قاتارلىقلار. نۇرغۇن ياسىغۇچى سودىگەر ۋە پارچە ساتقۇچى سودىگەر زىچ ھەمكارلىشىش ئارقىلىق كارخانا ھالقىغان قىممەت زەنجىرىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. مەسىلەن، يېڭى مەھسۇلات ئاچقاندا، ياسىغۇچى سودىگەر تەمىنلىگۈچى سودىگەر ۋە خېرىدارنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەمكارلاشقۇچى كارخانىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىقتىدارى ۋە تېخنىكىسى ئارقىلىق مەھسۇلات ئېچىش دەۋرىنى قىسقارتىدۇ ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتىدۇ. پارچە ساتقۇچى سودىگەر ۋە پارچە ساتقۇچى سودىگەر ئۆزىنىڭ پارچە ساتقۇچى ۋە توشىغۇچى  سودىگەرلىرىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ بىۋاسىتە مال تاپشۇرۇش ئارقىلىق مال تەكشۈرۈش قاتارلىق قىممەت ياراتمايدىغان ئىشلارنى ئازايتىدۇ.

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى