ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش(1)

مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش(1)

ۋاقتى: 2016-08-05 ئاۋاتلىقى: 509 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى ھەققىدە چۈشەنچە ۋە ئۇنىڭ پرىنسىپلىرى(2)» بۇ يەردە!

 

مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش(1)


1. دۆلىتىمىزنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىگە دائىر بەلگىلىمىلەر


سۈپەت باشقۇرۇشنىڭ خەلقئارادا بىردەك ئېتراپ قىلىنغان تەبىرى مۇنداق: سۈپەت باشقۇرۇش بىر تەشكىلاتنىڭ بارلىق باشقۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇ، مەجبۇرىيەتنى شۇ تەشكىلاتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى ئۈستىگە ئالىدىغان، تەشكىلات ئىچىدىكى بارلىق ئاپپاراتلار ئۇنىڭ بىلەن ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك بولغان سىستېما خاراكتېرلىك پائالىيەت.


مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇش مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلىك ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك بولغان سۈپەت باشقۇرۇش بولمىسا، ئىشەنچلىك، تۇراقلىق مەھسۇلات سۈپىتىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇشنى ياخشىلاش-پۈتكۈل جەمئىيەت يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك بولغان مەسىلە.


دۆلىتىمىزنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى« مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى» بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن تۆۋەندىكى قاتلىمى پەرقلىنىدىغان، ۋەزىپىسى ئوخشاشمايدىغان ئاپپاراتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛


1. گوۋۇيۈەننىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تارماقلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي مەجبۇرىيىتى: مەھسۇلات سۈپىتىنى ماكرولۇق باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش، يەنى مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار فاڭجېن ۋە سىياسەتلەرنى بىر تۇتاش بەلگىلەش، سۈپەتكە ئالاقىدار قانۇن-نىزام، قائىدىلەرنى تۈزۈپ چىقىش ياكى ئېلان قىلىش؛ زامانىۋى سۈپەت باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش؛ دۆلەتنىڭ سۈپەت مۇكاپىتىنى باھالاش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش؛ دۆلەتنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى باھالاش ۋە ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى باھالاشنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش؛ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.



2. ناھىيەدىن يۇقىرى دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنى مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ئۆز مەمۇرىي رايون دائىرىسىدىكى مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارات قىلىش- باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. « مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى»دا كۆرسىتىلگەن ناھىيەدىن يۇقىرى دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قارمىقىدىكى مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن، ئۆلكە دەرىجىلىكلىرى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەت تارماقلىرى تەسىس قىلغان مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىي مەجبۇرىيىتى دۆلەتنىڭ قانۇن، قائىدە-نىزاملىرىدا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەرگەن خىزمەت ھوقۇقى بويىچە، ئۆز مەمۇرىي رايونى ئىچىدىكى مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشتىن ئىبارەت. شەھەر (ئوبلاستى، ئايماق)، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدە، مەخسۇس ئاپپارات تەسىس قىلىنغان-قىلىنمىغانلىق پەرقى بولغانلىقى ئۈچۈن، مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى باشقۇرىدىغان تارماقلار دېگەن قويۇش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. ئۇلارنىڭ ئاساسىي مەجبۇرىيىتى نازارەت قىلىشنى ئىجرا قىلىش ۋە تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يۈكلىگەن باشقا فۇنكىسيىلەرنى ئادا قىلىشتىن ئىبارەت.
----------------------------------------------------------

«ئىقتىسادىي قانۇنشۇناسلىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى