ئەمگەك توختامىنىڭ ئىناۋەتسىزلىكىنى كىم بېكىتىدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ئەمگەك توختامىنىڭ ئىناۋەتسىزلىكىنى كىم بېكىتىدۇ؟
جاۋاب: ئىناۋەتسىز ئەمگەك توختامى تۈزگەن ئەمگەك توختامى قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر كۈتكەن قانۇنىي ئاقىۋەت يۈز بەرمەيدىغان ئەمگەك توختامىنى كۆرسىتىدۇ.
«ئەمگەك قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئەمگەك توختامىنىڭ ئىناۋەتسىزلىكىنى ئەمگەك ماجىراسى كېسىم ئاپپاراتلىرى ياكى سوت مەھكىمىسى بېكىتىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئەمگەك مىنىستىرلىكى «‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى›نى ئىجرا قىلىش توغرىسىدىكى بىرقانچە مەسىلىلەرگە بولغان پىكىر»دە ئەمگەك توختامىنىڭ ئىناۋەتسىزلىكىنى سوت مەھكىمىسى ياكى ئەمگەك ماجىراسى كېسىم ئاپپاراتلىرى بېكىتىدۇ، توختامدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىككى تەرەپ قارار قىلالمايدۇ دەپ بەلگىلىگەن ئىدى.
«ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن بىلەن ئەمگەكچىنىڭ ئارىسىدا ئەمگەك توختامىنىڭ ئىناۋەتسىزلىكى ياكى قىسمەن ئىناۋەتسىزلىكى توغرىسىدا تالاش-تارتىش يۈز بەرسە، ئەمگەك ماجىراسى كېسىم ئاپپاراتلىرى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بېكىتىشىگە تاپشۇرۇلىدۇ.
ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش بولمىغان ئەمگەك توختامى ياكى ئەمگەك توختامى ماجىراسىنى چوقۇم يۇقىرىدىكى ئورگانلار بېكىتىشى كېرەكمۇ-يوق دېگەن مەسىلە توغرىسىدا، «ئەمگەك توختام قانۇنى»دا ئېنىق، مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بەلگىلىمە يوق.