ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ماسلوۋنىڭ ئادەم ئېھتىياجىنىڭ بەش قاتلامغا بۆلۈنۈش نەزەرىيەسى

ماسلوۋنىڭ ئادەم ئېھتىياجىنىڭ بەش قاتلامغا بۆلۈنۈش نەزەرىيەسى

ۋاقتى: 2015-05-03 ئاۋاتلىقى: 706 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ماسلوۋنىڭ ئادەم ئېھتىياجىنىڭ بەش  قاتلامغا بۆلۈنۈش نەزەرىيەسى (Maslow's Hierarchy of Needs)
ماسلوۋنىڭ ئادەم ئېھتىياجىنىڭ قاتلاملارغا بۆلۈنۈش نەزەرىيەسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
ئابراھام ھارولد ماسلوۋ (Abraham Harold Maslow 1908-1970) نىيۇيورك شەھىرىنىڭ برۇكلىن (Brooklyn布鲁克林) رايونىدا تۇغۇلغان. ئۇ ئىجتىمائىي پىسخولوگىيە، مىجەز نەزەرىيەسى (人格理论) ۋە سېلىشتۇرما پىسخولوگىيە قاتارلىق پەنلەرنىڭ ئالىمى، گۇمانىزملىق پىسخولوگىيە ئىلمىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى، پىسخولوگىيە ئۈچىنچى تەسىر كۈچىنىڭ رەھبىرى. 
ماسلوۋ 1926-يىلى كورنەل ( Cornell康乃尔) ئۇنىۋېرىستېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ ئۈچ يىلدىن كېيىن ۋىسكونسىن (Wisconsin 威斯康辛) ئۇنىۋېرىستېتىغا يۆتكىلىپ پىسخولوگىيە ئىلمىدە ئوقۇغان. ھەمدە داڭلىق پىسخولوگىيە ئالىمى خارلوۋ (Harry F.Harlow 哈洛) نىڭ يېتەكچىلىكىدە 1934-يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. كېيىن مەكتەپتە قېلىپ ئوقۇتقۇچى بولغان. 1935-يىلى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆگىنىش پىسخىكىسى تەتقىقات ئورنىدا ياردەمچى بولغان. 1937-يىلى نىيۇيورك  برۇكلىن ئىنىستىتوتىنىڭ مۇئاۋىن پىروفېسسورى بولغان. 1951-يىلى برەندائىس (Brandeis布兰戴斯) ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ پىسخولوگىيە پىروفېسسورلىقىغا ۋە فاكۇلتېت مۇدىرلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان. 1969-يىلى خىزمەتتىن ئايرىلىپ كالىفورنىيە لائۇغلىن (Laoghlin劳格林) خەيرىيەت ئىشلىرى فوندىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك دائىمىي باھالىغۇچىسى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن برەندائىس ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ پىسخولوگىيە پىروفېسسورى ۋە فاكۇلتېت مۇدىرى بولۇپ، ساغلام مىجەز-خاراكتېر ۋە ئۆز قىممىتىنى جارى قىلدۇرغۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئىلگىرى ئامېرىكا مىجەز-خاراكتېر ۋە ئىجتىمائىي پىسخولوگىيە ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى (1967)، «گۇمانىزملىق پىسخولوگىيە» ۋە «ئۆزىدىن ھالقىش پىسخولوگىيەسى (超个人心理学)» قاتارلىق ئىككى ژۇرنالنىڭ تۇنجى مۇھەررىرى بولغان. 
ماسلوۋنىڭ قارىشىچە ئادەملەرنىڭ ئىككى خىل ئېھتىياجى بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى جانلىقلارنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ ئاجىزلاپ بارىدىغان تەبىئىي مەيىل ياكى ھاياجانلىنىش. بۇ تۆۋەن دەرىجىلىك ئېھتىياج ياكى فىزىيولوگىيەلىك ئېھتىياج دېيىلىدۇ. يەنە بىرى جانلىقلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدىغان يوشۇرۇن قابىلىيەت ياكى ئېھتىياج. بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئېھتىياج دېيىلىدۇ. 
ھەممە ئادەمنىڭ ئېھتىياجى يوشۇرۇن ھالدا بەش قاتلامغا بۆلۈنگەن بولىدۇ. لېكىن ئوخشىمىغان ۋاقىتتا ھەر خىل ئېھتىياجنىڭ جىددىلىك دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەمنىڭ ئەڭ جىددىي ئېھتىياجى ئادەمنى مەلۇم ئىشنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان ئاساسلىق ئامىل بولالايدۇ. 
#p#
تۆۋەن دەرىجىلىك ئېھتىياج ئاساسەن قاندۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش رولى تۆۋەنلەپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئېھتىياج ئاساسلىق رىغبەتلەندۈرگۈچى ئامىل بولۇپ قالىدۇ. بەزى ئېھتىياجلار قاندۇرۇلغاندىن كېيىنلا رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى يوقىتىپ ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا ئېھتىياجلار ئالمىشىدۇ. 
يۇقىرى دەرىجىلىك ئېھتىياج تۆۋەن دەرىجىلىك ئېھتىياجغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم. قىزغىنلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئېھتىياج سەۋەبلىك پەيدا بولىدۇ. ئادەمنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئېھتىياجى ئۆز قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇش بولۇپ، ئۆز قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇش ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە مۇكەممەل ئۇسۇلدا ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. ئادەم ئۆز قىممىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرغاندىلا خۇشاللىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ھېس قىلالايدۇ. 
ئادەمنىڭ بەش خىل ئاساسى ئېھتىياجى ئادەتتىكى ئادەملەردە ئاڭسىز رەۋىشتە بولىدۇ. شەخس ئۈچۈن  ئېيتقاندا ئاڭسىز رەۋىشتىكى ئېھتىياج ئاڭلىق ئېھتىياجدىن مۇھىم. ئادەتتە تەجرىبىسى مول ئادەملەرنىڭ ئاڭسىز رەۋىشتىكى ئېھتىياجىنى ئامال-چارىلەر ئارقىلىق ئاڭلىق ئېھتىياجغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. 
ماسلوۋنىڭ قارىشىچە ئادەم ئۆز قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇش جەريانىدا «يۇقىرى پەللىدە ھېس قىلىش(高峰体验)» تۇيغۇسى بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئادەم شاد-خۇرام، قاتتىق ھاياجانلانغان بولۇپ ئەڭ شېرىن ھېس-تۇيغۇلارغا چۆمىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ ئەڭ راھەت، مۇكەممەل ھالىتى. 
تەجرىبىدىن قارىغاندا، ئادەم چىرايلىق بېزەلگەن ئۆيدە تۇرغاندا سەت ئۆيدە تۇرغانغا قارىغاندا تېخىمۇ جانلىق، تېتىك ۋە ساغلام كۆرۈنىدۇ؛ بىر ئاق كۆڭۈل ۋە سەمىمىي ئادەم تاشقى دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى تېخىمۇ ئاسان ھېس قىلالايدۇ. كىشىلەر تاشقى دۇنيادا ئەڭ قىممەتلىك ئىش ياكى نەرسىنى بايقىغاندا كۆڭلىدە مۇناسىۋەتلىك قىممەت قاراش پەيدا بولىدۇ ياكى كۈچىيىدۇ. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ياخشى كىشىلەر ۋە ياخشى مۇھىتتا تۇرغان كىشىلەردە تېخىمۇ ئاسان يۇقىرى پەللىدە ھېس قىلىش تۇيغۇسى بولىدۇ. 
ماسلوۋ 1943-يىلى «ئادەم مۇددىئاسى نەزەرىيەسى (人类动机的理论)» ناملىق كىتابنى ئېلان قىلدى. بۇ نەزەرىيە تۆۋەندىكى ئۈچ ئاساسىي پەرەزگە تايانغان: 
(1) ئادەم ياشىشى كېرەك. پەقەت ياشاش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئېھتىمالى بولمىغاندىلا بۇ ئېھتىياج ھەرىكەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ، قاندۇرۇلغاندا رىغبەتلەندۈرۈش رولى بولمايدۇ. 
(2) ئادەم ئېھتىياجىنى مۇھىملىق دەرىجىسى بويىچە رەتكە تىزغاندا ئاساسى ئېھتىياجدىن (مەسىلەن: يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ ئۆي قاتارلىقلار) مۇرەككەپ ئېھتىياجغا (مەسىلەن: ئۆز قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇش) قاراپ تىزىلىدۇ. 
(3) بىر ئادەمنىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى ئېھتىياجى ھېچ بولمىغاندا ئەڭ تۆۋەن چەكتە قاندۇرۇلغاندا بۇ ئادەم ئاندىن بىر دەرىجىدە يۇقىرى ئېھتىياجىنى ئويلىشىدۇ. بۇ دەرىجىدىكى ئېھتىياجى قاندۇرۇلغاندىن كېيىن يەنە بىر دەرىجە يۇقىرى ئېھتىياجىنى ئويلىشىدۇ. 
ماسلوۋنىڭ نەزەرىيەسى ئادەم ئېھتىياجىنى فىزىيولوگىيەلىك ئېھتىياج، بىخەتەرلىك ئېھتىياجى، ئىجتىمائىي ئېھتىياج، ھۆرمەتلىنىش ئېھتىياجى ۋە ئۆز قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇش ئېھتىياجدىن ئىبارەت بەش قاتلامغا بۆلگەن. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى