ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

جۇڭگوچە بازارشۇناسلىق 10 چوڭ يېڭىلىق يۆنىلىشى

جۇڭگوچە بازارشۇناسلىق 10 چوڭ يېڭىلىق يۆنىلىشى

ۋاقتى: 2016-10-06 ئاۋاتلىقى: 957 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جۇڭگو ئىقتىسادى يېڭى بىر تەرەققىيات پۇرسىتى ئۈستىدە بولۇپ، يېڭى ئىستراتېگىيە يۆنىلىشىگە دۇچ كەلگەن جۇڭگو كارخانا بازارشۇناسلىقى بولسا ئەندىزە يېڭىلىق  ۋە ئىسلاھات باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ.
جۇڭگو كارخانا بازارشۇناسلىقى "نۇقتا"دىن يېڭى بازار سىستېمىسىغا كىرىش باسقۇچىدا بولۇپ، "نۇقتا" ئۈنۈمى يۇقىرى، لېكىن سىستېمىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەن بولماقتا؛ "نۇقتا"نىڭ يېڭىلىقى كۆپ، لېكىن سىستېمىنىڭ يېڭىلىق كۈچى يېتەرلىك ئەمەس، بۇ بولسا ھازىرقى جۇڭگو كارخانا بازارشۇناسلىقى دۇچ كەلگەن يادرولۇق مەسىلە، يادرولۇق مەسىلىگە ماسلىشىش بولسا كارخانا بازارشۇناسلىق ھالىتىنىڭ ھازىرقى قالايمىقان ۋە خۇنۈك ھالەتتە تۇرۇشىنىڭ سەۋەبى، مانا بۇ جۇڭگو بازارشۇناسلىق ئېكولوگىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكى. ئاتالمىش قالايمىقانلىق، ئاۋۋال بازارشۇناسلىق ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك ئاساسى گەۋدە ئوتتۇرىسىدىكى قورشاۋ شاھمات، زىددىيەت، توقۇنۇش باسقۇچىدىن تەكشى ھالەت باسقۇچىغا ئۆتكەنلىكى، ئۇنىڭدىن قالسا كارخانا قىممەت زەنجىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئاساسى گەۋدىنىڭ قالايمىقانچلىقتىن ئېنىق بولغان ئەسلىگە كېلىش باسقۇچىغا كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. 
بۇ خىل قالايمىقانچىلىقنى بازاشۇناسلىقنىڭ خۇنۈك بەلۋېغى دەپ ئاتايمىز. خۇنۈك بولسا جانلىنىش بىلەن چۈشكۈنلۈك ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، دەل بىر يېڭىلىق يولىغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقتۇر. يەنى بۇ جۇڭگو پۈتۈن بازارشۇناسلىق بازىرىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچتىكى يېڭىلىق بازارىغا كىرگەنلىكىنى يەنى "نۇقتا"دىن "يۈز"گە يۈزلەنگەن يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىغا كىرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
جۇڭگو كارخانا بازارشۇناسلىق يېڭىلىقى، تۆۋەندىكى 10 چوڭ ئاساسى يۆنىلىشىگە قاراپ يۈزلەنمەكتە:
بىرىنچى يۆنىلىش: بازارشۇناسلىق ئىشلىرى باشقۇرۇشتىن بازارشۇناسلىق ئىستراتېگىيە باشقۇرۇشىغا ئۆرلەش
جۇڭگو ئىلگىرىكى كارخانا مۇۋەپپەقىيىتىدە تايانغىنى ئىستراتېگىيە بولماستىن بەلكى پۇرسەت، كارخانىشۇناسلارنىڭ سەزگۈسى، بازار يۆنىلىشى بولمىغان ئاخىرقى نۇقتىدىكى ماھارەت يەنە باشقا يېقىن ئارىلىق ماھارىتىدىكى غەلىبە قىلىش دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. 
يېڭى بازار مۇھىتى ئاستىدا، ئىستېمالچىلار ئېھتىياجى ۋە ئېھتىياج قاتلىمىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بازار رىقابىتىدە ئۆزگىرىش بولدى، بۇ خىل يېقىننى كۆرۈش خاراكتېرىدىكى بازارشۇناسلىق شەكلىنىڭ يېتەرسىزلىكى كۈندىن كۈنگە گەۋدىلىنىپ، بازارشۇناسلىق ئىستراتېگىيە ئىدىيەسى ۋە بازارشۇناسلىق ئىستراتېگىيە باشقۇرۇش ئىقتىدارى جەھەتتىكى مەسىلىنى تېخىمۇ كەسكىنلىك بىلەن جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئالدىغا قويدى. جۇڭگو كارخانىلىرى جىددىيلىك بىلەن ئىستراتېگىيەنى ئاساس قىلغان بازارشۇناسلىق ئىدىيەسىنى قۇرۇشقا تۇتۇش قىلدى.
#p#
بازارشۇناسلىق ئىدىيەسى دېگەندە تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپتىن ئىپادىلىنىدۇ: كارخانىشۇناسلاردا چوقۇم چوڭ بازارشۇناسلىق ئىدىيەسى بولۇشى، ئوبوروت سودىگەرلىرىدە بولسا چوقۇم ئوبوروت كارخانىشۇناسلىرىنىڭ ئىدىيەسى بولۇشى كېرەك. يەنى ئىستراتېگىيە نۇقتىسىدىن چىقىپ بازارشۇناسلىق مەسىلىسىنى تەھلىل قىلىش، بازارشۇناسلىقنى كارخانا ئۇزۇن مۇددەت رىقابىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى دەپ قاراش. كارخانا قىسقا مۇددەتلىك بازارشۇناسلىقتىن ئۇزۇن مۇددەتلىك بازارشۇناسلىققا ئۆرلىمەكچى بولغاندا، چوقۇم مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بازارشۇناسلىق گۇرۇپپىسى، ئىلمىي ئىستراتېگىيە بازارشۇناسلىق قارار چىقىرىش ئورگىنى ۋە قارار باشقۇرۇش تەرتىپى قۇرۇپ چىقىپ،  بازارشۇناسلىق ئىستراتېگىيە يولى مۇناسىۋىتى ئارقىلىق "بىرلەشمە جەڭ" قىلىشى كېرەك. 
كارخانا قىسقا مۇددەتلىك پايدا قوغلىشىشتىن بازار تەربىيەلەش ۋە بازار ئېكولوگىيەلىك مۇناسىۋىتىگە دىققەت قىلىشى، بازارنىڭ بىر پۈتۈن پىلان ۋە يۈرگۈزۈشىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، تىرىشچانلىق بىلەن كارخانا ئومۇمىي گەۋدە بازارشۇناسلىق رىقابەت سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىشى لازىم. كەلگۈسى جۇڭگو كارخانا بازارشۇناسلىق باشقۇرۇش ئىقتىدارى، ئاۋۋال ئۇنىڭ ئىستراتېگىيە باشقۇرۇش ئىقتىداردىن كېلىدۇ.
 
ئىككىنچى يۆنىلىش: بازارشۇناسلىقتا "نۇقتا"دىن "يۈز"گە قاراپ يېڭى بازارشۇناسلىق سىستېمىسى يارىتىش
جۇڭگو كارخانىلىرى بازار يۈرگۈزۈشتە، بولۇپمۇ ئاخىرقى نۇقتىدا، نۇرغۇنلىغان ئالاھىدە بازارشۇناسلىق ۋاسىتىسى ۋە ئۇسۇلىنى ياراتتى، كارخانىدا قالتىس چارە تېخىمۇ كۆپەيدى. جۇڭگو كارخانىلىرى دەل مۇشۇ ئاجايىپ ماھارەتكە تايانغىنى ئۈچۈن، قىسقا مۇددەت ئىچىدە دۆلەت ھالقىغان كارخانىدىن ئېشىپ كەتتى. بىراق، پۈتۈن دۇنيا بىر گەۋدىگە ئايلانغان بازار رىقابىتى ئاستىدا، كارخانا بازارشۇناسلىق رىقابىتى پەقەت بىر نۇقتا ياكى بىر يۈرۈش نۇقتا بولۇپ قالماستىن، ئۇ كارخانا ئىستراتېگىيە، ئورگان، سىستېما قاتارلىق بىر تۇتاش بازارشۇناسلىق شەكلىنىڭ ھەممىسدىكى سىستېمىلىق ئۆزگىرىشكە مۇھتاج. پەقەت سىستېمىلىق ئۆزگىرىش بولغاندىلا ئاندىن پۈتۈن كارخانا بازارشۇناسلىق رىقابىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. ئاتالمىش بازارشۇناسلىق "نۇقتا"دىن "يۈز"گە قاراپ سىستېمىلىق يېڭىلىق يارىتىش، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپنى ئۆز ئچىگە ئالىدۇ:
#p#
1. بازارشۇناسلىق ئىدىيەسىدە سىستېمىلىق يېڭىلىق يارىتىش. جۇڭگو كارخانىسىدا بازارشۇناسلىق يېڭى ئىدىيەسى كەم ئەمەس، كەم بولغىنى بازارشۇناسلىق ئىدىيەسىدىكى بىر پۈتۈن سىستېمىلىق باشقۇرۇش. ئاۋۋال، كارخانا بازارشۇناسلىق باشقۇرۇش ئىدىيەسى چوقۇم كارخانا يادرولۇق قىممەت قارىشىغا ماس كېلىشى، كارخانىشۇناس ۋە كارخانا ئەترىتى چوقۇم كارخانا مەدەنىيىتىگە ماسلىشىشى كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، كارخانا باشقۇرۇش ئەترىتى چوقۇم كارخانا بازارشۇناسلىق ئىدىيەسىنى قۇرۇپ، كارخانىشۇناس بىلەن كارخانا بازارشۇناسلىق ئەترىتى بازارشۇناسلىق ئىدىيەسىدە بىرلىككە كەلگەن  ئىدىيەنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. كارخانا يۇقىرىدىن تۆۋەنگە بازارشۇناسلىقنىڭ پەقەت بازارشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ ئىشى ئەمەسلىكىنى بەلكى بارلىق باشقۇرغۇچىلارنىڭ، ھەتتا بارلىق خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك.  بولۇپمۇ تەتقىقات بۆلۈمى ۋە ئىقتىدار باشقۇرۇش بۆلۈمى، چوقۇم بازار بىلەن خېرىدار ئوتتۇرىسىدا قىممەت يەتكۈزۈش ھاسىل قىلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن قالسا، كارخانا بازارشۇناسلىق ئىدىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ باشقۇرۇش قاتلىمىغا ئېلىپ چىقىشى، بازارشۇناسلىق ئىدىيەسى جەريان لايىھەسى ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.
2. بازارشۇناسلىق سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىش دېگىنىمىز، ھەرگىزمۇ ئاۋۋالقى بار بولغان بازارشۇناسلىق شەكلىنى بىكار قىلىش بولماستىن بەلكى بازارشۇناسلىق سىستېمىسىدا داۋاملىق ياخشىلاش ئېلىپ بېرىش بولۇپ، ياخشىلاش ئېلىپ بېرىشنىڭ ئۆزى بىر يېڭىلىق يارىتىشتۇر. ئىلگىرى بىز يېڭىلىق يارىتىشنى بىر خىل يارىتىش خاراكتېرلىق بۇزغۇنچىلىق دەپ قاراپ كەلگەن، لېكىن بۇ بىر خىل يارىتىش خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشتۇر. جۇڭگو كارخانا بازارشۇناسلىق شەكلى تەرەققىي قىلىپ ھازىرغىچە، ناھايىتى كۆپ بولغان تەجرىبىنى قولغا كەلتۈردى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. سىستېمىدا يېڭىلىق يارىتىش دەل جۇڭگو مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىنىڭ تەجرىبىسى، داۋاملىق ئۇنىڭ ماس بولغان تەركىبىنى قوبۇل قىلىش، ئاشۇ ئاساستا سىستېمىلىق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
3. يېڭىلىق يارىتىش پۈتۈن بازارشۇناسلىق يۈرگۈزۈشتىكى ھەر قايسى قاتلام، ئورگانغا چېتىشلىق بولۇپ، ئۇ بازارشۇناسلىق شەكلى، بازارشۇناسلىق گۇرۇپپىسى ۋە جەريان، بازارشۇناسلىق تۈزۈلمە يۈرگۈزۈشى قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچگە ئالىدۇ. بار كۈچى بىلەن بازارشۇناسلىق سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، شۇنداقلا بازارشۇناسلىق يېڭىلىقىنى باشقۇرۇش قاتلىمىغا كۆتۈرۈش بولسا بازارشۇناسلىق يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈنۈملۈك رولغا ئىگە.
#p#
ئۈچىنچى يۆنىلىش: يەككە ئاخىرقى ئۇچ شاھىدىن مەھسۇلات، ماركا ئۆز-ئارا ھەرىكەتلەندۈرۈش ئېلىپ بارغان ئۈنۈملۈك ماسلىشىشقا ئۆتۈش
ئاخىرقى ئۇچ شاھى بولسا جۇڭگو يەرلىك كارخانىسىنىڭ دۆلەت ھالقىغان كارخانىدىن ئېشىپ كېتىشىدىكى گۆھىرى. بۇ خىل شەكىل بولسا جۇڭگو ھازىرقى بازار رىقابەت مۇھىتى ۋە بازارشۇناسلىق ئېكولوگىيەگە ماسلاشقان. بىراق بازار رىقابەت مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئاخىرقى ئۇچ شاھى بازارشۇناسلىق شەكلى ئەۋزەللىكى ئاجىزلاپ، مەھسۇلات ۋە ماركا ئەۋزەللىكى گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. ئىلگىرىكى يول تاللاش بولسا رىقابەت يۆنىلىشى ۋە سېتىش يۆنىلىشى تاللاش ئىدى. يول دېگىنىمىزدە بولسا، ساتقۇچىلارنى چىڭ تۇتۇپ، رىقابەت ئاستىدا قانداق باھا چۈشۈرۈش، قانداق قىلىپ رىقابەتچىسىدىن ئېشىپ چۈشۈش ئىدى. چۈنكى شۇ چاغدا، جۇڭگو بازار تەرتىپى تېخى مۇقىملاشمىغان، ئىستېمالچى پىشىپ يېتىلمىگەن بولۇپ، ئىستېمالچىلار ئوخشاش بولۇشنى تەلەپ قىلاتتى، پۈتۈن جۇڭگودا پەقەت بىر تەڭپۇڭسىز ئىقتىساد بولۇپ، بۇ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن، بازار پۇرسىتى ناھايىتى كۆپ، لېكىن نۇرغۇنلىغان بازار قۇرۇق بولغان. بۇ ۋاقىتتا، بازار رىقابىتى قوغداش نۇقتىسى ئاخىرقى ئۇچ تورى بولۇپ، ئىشلەپچىقارغۇچى پەقەت ساتقۇچىنى چىڭ تۇتسا بولاتتى. ساتقۇچىنى پەقەتلا تۇتمىغاندا، ئۆزى ساتاتتى؛ ساتقۇچىنىڭ ئىقتىدار يەتمىگەندە بولسا سېتىش تورى بارلىققا كېلىپ، بىۋاسىتە ئاخىرقى ئۇچ قۇرۇلۇپ چىقىلدى. بىراق ساھە ئوتتۇرىچە پايدىسىنىڭ تۆۋەنلىشى، ئىستېمالچىلار كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈردى، ئىستېمالچىلار تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتنى تەلەپ قىلدى، بۇ ئەھۋال كارخانا يەككە، ئوخشاش سۈپەتلىك مەھسۇلاتنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھەرخىل خاسلىققا ئىگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. بۇ ۋاقىتتا، كارخانا بازارشۇناسلىقى مەھسۇلات ئىستراتېگىيەسى ئاساسىدا مەھسۇلات پىلانى ئېلىپ بېرىپ، بىر يۈرۈش مەھسۇلاتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ گۇرۇپپىلاپ چىقتى، ئۇنداق بولمىغاندا ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولمايتتى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەھسۇلات بىلەن ماركىنىڭ بازاردىكى ئورنى تېخىمۇ مۇھىم بولۇشقا باشلىدى. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، ماركا ئىقتىدارى بولمىسا، پەقەت ئاخىرقى ئۇچ تېزلىتىپ سېتىشقا تايانغاندا، مەھسۇلات ۋە ماركا كۈچىدە ھېچقانداق ماسلىشىش بولمىغانلىقتىن، كارخانىنىڭ ھەقىقىي رىقابەت كۈچى كەمچىل بولىدۇ. بۇ كارخانىلاردىن باھا رىقابىتىنى ئاساس قىلىشتىن مەھسۇلات پەرقلىق بولۇش ۋە ماركا رىقابىتى ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى، مەھسۇلات پەرقلىق بولۇش ئارقىلىق ئىستېمالچىلار رەت قىلىشقا ئامالسىز بولغان مەھسۇلاتنى يارىتىپ، ماركا تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق سېتىش يولىنى ئۆزىگە تارتىش ئىدى.  بۇ ئېھتىياج بازاشۇناسلىقنى يەككە ئاخىرقى ئۇچ شاھىدىن مەھسۇلات، ماركا ئۆز-ئارا ھەرىكەتلەندۈرۈش ئېلىپ بارغان ئۈنۈملۈك ماسلىشىشقا قاراپ يۈزلەندۈردى.
#p#
تۆتىنچى يۆنىلىش: قىممەت زەنجىرى ھەرخىل مەنپەئەتى مۇناسىۋەتلىك پايدىسى تەڭپۇڭسىز ھالەتتىن ھەرىكەت ھالىتىدىكى تەڭپۇڭ ھالەتكە ئۆتۈش
ئىلگىرى، جۇڭگو كارخانا قىممەت زەنجىرى ھەر قايسى پايدىسى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا بىر خىل تەڭپۇڭسىز ھالەت مەۋجۇت ئىدى. تەڭپۇڭسىز ھالەت دېگىنىمىز، ئاۋۋال رولى ئېنىق بولماسلىق، رولى قالايمىقان بولۇش، ئۆز-ئارا ئۆتۈشۈش، ئىشلەپچىقارغۇچى ساتقۇچى بولۇش، ساتقۇچى يەنە ئىشلەپچىقارغۇچىغا ئايلىنىش قاتارلىقلار. ئىككىنچىدىن پايدا مۇناسىۋىتى قالايمىقان، تەڭپۇڭسىز، بۇ خىل تەڭپۇڭسىزلىق جۇڭگو بازارشۇناسلىق ئېكولوگىيەسىنى جانلاندۇرغان بولسىمۇ بىراق تەرتىپى قالايمىقان بولۇپ، قىممەت زەنجىرىنىڭ ماسلىشىش ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈش ناھايىتى قىيىن ئىدى. ئەگەر جۇڭگو ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئوخشاش بولغان بولسا، جۇڭگو بازارشۇناسلىقىمۇ تەڭپۇڭسىزلىقتىن تەڭپۇڭ ھالەتكە يۈزلەنگەن بولاتتى. 
ئۇنىڭ ئىپادىسى: بىرىنچىدىن بازار رىقابىتى بارا-بارا تەڭپۇڭلۇققا قاراپ يۈزلىنىش. ئىلگىرى ساتقۇچى ئىشلەپچىقارغۇچىدىن كېيىن قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلەتتى، ھازىر ساتقۇچىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئىشلەپچىقارغۇچىدىن ئېشىپ كېتىپ، بازار كۈچىدە ئۆزگىرىش بولۇش ھالىتى كۆرۈلدى. ساتقۇچى كۈنسېرى كۈچىيىپ، ئىشلەپچىقارغۇچىلار  كۈنسېرى تەڭپۇڭلۇق ھالەتكە قاراپ يۈزلىنىش ھالىتى كۆرۈلدى؛ ئىككىنچىدىن ئىستېمالچىلارنىڭ كۈچىنىڭ زورىيىشى، بۇ بولسا قىممەت زەنجىرىدىكى ھەر قايسى مەنپەئەتى مۇناسۋەتلىك تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەت ئېھتىياجىدىكى بىر ئۆلچەم. ئىشلەپچىقارغۇچى، ساتقۇچى ۋە ئىستېمالچى ئوتتۇرىسىدا نۆل يىغىندىلىق مۇناسىۋەت بولماستىن بەلكى مۇسىبەت يىغىندىلىق مۇناسىۋەت، يەنى ئىككى تەرەپ ياكى كۆپ تەرەپ تەڭ پايدىغا ئېرىشىدىغان ئۇقۇم شەكىللەندى. پەقەت  بازار كۈچى تەڭپۇڭ بولغاندىلا ئاندىن ئىرراتسىئوناللىقتىن راتسىئوناللىقا قاراپ يۈزلىنىپ، قىممەت زەنجىرىدىكى ھەر قايسى مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ-دە، ئاندىن ھەقىقىي ماسلىشىش بولىدۇ. ئاندىن ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ پۈتۈن ئەۋزەللىكىنى تەڭپۇڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ. 
تەڭپۇڭلۇق دېگىنىمىز، تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچىدىن، قىممەت زەنجىرىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ رولى ئېنىق بولۇش؛ ئىككىنچىدىن، مەنپەئەتى تەڭپۇڭ بولۇش؛ ئۈچىنچىدىن، پۈتۈن قىممەت زەنجىرى تەقسىم قىلىنىشى، ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىدە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىدىيەسى، ھەرىكىتى چوقۇم بىردەك بولۇپ، ھەرىكەتچان ماسلىشىش بولۇپ، ھەمكارلىقتا بولۇش؛ تۆتىنچىدىن، كارخانا ئىچكى قىسىمىدىن قارىغاندا، كارخانا بازار تەرەققىياتى تەڭپۇڭ بولۇش، بازار كېڭەيتىش ۋە بازارشۇناسلىق خادىمى ساپا ۋە ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى تەڭپۇڭ بولۇش، كارخانا تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش قاتارلىق ھالقىدا ھەر قايسى جەريان ئوتتۇرىسىدا شەكىللەنگەن ئۈنۈملۈك ماسلىشىش تەڭپۇڭ بولۇش، باش بۆلۈم كەسپىي بۆلۈم ۋە بازار يۈرگۈزۈش بۆلۈمى ئۈنۈملۈك ماسلىشىش. پەقەت تەڭپۇڭ بولغاندىلا ئاندىن كارخانا بازارشۇناسلىق ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى، ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
#p#
بەشىنچى يۆنىلىش: ئەمگەك زىچلىق ۋە بايلىق زىچلىق ئەندىزىسىدىن قوشۇنلارنى خىل، مەمۇرىي ئورۇنلار ئىخچام ۋە بايلىق تېجەش شەكلىگە ئۆتۈش
جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئاخىرقى ئۇچ شاھى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئاخىرقى ئۇچنىڭ "ئادەم دېڭىزى تاكتىكىسى"غا تايانغان. يەنى كۆپ مىقداردىكى بايلىق سەرپ قىلىشقا تايانغان، بۇ بايلىقنىڭ زور مىقداردا ئىسراپ بولۇشى ۋە ئادەم ئوتتۇرىچە ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى پەيدا قىلغان. يېڭى رىقابەت مۇھىتى ئاستىدا، "ئادەم دېڭىزى تاكتىكىسى"دىن "قوشۇنلارنى خىل، مەمۇرىي ئورۇنلار ئىخچام بولۇش"قا ئۆزگىرىش؛ بازارشۇناسلىقنىڭ تارقاق  ئەسكەر ھالىتىدىن بازارشۇناسلىق كوللېكتىپى قۇرۇشقا يۈزلىنىش؛ يەككە بايلىق ئىشلىتىشتىن، بايلىق تېجەش ۋە سەرپىياتىنى ئازايتىش ۋە بايلىق ئالماشتۇرۇش بولغان شەكىلگە ئۆزگىرىش. "خىل ئەسكەر" دېگىنىمىز، بار كۈچى بىلەن خادىملارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، خادىملارنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يەككە خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ "ئورگان ئىخچاملاش" بولسا بازار بىلەن خېرىدار ئوتتۇرىسىدىكى جەرياننى ئاددىيلاشتۇرۇشتۇر. 
كوللېكتىپ قۇرۇش دېگىنىمىز، بازارشۇناسلىق خادىمىنى ئايرىم ھەرىكەت قىلىشتىن كوللېكتىپ روھنى جارى قىلدۇرۇپ ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش، پۈتۈن كۈچى بىلەن بازارشۇناسلىق كوللېكتىپىنىڭ ماھارىتى ۋە كوللېكتىپ خىزمەت نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت. 
بايلىق تېجەش ۋە يىغىنچاقلاش دېگىنىمىز، يەككە بايلىقنى تالىشىشتىن بايلىقنى تېجەش ۋە بايلىق ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، بازارشۇناسلىق بايلىقىنى ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈپ، بازارشۇناسلىق بايلىقىنى ھەقىقىي تۈردە تىجارەت باشقۇرۇش قاتلىمىغا سىڭدۈرۈش، مانا بۇ تىجارەت بازارشۇناسلىقى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ تىجارەت خېرىدار بايلىقى، تىجارەت ئىختىساسلىقلار بايلىقى، تىجارەت ئۇچۇر بايلىقى ۋە ماركا بايلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
 
ئالتىنچى يۆنىلىش: ئاخىرقى ئۇچ بايلىقىدىن ئاخىرقى ئۇچ بايلىقنى ئىنچىكە گۇرۇپپىلاش باشقۇرۇشقا يۈزلىنىش
ئىلگىرى كارخانا بازار ئىگىلەش بىلەن كېڭەيتىش بىر خىل يىرىك شەكلىدە ئىدى. بازار بوشلۇقىنىڭ بارغانسېرى تارىيىشىغا ئەگىشىپ، بازارشۇناسلىق مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بازاردا تۈجۈپلەپ، ئاخىرقى ئۇچ بايلىقىنى ئىنچكە تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇشقا يۈزلەندى: (1) بازارشۇناسلىق بۆلۈمى ئاخىرقى ئۇچ باشقۇرغۇچىغا ئايلىنىپ، خېرىدارنى ئىنچىكە ئايرىش، باشقۇرۇشنى تۈرگە ئايرىش، خېرىدارنى چىڭ تۇتۇش بولۇپ قالدى. (2) ئاخىرقى ئۇچ باشقۇرۇشتا ئىنچىكە بولۇپ، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈش. (3) ئاخىرقى ئۇچ  بايلىقىنى ھەرىكەتچان باشقۇرۇپ، يوشۇرۇن خېرىدارغا تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىش. (4) ئاخىرقى ئۇچ بايلىقىغا نىسبەتەن ھەر خىل تەقسىم قىلىش ئېلىپ بېرىش، ئۈنۈملۈك قىلىپ ئەلالاشتۇرۇش.
#p#
يەتتىنچى يۆنىلىش: تەمىنلىگۈچى ئورنىنى تالىشىشتىن تەمىنلەش زەنجىرىنى تەرتىپكە سېلىشقا يۈزلىنىش
ئىلگىرى كارخانا ئاساسلىقى تەمىنلەش زەنجىرىدە ئورۇن تالىشىش ئارقىلىق ماس بولغان رىقابەت ئەۋزەللىكىنى قولغا كەلتۈرەتتى، بىراق كارخانا تەمىنلەش زەنجىرى ھەر قايسى جەريان ئۆز- ئارا ئايرىلغان بولۇپ، ئۇچۇر راۋان ئەمەس، پايدا مۇناسىۋىتى تەڭپۇڭسىز بولۇپ، كارخانا تەمىنلەش زەنجىرىدە ئەۋزەللىك شەكىللەنمىگەن ئىدى. كەلگۈسى كارخانىلارنىڭ رىقابىتى، ئاساسلىقى سۈرئەت جەھەتتىكى رىقابەت، لېكىن كارخانا سۈرئىتى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ سۈرئىتىگە ماس بولۇشى كېرەك، مانا بۇ كارخانا تەمىنلەش زەنجىرى ئورۇن تالىشىشتىن تەمىنلەش زەنجىرىنى تەرتىپكە سېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. 
تەمىنلەش زەنجىرىنى تەرتىپكە سېلىش دېگىنىمىز، ئاۋۋال IT كارخانا ئاساسىدىكى تەمىنلەش زەنجىرى سىستېمىسىنى قۇرۇش؛ ئۇنىڭدىن قالسا، تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئارقىلىق، تەمىنلەش زەنجىرى مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى تەرتىپكە سېلىش، نىشانلىق غالتەك سىستېمىسى قۇرۇپ، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش؛ ئۇنىڭدىن قالسا، كاپىتال غالتىكىنى يۈرگۈزۈپ، تەمىنلەش زەنجىرى يۇقىرى تۆۋەن ئېقىمىدا تەرتىپكە سېلىش ياكى ئىستراتېگىيە ھەمكارلىقى ئورنىتىش.
سەككىزىنچى يۆنىلىش: بازارشۇناسلىق گۇرۇپپىسىنىڭ يەككە مەنبەلىك يۈرگۈزۈلۈشىدىن بازارشۇناسلىق گۇرۇپپىسىنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدە بىلەن يۈرگۈزۈشىگە ئۆزگىرىش
بازارشۇناسلىق گۇرۇپپىسىنىڭ يەككە مەنبەلىك بولۇشى خەلقئارالىق يۈزلىنىش، يەككە مەنبەلىك بولۇشنىڭ يادروسى يۇقىرى سۈرئەتلىك گۇرۇپپا بىلەن گۇرۇپپا ئۈنۈمى بەلگىلەيدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، جۇڭگو كارخانا بازارشۇناسلىقىنىڭ يەككە مەنبەلىك بولۇشى پۈتۈنلەي خەلقئارالاشقان بولۇپ، بىز ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ بازارشۇناسلىق گۇرۇپپىمىز بىلەن دۆلەت ھالقىغان كارخانىنى سېلىشتۇرغان تېخىمۇ يەككە مەنبەلىك، بازارغا  تېخىمۇ يېقىنلاشقان. بىراق نۇرغۇنلىغان كارخانا يەككە مەنبەلىك بولۇش ئۈچۈن يەككە مەنبەلىك بولۇپ، يەككە مەنبەلىك خاتالىق ئۇقۇمىغا كىرىپ قالغان، يەنى يەككە مەنبەلىكنىڭ ئۆزى ئوتتۇرىدىكى ھالقىنى ئازايتىش دەپ قارىغان، ھالبۇكى جۇڭگو كارخانىلىرىدا ئوتتۇرىدىكى ھالقا بىلەن يۇقىرى كەسىپىي ساپا ئۈنۈملۈك يېتىلىشكە ئېرىشەلمىگەن. ھەددىدىن زىيادە يەككە مەنبە كارخانا ئوتتۇرا قاتلام ئىقتىدارى بىلەن كەسىپى ئىقتىدار يېتىلىشكە ئامالسىز قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، IT ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ كەمچىل بولۇشى، كارخانا نىشان مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى ئۈنۈملۈك قۇرۇپ چىقالمىغان، بىرىنچى سەپتىكى خادىملارنىڭ كەسىپىي ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇپ، بۇ كارخانا يەككە مەنبەلىك جەريانىدا بازارغا بولغان تىزگىنلەش ئىقتىداردىن مەھرۇم قىلىپ، كارخانا بازارشۇناسلىق كەسىپىي ئىقتىدار بىلەن گۇرۇپپا ئىقتىدارى ئاجىزلاشقان.
#p#
شۇنىڭ ئۈچۈن، جۇڭگو كارخانا بازارشۇناسلىق گۇرۇپپا ئىسلاھاتىنىڭ يادروسى يەككە مەنبە بولماستىن بەلكى گۇرۇپپا ئارقىلىق تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كارخانا ئىچكى سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش؛ يۇقىرى ساپالىق كەسپىي خادىم ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، گۇرۇپپىنىڭ بازارغا بولغان ئۈنۈملۈك پىلانى ۋە تىزگىنلەش رولىنى كۈچەيتىش؛ نىشانلىق مەسئۇلىيەت سىستېمىسى ئارقىلىق، ھەر قايسى باشقۇرغۇچى ۋە كارخانا خىزمەتچىسى بازارشۇناسلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، بازارشۇناسلىق ئىجرا قىلىش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.
 
توققۇزىنچى يۆنىلىش: يەرلىك بازارشۇناسلىقتىن خەلقئارالىق كۈچكە ئىگە بازارشۇناسلىق ئىقتىدارىغا ئۆرلەش
يەر بىر گەۋدىلەشكەن بازار رىقابىتى مۇھىتىدا، دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارنىڭ كىرىشى، جۇڭگو كارخانىلىرى يەرلىكتە خەلقئارالىق رىقابەتكە قاتنىشىشقا مەجبۇر بولدى. جۇڭگو كارخانا بازارشۇناسلىق ئىقتىدارى ئاۋۋال يەرلىك بازارشۇناسلىق كۈچىنى ئاساس قىلغان، بىراق جۇڭگو كارخانىسى پەقەت ئۆزىنىڭ دائىرىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە پەقەت يەرلىك ئەندىزىسى بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن، چوقۇم خەلقئارالىق بازارشۇناسلىق نەزىرى ۋە خەلقئارالىق بازارشۇناسلىق ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك.
جۇڭگو كارخانا بازارشۇناسلىق ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل يول بار: بىرىنچىدىن، باشقىلارغا تايىنىپ ئۆز كۈچىنى جارى قىلدۇرۇلۇش. مەسىلەن TCL خەلقئارالىق ماركا بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئارقىلىق، خەلقئارالىق بازارغا كىرىپ، خەلقئارالىق بازارشۇناسلىق ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن؛ ئىككىنچىدىن مەبلەغ يۈرگۈزۈش، مەسىلەن دېلوڭ (德隆) سېتىۋېلىش ئارقىلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارشۇناسلىق تورىنى ئىگىلىگەن. ئۈچىنچىسى بولسا خەلقئارالىق بازارشۇناسلىق تورى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، خەلقئارالىق بازارشۇناسلىق قائىدىسىنى ئۆگىنىش، خەلقئارالىق بازارشۇناسلىق ئىقتىدارىنى تاۋلاشتىن ئىبارەت.
#p#
ئونىنچى يۆنىلىش: يەككە بازارشۇناسلىق ئىختىساس خادىمىنى ئىشلىتىشتىن سىستېمىلىق بازارشۇناسلىق خادىم ئىقتىدارى يېتىلشتۇرۇش
ئىلگىرى بىز باشتىن ئاخىر قانداق ئادەم بولۇشنى قوغلىشىپ كەلگەن، بىراق دەل بازارشۇناسلىق خادىمى تەربىيەلەش ۋە بازارشۇناسلىق خادىمى ئېچىشتا مەبلەغ يېتەرلىك بولمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بازارشۇناسلىق خادىمىنىڭ كەسپىي تەرەققىيات يولى يەككە بولۇپ، بازارشۇناسلىق خادىمىغا بولغان رىغبەتلەندۈرۈش، ئىجادچانلىققا يېتەكلەش يېتەرلىك بولماي، بازارشۇناسلىق خادىمىنىڭ ھەرىكىتى ناچار، يادرولۇق ئىخلاسمەنلىكى تۆۋەن، يۆتكىلىشچانلىقى كۆپ، كەسپىي ساپاسى تۆۋەن بولغان. تۈپ يىلتىزىدىن قارىغاندا، كارخانا بازارشۇناسلىق تورى قۇرۇشنىڭ يادرولۇق قىسىمى دەل كوللېكتىپ قۇرۇپ چىقىش، مانا بۇ كارخانا يەككە بازارشۇناسلىق ئىختىساس خادىمىنى ئىشلىتىشتىن سىستېمىلىق بازارشۇناسلىق خادىم ئىقتىدارى يېتىلشتۇرۇشكە ئۆتۈشى. ئۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
(1) بازارشۇناسلىق ئادەم كۈچى بايلىق تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈلمىدە يېتەكلەش، يەنى بازارشۇناسلىق خادىمىغا كارخانا نىشانىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، كارخانا بازارشۇناسلىق خادىمىدىن نېمىنى كۈتىدىغانلىقىنى، كارخانىنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىش؛ رىغبەتلەندۈرۈش تۈزۈلمىسى، يەنى قانداق قىلىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بازارشۇناسلىق خادىمى ئۆزىنىڭ تەقدىرى بىلەن كارخانا تەقدىرىنى تەڭ ئورۇنغا قويىدىغان قىلدۇرۇش؛ رىقابەت شاللىنىش تۈزۈلمىسى، يەنى ياخشى قىلالمىغانلار شاللىنىش، بازار بېسىمىنى ھەقىقىي ھالدا ھەر بىر خادىم ئۈستىگە يەتكۈزۈش؛ تىزگىنلەش تۈزۈلمىسى، يەنى نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈلمىسى ئارقىلىق، بازارشۇناسلىق خادىمىدا ھاياتى كۈچى پەيدا قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇلارغا نىسبەتەن ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش ئېلىپ بېرىش.
(2) بازارشۇناسلىق خادىمى ئىقتىدار ھۆددىسىدىن چىقىش شەكلى قۇرۇپ چىقىش. بازارشۇناسلىق خادىمنىڭ ساپاسى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، بازارشۇناسلىق كەلگۈسى پىلانى تۈزۈپ چىقىپ، بازارشۇناسلىق خادىم خىزمەت قىلىش سالاھىيەت ئۆلچىمى قۇرۇپ چىقىپ، بازارشۇناسلىق خادىمىنى تېخىمۇ كەڭ بولغان خىزمەت ئارتۇقچىلىقىغا ئىگە قىلىش.
(3) بازارشۇناسلىق خادىمىنىڭ گۇرۇپپىغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بازارشۇناسلىق خادىمىغا بولغان تەربىيەلەش مەبلىغىنى كۆپەيتىش.
(4) ئىلمىي قىممەت قاراش، قىممەت تەقسىم قىلىش سىستېمىسى قۇرۇپ، بازارشۇناسلىق خادىم ئىچكى ۋە سىرتقى ئادىل بولۇش تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى