ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مۇسابايوف: چەت ئەل سودىسى، يەرمەنكە ۋە ئىككى قېتىملىق زور پايدا

مۇسابايوف: چەت ئەل سودىسى، يەرمەنكە ۋە ئىككى قېتىملىق زور پايدا

ۋاقتى: 2015-04-17 ئاۋاتلىقى: 810 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مۇساھاجىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھۈسەنباي ھاجىم بىلەن باھاۋۇدۇنباي 1895-يىلى قۇرۇلغان «مۇسابايوف بۇرادەرلىرى شىركىتى» نى قانداق راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا باش قاتۇرىدۇ. ئاخىر ئۇلار ئاتا ئىزىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىچكى-تاشقى سودىنى بىردەك راۋاجلاندۇرۇش قارارىغا كېلىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلار شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ بىر قىسىم مەھسۇلاتلىرى ۋە ھەرخىل دورا-دەرمەكلەر بولۇپ 83 خىلدىن ئارتۇق مالنى ئېلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا بارىدۇ. ئۇلار بىر تەرەپتىن سودا قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ياۋروپا ئەللىرىنىڭ سودا-سانائەت، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ. غەرب دۇنياسىنىڭ سانائەت تەرەققىياتى، يېڭى مائارىپنىڭ گۈللەنگەن مەنزىرىسى ئۇلاردا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرىدۇ. ئۇلار ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن سودا بىلەن سانائەتنى جىپسىلاشتۇرۇشقا بەل باغلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسىنى قانات يايدۇرۇپ، چەت ئەلنىڭ سانائەت ماللىرىنى كىرگۈزىدۇ، شىنجاڭنىڭ خام ئەشيالىرىنى چىقىرىدۇ. ئۇلار 63 خىل تاۋارنى ئىمپورت قىلىپ، خەلقنى تەمىنلەيدۇ. ئەنە شۇ خىلدىكى كۆپ قېتىملىق سودا ئارقىلىق ئۇلار ياۋروپا ئەللىرىگە تونۇلىدۇ.
ئۇلار چەت ئەللەردىكى زامانىۋى كۆن-خۇرۇم زاۋۇتلىرىنىڭ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەندىن كىيىن، 1885-يىلى مۇساھاجىم كۈرەدە قۇرغان تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش قول سانائەت كارخانىسىنىڭ تولىمۇ قالاق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ ۋە 1895-يىلىنىڭ ئاخىرىدا بۇ كارخانىنى ھازىرقى ئىلى تېرە زاۋۇتىنىڭ ئورنىدىكى ئىككى قەۋەتلىك ئىشخانا بىناسىدىن شىمال تەرەپكە ئۇزۇنلۇقى 3000 مېتىر، كەڭلىكى 400 مېتىرلىق دائىرىگە كېڭەيتىپ، سۇ كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ قۇرىدۇ. لېكىن، بۇمۇ ئۇلارنىڭ ئارزۇسىدەك بولمايدۇ. ئۇلار رۇسىيەگە زامانىۋى كۆن-خۇرۇم زاۋۇتى ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش تەلىپىنى قويغان بولسىمۇ، رۇسىيە ھۆكۈمىتى مۇسابايوفلارنىڭ زامانىۋى سانائەت كارخانىسى قۇرۇشىغا جان-جەھلى بىلەن قارشى تۇرۇپ سېتىپ بەرمەيدۇ. ئەمما، مۇسابايوفلار ئەۋلادى شىنجاڭدا سانائەت كارخانىسى قۇرۇش ئىرادىسىدىن زادىلا يانماي، قۇرۇلىدىغان سانائەت كارخانىسى لاياقەتلىك خادىملارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن چەت ئەللەرگە ئوقۇغۇچى چىقىرىدۇ.
1903-يىلى ھۈسەنباي تەكلىپكە بىنائەن موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا يەرمەنكىگە قاتنىشىدۇ، بۇ يەرمەنكىگە ئالدى يەتتە يىل، ئەڭ كەينى ئۈچ يىل تەييارلىق كۆرگەن چوڭ سودىگەرلەرنىڭ يەرلىك ماللىرى ۋە بازار ئىزدەپ كەلگەن چەت ئەللىك سودىگەرلەرنىڭ خىلمۇخىل سانائەت ماللىرى قويۇلىدۇ. بۇ يەرمەنكىگە تاشكەنتلىك ئۆزبېك سودىگەر ئەرشانباي پۈتۈن تۈركىستاندىن يىغقان بىر قانچە يىللىق پاختىسىنى قويىدۇ. بۇ پاختىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 100 مىڭ تىللاغا يېتەتتى. يەرمەنكە باشلانماي تۇرۇپ ئالدىن كەلگەن سودىگەرلەر مال كۆرۈۋاتقان مەزگىلدە، بىر ئىنگلىز سودىگىرى ھۈسەنبايغا :« سىز ئۆزبېك تىلىنى بىلىدىكەنسىز، بۇ پاختىنى ماڭا سودا قىلىپ قويسىڭىز» دەپ ئىلتىجا قىلىدۇ. ھۈسەنباي پاختىنىڭ ھەربىر كىلوگرامىغا 80 تىيىندىن باھا قويۇپ، ئىنگلىز سودىگەرگە سودا قىلىپ قويىدۇ. ئىنگلىز سودىگەر پاختىنىڭ ئومۇمىي سوممىسىنى بىلگەندىن كېيىن، پۇلى يەتمەي بۇ سودىدىن يېنىۋالىدۇ. يەرمەنكە قائىدىسىدە، يەرمەنكىگە قاتناشقانلار مالغا ئالدىراپ باھا كەسمەسلىك، ئەگەر باھا كېسىلىپ ئالغۇچى يېنىۋالسا، بۇ مالنىڭ سېتىۋالماي قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، باھا كەسكۈچى ئىلىش لازىم ئىكەن. ئۇنداق قىلمىغاندا، بۇ يەرمەنكىدە سېتىلمىغان مال يەنە نەچچە يىل يەرمەنكە كۈتۈش لازىم بولۇپ، مال ئىگىسىنىڭ زىيان تارتىشىغا سەۋەب بولىدۇ، دەپ قارىلىدىكەن. ئەنە شۇ سەۋەب بىلەن 100 مىڭ تىللالىق پاختا ھۈسەنباينىڭ ئېلىشىغا قالىدۇ. ئاخىر ئۇنىڭغا ژاخارمارۇژۇۋ ئىسىملىك بىر يەھۇدىي سودىگەر ئۇچۇر بېرىپ :« ياۋروپادا ئاپەت يۈز بېرىپ، پاختا ئۆسۈپ قالدى. نۇرغۇن زاۋۇتلار خام ئەشيا يوق توختاپ كەتتى. پات ئارىدا بۇ يەرمەنكىگە ياۋروپالىق توقۇمىچىلىق فابرىكا كاپىتالىستلىرى كېلىدۇ. پاختا ياخشى ئىكەن، ياخشىسى شۇلارنى كۈتكىنىڭ تۈزۈك » دەپ تەكلىپ قىلىدۇ. دەرۋەقە يەرمەنكە باشلانغاندا ياۋروپالىق سودىگەرلەر يېتىپ كېلىدۇ، ھېلىقى يەھۇدىي ژاخارمارۇژۇۋ سودا قىلىپ باھا كېسىشى بىلەن ھۈسەنباي پاختىنى (قىممىتى 100 مىڭ تىللا، يەنى بىر دانە تىللا ئون سومدىن جەمئىي 1 مىليون سوملۇق پاختا) بىر بىر سوم 20 تىيىندىن (ئېلىشى 80 تىيىن) يېرىم ھەسسە پايدىسىغا پادىن دېگەن سودىگەرگە سېتىپ، 50 مىڭ تىللا (500 مىڭ سوم) ساپ پايدا ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھۈسەنباي موسكۋا يەرمەنكىسىگە ئېلىپ كەلگەن شىنجاڭنىڭ يەرلىك ماللىرى، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ چاي، يىپەك رەختلىرى قاتارلىق باشقا ماللارنى سېتىپ كۆپ پايدا ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھۈسەنباي ئىلى تېرە زاۋۇتىنى قۇرۇشنىڭ ئاساسىنى تىكلەيدۇ.#p#分页标题#e#
شۇ يىلى ھۈسەنباي سودىسىنى ئەرەب ئەللىرىگە قارىتىپ، بىر تەرەپتىن سودا قىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ھەج قىلىدۇ. ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىسى بويىچە پايدىسىدىن زاكات ئايرىپ، زاكات پۇلىغا مەككىدە «تەكخانا» (ھاجىلار چۈشىدىغان ساراي) ياسايدۇ ۋە تاۋاپ مەزگىلىدە ھاجىلارنىڭ ھەقسىز پايدىلىنىشىغا تاپشۇرىدۇ. ئاندىن مەدىنىدە سودا سارى ئېچىپ تىجارەت قىلىدۇ.
شۇ يىللىرى، نېمىسلار تۈركىيە بىلەن باغداد ئوتتۇرىسىدا تۆمۈر يول ياساپ، پاي چېكى ساتىدۇ. ھۈسەنباي ھاجى 40 مىڭ تىللالىق پاي چېكى سېتىۋالىدۇ ۋە شۇ مۇناسىۋەت تۈپەيلى گېرمانىيەلىك كاپىتالىستلار بىلەن تونۇشىدۇ.
1904-يىلى ھۈسەنباي ھاجى ئىنىسى باھاۋۇدۇنباينى نۇرغۇن يەرلىك مال بىلەن گېرمانىيەگە سودا قىلىشقا ۋە شۇ پۇرسەتتە زاۋۇت كۆرۈشكە ئەۋەتىدۇ. باھاۋۇدۇنباي گېرمانىيەدە تىجارەت قىلغاچ تېرە زاۋۇتى، توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.
1910-يىلىدىن 1915-يىلىغىچە بولغان مەزگىل مۇسابايوفلارنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ «ئىلى تېرە زاۋۇتى» دا ئىشلەنگەن كۆن-خۇرۇم، چەم ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن ئۆتۈك، بەتىنكە ۋە باشقا 40 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتى شىنجاڭ ئىچىدە بازار تېپىپلا قالماستىن، خەلقئارا بازاردىمۇ ئورۇن ئالىدۇ، پۈتۈن ئاسىيا بازارلىرىدا ئەتىۋارلىق مال ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇ زامانلاردا پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە «ئىلى تېرە زاۋۇتى» دەك بىر زاۋۇت يوق ئىدى. مۇشۇ بىر قانچە يىل ئىچىدە مۇسابايوفلارنىڭ تىجارەتخانىسى (شىركىتى) نىڭ ئوبوروت كاپىتالى بىر مىليون سوم تىللا پۇلدىن ئېشىپ، شىنجاڭدىلا ئەمەس، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچىمۇ ئاتاقلىق مىليونېر بولۇپ تونۇلىدۇ.
1921-يىلى ھۈسەنباي ھاجى تەكلىپكە بىنائەن ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا يەرمەنكىگە قاتنىشىدۇ. بۇ يەرمەنكىگىمۇ شىنجاڭنىڭ سەككىز خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتى ۋە زاۋۇتتا ئىشلەنگەن كۆن-خۇرۇم، بۇلغار، مەسكاپ-چېگرىن، چەم ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن ھەرخىل ئاياغ كىيىم، پەلتو، پالشوپكا، كاژانكا، شەپكە، شىم، سومكا، چامادان، ئېگەر-جابدۇق، ھارۋا جابدۇقى، بەل تاسما (رېمىن) قاتارلىق ماللارنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇلارنى يەرمەنكىدە ساتقاندىن كىيىن ئۇ يەردىن ھەرخىل رەڭ (يۇڭ-تېرە بويايدىغان بوياق)، ھەرخىل يۇڭ-پاختا رەخت، يىپەك رەخت، تۆمۈر، قاڭالتىر، قەنت، شېكەر ھەتتا سەرەڭگە قاتارلىق 40 نەچچە خىل مالنى ئېلىپ كېلىپ، شىنجاڭ بازارلىرىنى قامدايدۇ.
مۇسابايوفلارنىڭ مۇشۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە ۋە ئىچكى-تاشقى سودىدا تاپقان پايدىسى 100 مىڭ سوم ئالتۇن ئاقچىدىن ئېشىپ كارخانا تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس يارىتىلغانىدى.
ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن ھۈسەنباي ھاجىم بىلەن باھاۋۇدۇنبايلار سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دادىل سودا قىلىدۇ. 1923-يىلى باھاۋۇدۇنباي موسكۋاغا بېرىپ سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىدىن كالىننىن بىلەن كۆرۈشۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن سودا ئالاقىسى ئورنىتىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ مۇسابايوفلار تىجارەتخانىسى ئىلى قورغاس چېگراسى، ئەركەشتام ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا 700 توننىدىن ئارتۇق قوي يۇڭى، 100 مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق قوي، 30 مىڭ باشتىن ئارتۇق ئات، كالا، نەچچە يۈزمىڭ تال پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئۈچەي، سۇغۇر، بورسۇق، تۈلكە، سۈلەيسۈن، تىيىن، بۆرە تېرىلىرى، ئەلتېرە، مارىيى، نەچچە ئون مىڭ توننا قۇرۇتۇلغان يەل-يېمىش، ئاشلىق، مايلىقدان قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. شۇ يىللاردا رۇسىيەدە گىراژدانلار ئۇرۇشى پارتلاپ قەھەتچىلىك يۈز بەرگەچكە، بۇ نەرسىلەر بەكمۇ ئېھتىياجلىق ئىدى.#p#分页标题#e#
ھۈسەنباي 1926-يىلى، باھاۋۇدۇنباي 1928-يىلى ۋاپات بولغان بولسىمۇ ئەمما تېرە زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختاپ قالماي، 1949-يىلغىچە ئەركىن ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارا بازارلارنى مەھسۇلاتلىرى بىلەن داۋاملىق قامداپ تۇرىدۇ.
1956-يىلىغىچە جۇڭگونىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىدا خىزمەت قىلغان خادىملار ۋە شۇ يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇغان ئەربابلارنىڭ ئېيتىشىچە، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ھۈسەنباي ئىلى تېرە زاۋۇتىنىڭ ماللىرى بىلەن ئاۋات ئىكەن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى