ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ياخشى خىزمەت دېگەن نېمە

ياخشى خىزمەت دېگەن نېمە

ۋاقتى: 2016-03-23 ئاۋاتلىقى: 369 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بېشى «تۈپ مەنبەسى» بۇ يەردە!

 

4. ياخشى خىزمەت دېگەن نېمە
ئەينى ۋاقىتتا مىكروسوفت شىركىتىدە تاڭ جۈن دەيدىغان بىرسى بولۇپ، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپتىكى ياشلارنىڭ نەزىرىدە بۇ دەل ئۇلار تەلپۈنگەن تۇرمۇش ھاياتى ھېسابلانغان، مېنىڭ چىڭخۇانىڭ bbsدە يوللىغان ماقالەم بۇ ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن كەمسىتىلدى، ئۇ ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلار چەتكە چىقىش ياكى چەتئەل كارخانىسىدىلا ئىشلەشنى ئويلايتتى، بىراق ھازىر قارىسام، مېنىڭ يەنىلا توغرا ئىكەن، تاڭ جۈن شېڭداغا باردى، چېن تىيەنچىياۋ قۇرغان شېڭدا بىر خەلق ئىگىلىكىدىكى شىركەت ئىدى.
بىر يۇقىرى تەلىماتلىق كىشىنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ 500 كۈچلۈك شېركەت ئىچىدە يۇقىرى مائاشقا ئىگە بولۇشى نۇرغۇن ياشلارنىڭ ئارزۇسى، ھەر يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بۇ چۈشنى كۆرىدۇ، لېكىن ياخشى ئورۇن پەقەت 500 ئەمەسمۇ.
كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئابرويىنى چوڭ بىلىدۇ، ھەم يۇقىرىغا يامىشىشقا ئامراق، خىزمەت بولغان تەقتىردىمۇ يۇقىرىغا يامىشىشقا ئامراق، مەيلى ئۇ ئۆزىنىڭ ئېرىشكىسى بولغان نەرسە بولسۇن –بولمىسۇن. كۆپچىلىك چەتئەل شىركىتىنى ناھايىتى ياخشى دەپ قارايدۇ، لېكىن ياخشى يېرى نەدە؟ ماقۇل، ئۇلار بىرقەدەر ياخشى بولغان خىزمەت بىناسىدا بولسۇن دەيلى، بۇ سىزنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنىڭىزمۇ؟ ئۇلار كاماندروپكىغا چىققاندا بىر قەدەر ياخشىراق مېھمانسارايدا تۇرۇشى مۇمكىن، بۇ سىزنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنىڭىزمۇ؟ باشقىلار چەتئەل شېركىتىدىكى خىزمەتكە ھەۋەس قىلىدۇ، بۇ سىزنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنىڭىزمۇ؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسى باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلىدىغان ئىشلار، سىز نىمىشقا شۇنچە جاپا تارتىپ ياشاپ باشقىلارغا كۆرسىتىسىز؟ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلارنىڭ مائاش، پاراۋانلىقى ئادەتتىكىچە، ئالاھىدە قالتىس يېرى يوق، ئۇلارنىڭ ئۆسۈش پۇرسىتى ئاز، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى بولۇشى ئىنتايىن تەس، ئۇلار گەرچە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئۆچ بولسىمۇ لېكىن ئىشلىمەي تۇرالمايدۇ، چۈنكى «سىز قىلمىسىڭىز قىلىدىغانلار كۆپ»، كۆپىنچە ئەھۋال ئاستىدا تەيۋەنلىك، شىياڭگاڭلىق، سىنگاپورلۇق كىشىلەرنى سىزنى باشقۇرۇشقا قويىدۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ غەلىتە بىر خىل كىبىرى بار. سىز ئېنىق ئويلاشتىڭىزمۇ؟ 500 كۈچلۈك چوقۇم ياخشىمۇ؟ خىزمەت ئىزدەش زادى سىزنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنىڭىزمۇ ياكى باشقىلارنىڭ كۆرمەكچى بولغىنىمۇ؟
مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكىغا كەتتى، ھەتتا پۈتتۈرۈپ شۇنچە يىل بولدى، يېقىندا چەتئەلگە چىقىپ كەتكەنلىرىمۇ بار. چەتئەلگە چىقىش راستىنلا شۇنچە ياخشىمۇ؟ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى تېخى دوكتۇر، دوكتۇر ئاشتىلارنىڭ قوغلاشقۇچىسى، شۇنىڭ ئۈچۈن جان تالىشىۋاتقانلار. بۈگۈنگە قەدەر پەقەت بىرسى ئامرىكىدىكى بىر مەكتەپنىڭ رەسمىي ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە ئېرىشتى. دۆلەت ئىچىدىكى ئوقۇتۇش ئىشلىرى شۇنچە تەسمۇ؟ مېنىڭ نەچچە نەۋرە تۇققانلىرىممۇ چەتئەلگە چىقىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى يالغۇز، قارايدىغان ئادەم يوق، نەچچە قېتىم ئۆيدە ئايلىنىپ كەتكەندە ھېچكىم بىلمەي قالغانمۇ بولدى، چەتئەلگە چىقىش راستىنلا شۇنچە شەرەپلىكمۇ؟ بىرسىنىڭ دېگىنىگە ئوخشاش ئىش «خۇددىي A فىلىمىنى كۆرگەنگە ئوخشاش، كۆرگەن ئادەم ھۇزۇرلىنىدۇ، قىلغان ئادەمنىڭ ئۇنداق بولۇشى ناتايىن».
ئادەم دائىم ئەڭ ياخشىسىنى تېپىشنى ئويلايدۇ، بىراق ئەڭ ياخشىسى دېگەن نىمە؟ سىزنىڭ ئەڭ ياخشى دەپ قارىغىنىڭىزنىڭ سەۋەبى سىز ئۇنى راستىنلا چۈشىنەمسىز ياكى باشقىلار ئۇنى ئەڭ ياخشى دېدىمۇ؟ ئۇ باشقىلارغا نىسبەتەن ياخشى بولغان تەقدىردىمۇ، سىزگە نىسبەتەنمۇ ئەڭ ياخشى بولامۇ؟
ئۆزىنىڭ نېمىگە ئېرىشمەكچى بولغىنىنى ئۆزى ئېنىق قىلىشى كېرەك، باشقىلارنىڭ پىكرى ئۇنچىلىك مۇھىم بولماسلىقى مۇمكىن. نۇرغۇن كىشىلەر دائىم باشقىلارنىڭ پىكرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، تۇققانلىرىنىڭ، دوستلىرىنىڭ، خىزمەتداشلىرىنىڭ دېگەندەك.... مەسىلە شۇكى، سىز زادى كىمنىڭ ھاياتىنى ياشايسىز؟ ئادەمنىڭ ھاياتى ھەرگىزمۇ ئاتا-ئانا ھاياتىنىڭ داۋامى ئەمەس، بالا-چاقا ھاياتىنىڭ ئالدىنقى بۆلۈمىمۇ ئەمەس، دوستلار ھاياتىنىڭ يەنە بىر نۇسخىسى تېخىمۇ ئەمەس، پەقەت سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىغا ئۆزىڭىز مەسئۇل بولسىڭىز، باشقىلار مەسئۇل بولالمايدۇ ھەم مەسئۇل بولۇشقىمۇ ئامالسىز.
ئۆزىڭىز قارار چىقىرىڭ، ھېچ بولمىسا ئەڭ ئاخىرىغا كەلگەندە پۇشايمىنىڭىز بولمايدۇ. ئەقلىي ئىقتىدارى نورمال بولغان كۆپىنچە كىشىلەرگە نىسبەتەن، چىقارغان قارارنىڭ چوڭ توغرا-خاتاسى يوق، قانداق تاللاش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. مەسىلەن سىز ئەگەر ئۆتكەن مەكتىپىڭىزدە ئوقۇمىغان بولسىڭىز، ھازىرقى خىزمەت ئورنىغا كىرمىگەن بولسىڭىز، بۇ ئۆمرىڭىز ئۆتمەي قالا بولغۇيمىتى؟ قاتتىق مەغلۇپ بولارمىدىڭىز؟ ناتايىن.
مېنىڭچە، ياخشى خىزمەت سىزگە مۇۋاپىق كېلىدىغان خىزمەتتۇر، كونكرېت قىلىپ ئېيىتقاندا، سىزگە ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلىرىڭىزنى بېرەلەيدىغان خىزمەتتۇر، سىز بەلكىم مۇشۇنىڭ بىلەن خىزمىتىڭىزنىڭ ياخشى-ناچارلىقىنى ئۆلچىشىڭىز كېرەكتۇ، ھەرگىزمۇ شىركەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، دائىرىسى، چەتئەلنىڭ ياكى دۆلەت ئىچىنىڭ بولۇشى، نامىنىڭ بولۇش-بولماسلىقى دېگەنلەر بىلەن ئەمەس. كىچىك شىركەتنىڭ ياخشى شىركەت بولماسلىقى، تاپقان پۇلىنىڭ ئاز بولۇشى، خىزمەتنىڭ ياخشى بولماسلىقى ناتايىن. سىز يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭ نېمىگە ئېرىشمەكچى بولغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىڭىز كېرەك، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلمىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز مەڭگۈ ياخشى خىزمەت تاپالمايسىز، چۈنكى سىز مەڭگۈ ئۆزىڭىز ئېرىشەلمەيدىغان نەرسىگە قارىۋالىسىز، ئېرىشكىنىڭىز سىز ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلەر بولماي قالىدۇ.
بەلكىم، ئەڭ ياخشىسى ئاللىبۇرۇن يېنىڭىزدا بولغان بولۇشى مۇمكىن، پەقەت سىز تېخى قەدىرلەشنى ئۆگىنىپ بولالمىدىڭىز خالاس. كىشىلەر دائىم ئېرىشەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئېسىلىۋىلىپ، ئېرىشىپ بولغان نەرسىلەرگە سەل قارايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى