ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىختىساسلىقلار باشقۇرۇش بىلەن ئادەم كۈچى بايلىقى باشقۇرۇشنىڭ قانداق پەرقى بار؟

ئىختىساسلىقلار باشقۇرۇش بىلەن ئادەم كۈچى بايلىقى باشقۇرۇشنىڭ قانداق پەرقى بار؟

ۋاقتى: 2016-02-18 ئاۋاتلىقى: 526 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «ئىختىساسلىقلار باشقۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى» بۇ يەردە!

 

ئىختىساسلىقلار باشقۇرۇش بىلەن ئادەم كۈچى بايلىق باشقۇرۇشنىڭ قانداق پەرقى بار؟

 

ئىختىساسلىقلار باشقۇرۇش بىلەن ئادەم كۈچى بايلىق باشقۇرۇش پۈتۈنلەي پەرقلىق ياكى ئايرىلغان ئەمەس، بەلكى شىركەت ئادەم كۈچى بايلىق سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن،چوقۇم باسمىسا بولمايدىغان يېڭى بىر باسقۇچ، يەنى ئادەم كۈچى باشقۇرۇش بولسا ئۆزىنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم تەرەققىياتىدىكى مۇقەررەر نەتىجە. بىراق ئىككىسى يەنە تۈپتىن پەرقلىنىدۇ:

 

1.ئادەم كۈچى بايلىقى تەڭ تەقسىماتچىلىقنى تەكىتلەپ، جەريانغا دىققەت قىلىدۇ، مەسىلەن: خىزمەت ئورنى چۈشەندۈرۈشى، مائاش سىستېمىسى، يوقلىما، پاراۋانلىق قاتارلىقلار. بىراق ئىختىساسلىقلار باشقۇرۇشتا تەكىتلەيدىغىنى بولسا ئىختىساسلىقلارغا دىققەت قىلىش، مەسىلەن: جەلپ قىلىش، قوبۇل قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىختىساسلىقلارنى ساقلاپ قېلىش. ئادەم كۈچى بايلىقى باشقۇرۇش بولسا ھەر بىر ئادەمگە ئوخشاش قاراپ، شىركەتنىڭ بايلىق تەقسىم قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇئامىلە قىلىشتىن ساقلىنىدۇ، لېكىن ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش بولسا "مەركەز" ۋە "غەيرى مەركەز" خىزمەتچىلەرگە ئوخشاش بولمىغان مۇئامىلىدە بولىدۇ، شۇنداقلا "ئوخشاش بولمىغان توپتىكى ئوخشاش بولمىغان كىشىگە ئوخشاش بولمىغان تەلەپ قويىدۇ".

 

2.ئادەم كۈچى بايلىقى باشقۇرۇش دائىم HR بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولاتتى، لېكىن ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش بولسا HR بۆلۈمى بىلەن يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. ئىختىساسلىقلار باشقۇرۇش تۆۋەندە كەسىپ باشقۇرغۇچىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ،لېكىن ئادەم كۈچى بايلىق بۆلۈمى لايىھە ۋە تەشۋىق قىلىشقا، شۇنداقلا نەتىجە تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش HR نىڭ مەسئۇلىيىتى بولماستىن تېخىمۇ كۆپ  ھاللاردا باشقۇرغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى!


3.ئادەم كۈچى بايلىقنى باشقۇرۇشنىڭ ھەربىر قاتلىمى ئايرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ دىققەت نۇقتىسى "ئادەم" بولماستىن بەلكى ئىقتىدارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى. لېكىن ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇشنىڭ چىقىش نۇقتىسى "ئادەم" بىلەن "ئىختىساسلىقلار". ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇشتا، باشقۇرۇش ئىقتىدارى ئايرىلغان بولماستىن، بەلكى زىچ باغلىنىپ، ئىختىساسلىقلارنى چۆرىدەپ سىستېمىلاشقان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇشنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى بولسا ئىزچىل بولغان ئىختىساسلىقلار تەمىناتى.


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى