ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قوش يېڭىشنىڭ مۇھىملىقى

قوش يېڭىشنىڭ مۇھىملىقى

ۋاقتى: 2016-02-23 ئاۋاتلىقى: 832 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بېشى «ھەمكارلىشىش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىزنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى» بۇ يەردە!

 

قوش  يېڭىشنىڭ مۇھىملىقى


مىكروسوفتنىڭ تىجارەت جەھەتتىكى ئۆزگىرىشى يالغۇز جۇڭگودىلا ئىپادىلەنمىدى. پۈتكۈل مىكروسوفتنىڭ ئىچكى قىسمىنى باراۋەرلىك ۋە ھەمكارلىقنىڭ  يېڭى كەيپىياتى قاپلاشقا باشلىدى. 2001-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، بۇرادفورد. شىمىس مىكروسوفتنىڭ قانۇن ئىشلىرى باش مەسلىھەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلىندى، ئۇ مىكروسوفت يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرگە تەكلىپ كۆرسەتكەن ۋاقىتتا، پەقەت PowerPoint(پىرويىكسىيە) يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ئىشلەنگەن بىر بەتلىك پىرويىكسىيە پلاستىنكىسنىلا كۆرسەتتى. پلاستىنكىدىكى بىر جۈملە: «ھازىر تىنچلىقنى ئىزلەيدىغان دەۋر» دېگەن تەكلىپ ئىنتايىن ئاددىي بولسىمۇ، زور قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىدى. مىكروسوفت شىركىتىدە ئۇزاق يىللىق تەسىرگە ئىگە بۇ قانۇن ئىشلىرى ۋاكالەتچىسى، يۇمشاق دېتال كەسپىنىڭ  بېشى بولغان مىكروسوفت شىركىتى ئۆزىنىڭ قانۇن ئىستىراتېگىيسىنى ۋە سودا ھەرىكتىنى ئۆزگەرتىشى، نازارەت قىلىش ئورونلىرى ۋە باشقا تېخنىكا شىركەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. شىمىس مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا  يېڭى خىزمەت ئورنىغا تەكلىپ قىلىندى، مىكروسوفتمۇ قوش  يېڭىش دەۋرىگە كىرىشكە باشلىدى. شىمىس مىكروسوفتنىڭ قانۇن ئىشلىرى باش مەسلىھەتچىسى بولغاندىن كېيىن، مىكروسوفت ھەقىقىي ھالدا ئۆزگىرىشكە باشلاپ، مۇلايىملىشىپ كەتتى. شىمسىنىڭ ئالدىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن مىكروسوفت قانۇن ئىشلىرى باش مەسلىھەتچىسى ۋىلىيام. نىركان بولۇپ، 2002-يىلى پىنسىيگە چىققانىدى، نىركان ۋەزىپە ئۆتىگەن   22 يىلدا، مىكروسوفت دۇچ كەلگەن قانۇن ماجىرالىرىنى ئىزچىل «يا سەن ئۆلىسەن يا مەن ھايات قالىمەن» دىن ئىبارەت بىر مەيدان ھايات-ماماتلىق كۈرىشىگە ئايلاندۇرۇپ كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن مىكروسوفت قۇرۇلغان 29 يىلدىن بېرى، گايتىس ھەرقانداق بىر قانۇن ماجىراسىدىن دېگۈدەك ئۆزىنى چەتكە ئالالمىغان.


ئەمما شىمىس ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، ھەرقېتىم قانۇن ئەرز-شىكايەت دېلولىرىغا يولۇققان ۋاقىتتا، مىكروسوفت ئاكتىپ پوزىتسىيەدە ھۆكۈمەت ۋە باشقا شىركەتلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، سوت سىرتىدا يارىشىپ قېلىشنى ئىزدەيدىغان بولدى. ھازىرغا قەدەر مىكروسوفت 24 كە  يېقىن قانۇنى شىكايەت دېلولىرىنى بىرتەرەپ قىلدى ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن ئەرز قىلغۇچىلارغا 5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم بەردى. ئەدلىيە مىنىستىرلىكى بىلەن دەۋالىشىشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مىكروسوفت ئامېرىكا تور لىنيىسى، دەۋر خوانا، قۇياش(SUN) كومپيۇتېر شىركىتى ۋە باشقا بەزى كىچىك شىركەتلەر يەنى Be شىركىتى دېگەندەكلەر بىلەن يارىشىپ قالدى.


شىمىس يەنە ھەر ئىككى ئايدا بىر كۈن ۋاقىت ئاجىرىتىپ 5، 4يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغاندىن بېرى ئىزچىل مۇشۇنداق قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئەڭ دەسلەپ كىشىلەر گۇمانلىنىپ: ئۇ كېلىپ نېمە ئىش قىلىدىغاندۇ؟ دەپ سورىغان. ئەمما مەسىلە پەيدا بولغان ۋاقىتتا، شىمىس پەقەت يىرىم سائەت ۋاقىت ئاجىرىتىپلا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغان، ئەگەر شىمىسنىڭ مۇشۇ خىل مۇناسىۋىتى بولمىغان بولسا بۇنداق مەسلىلەرنى ھەل قىلىشقا نەچچە ئاي ۋاقىت كەتكەن بولاتتى.



مىكروسوفت بىلەن «ئامېرىكا توردا» شىركىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىش جەريانىدا، شىمىس ئىككى تەرەپ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىززىق نۇقتىنى ئىككى كارخانا ئوتتۇرىسىدىكى پەرققە يۆتكەپ كېلىپ، ئىككى تەرەپكە ئوخشاشلا پايدىلىق بولغان ھەل قىلىش لايىھەسنى ئوتتۇرىغا قويدى. لايىھەدە، ئەگەر بۇ پۈتۈن دۇنيانى ئىنتېرنېت تورى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان كارخانىلارنىڭ داھىيسى مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئۆزى ئىشلەپچىقارغان رەقەملىك كۆپ ۋاستە يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق توردا مۇزىكا ۋە سىنلارنى قويۇشىغا قوشۇلسا، ئۇنداقتا مىكروسوفت شىركىتى «ئامېرىكا توردا شىركىتى»گە زور سوممىدا تۆلەم تۆلەش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئامېرىكا توردا شىركىتنىڭ لېدىرى كاپۇچ بۇ تەكلىپنى ئىككى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى. ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى ئازراق ئۆچمەنلىك كەيپىياتى بىلەن كۆرۈشۈپ، رېستوراندا ئۇدا چۈشكىچە سۆھبەتلىشىپ تالاش-تارتىش قىلىشقاندىن كېيىن ئايرىلىشتى.


شىمىس ئۆزىنىڭ بىكاردىن بىكار تۆلەم تۆلىمەيدىغانلىقى ھەم مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئاساسى ئېتىقادىي جەھەتتە(مىكروسوفتنىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرىغا  يېڭى ئىقتىدارلارنى تاللاش ھوقۇقى بار) ھېچقانداق يول قويمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. «ئەگەر شەخسنىڭ مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسا، ھەرگىزمۇ ئۇنى شەخسنىڭ شاپائەت ۋە ئاداۋىتىگە ئايلاندۇرۇشقا بولمايدۇ، ھەرۋاقىت بىۋاستە ئالاقە ۋە ئېقىمنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك ھەم شۇنداقلا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار بولغان قوش  يېڭىش پۇرستىگىمۇ دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر سىزنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىڭىز پەقەت مەلۇم بىرلا مەسىلە بولسا، ئۇنداقتا سىزنىڭ پەرقنى تۈگەتمىكىڭىز تەسكە توختايدۇ. ئەمما، ئەگەر سىز نەزەر دائىرىڭىزنى كېڭەيتەلىسىڭىز، باشقىلارنى بىرلا ۋاقىتتا 4، 3 مەسلىنى كۆرەلەيدىغان قىلالىسىڭىز، ئۇنداقتا بىزدە ئىلگىرى مەۋجۇد بولۇپ باقمىغان ئەمما پەيدا قىلىشقا بولدىغان قوش  يېڭىش ۋەزىيىتىنى يارىتىشقا ئىمكانىيەت تۇغۇلىدۇ. »دەيدۇ-شىمس.


مىكروسوفتنىڭ بۇنداق ئۆزگىرىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ شەخسلەر كومپيۇتېرى دەۋرىدىكى شان-شۆھىرىتىنىڭ بار-بارا ئاجىزلاشقانلىقى، شۇنداقلا تور دەۋرىدىكى ئۆزگىرىش جەريانىدا، ھەممە يەردە قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنلىكىدىن بولغان، بۇ ئېنىقكى گايتىسنىڭ تور تەرەققىياتىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى تەدبىرلىرىنىڭ پايدىسىز بولۇشى بىلەنمۇ  مۇناسىۋەتلىك، ئەلۋەتتە، يەنە مىكروسوفتنىڭ ئۈستەل يۈزى مەشغۇلات سىستېمىسنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىشنى بەكرەك ئويلاپ كېتىپ، ئېقىمغا ماسلىشالمىغانلىقى، يېڭى ساھەدىكى ئىستىراتېگىيە بەلگىلەش، پۇرسەتتە كىرىشىش قاتارلىقلارنى ئىگەللەش جەھەتتە بەك كېيىن ھېس قىلىپ يەتكەنلىكى بىلەنمۇ  مۇناسىۋەتلىك.


بۈگۈنكى كۈندە مىكروسوفتنىڭ ھەممە ئىشتا «خوجا» بولۇشنى ئويلايدىغان شەخسلەر كومپيۇتېرى دەۋرىدىكى تەپەككۈرى ئاللىبۇرۇن تور دەۋرىدىكى «ئورتاق بەھرلىنىش». «قوش  يېڭىش» قاتارلىقلارنىڭ تەلپىگە ماس كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى، بۇ دەل «كونا يەككە قەھرىمانلىق ئىدىيسى»نىڭ « يېڭى ھەمكارلىق ئىدىيسى»نىڭ ئالدىدا موللاق ئېتىشىدۇر. شۇڭلاشقا گايتىس بىلەن بالمېرمۇ شىمسىنىڭ تىنچ مۇھىت بەرپا قىلىشىغا يول قويۇپ، ئورتاق  يېڭىش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرستىش ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە.



شىمىسنىڭ ئورتاق  يېڭىش ئىستىراتېگيىسى ئىلگىرى مىكروسوفت بىلەن ئىنتىلنىڭ ھەمكارلىشىشىدا ناھايىتى روشەن ئىپادىلەنگەنىدى. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى، كۆك رەڭلىك گىگانت IBM شىركىتى ئىنتىل شىركىتىنىڭ ئۆزىكىنى ۋە مىكروسوفتنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسنى تاللاپ، ئۆزىنىڭ شەخسلەر كومپيۇتېرىنى تەرەققىي قىلدۇرغان ۋاقىتتا، ئىنتىل بىلەن مىكروسوفتمۇ باراۋەر ھوقۇقتا، نۇرغۇن پۇل تاپالايدىغان Wintel ئىتتىپاقىنى قۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى قوش ئۇتۇپ ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىنتىل بىلەن مىكروسوفت بار-بارا پۈتۈن شەخسلەر كومپيۇتېرى ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنى ئىشغال قىلىۋالدى.


شەخسلەر كومپيۇتېرىنىڭ 20 يىللىق تەرەققىيات تارىخىنى ئەسلىسەك، ھەممىسى دېگۈدەك مىكروسوفت بىلەن ئىنتىلنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەرىجىسنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، Wintel نىڭ ئىچكى كېلىشىملىرىنى تەڭشەش تارىخىدۇر. شەخسلەر كومپيۇتېرىنىڭ ئۇل تېشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن Wintel ئىتتىپاقىنىڭ خۇشاللىقى، قايغۇ-ھەسىرىتى ئىلگىرى كۆپ قىسىم كارخانىلارنىڭ ئىستىراتېگىيسىگە تەسىر كۆرستىپ كەلدى، ھەتتا ئۇنىڭ تەسىرى بىر مەزگىل «بويسۇنغۇچىلار ھايات قالىدۇ، قارىشى تۇرغۇچىلار ئۆلىدۇ» دەيدىغان دەرىجىگىمۇ يېتىپ قالغانىدى.


مىكروسوفتنىڭ ئاساسلىق مەھسۇلاتى ئوپتىكا دىسكىدا بولۇپ، تەننەرخى پەقەت ئون نەچچە يۈەنلا كېلىدۇ، ئەمما بۇ ئوپتىكا دىسكىنى 2000~5000 يۈەنگىچە يۇقىرى باھادا ساتقىلى بولىدۇ. پەقەت «ھەر 18ئايدا ئۆزەكنىڭ ھېسابلاش سۈرئىتىنى بىر قاتلاش»تىن ئىبارەت «مور قانۇنى»نى بويىچە سودا ھەركىتى  ئېلىپ بارغاندىلا، Wintel ئاندىن ئوبروت باسقۇچىدا %85 ئەتراپىدىكى پايدا ئېلىش بوشلۇقىنى ساقلاپ قالالايدۇ ھەم پۈتكۈل يەرشارىدىكى قاتتىق دېتال تەمىنلىگۈچى كارخانىلار، مۇلازىمەت كارخانىلىرى قاتارلىق تۆۋەنكى ئېقىمدىكى كارخانىلارنىڭ تېخنىكا تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ.


يەتتە يىل ئىلگىرى، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى بىر مەزگىل ۋەيران بولۇش گىردابىغا  بېرىپ قالدى. ئەينى ۋاقىتتا، يۇمشاق دېتال كەسپىنىڭ گىگانىتى مىكروسوفت شىركىتى فدىراتسىيە ترېسىتقا قارىشى تۇرۇش(مونوپۇللۇققا قارىشى تۇرۇش) قانۇنىنىڭ شىكايەت قىلىشى تۈپەيلىدىن قىيىن كۈندە قالىدۇ. ئىنتىل بولسا مىكروسوفتنىڭ دۈشمىنىنى يۆلەش ئارقىلىق مىكروسوفتنى كەيىنىدە قالدۇرۇپ، ئۆزى يالغۇز ھالدا بازارغا قوماندانلىق قىلماقچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى بىراقلا يىرىكلەپ كېتىدۇ. كېيىن، مىكروسوفت شىركىتىمۇ ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا ئىنتىلنىڭ رىقابەتچىسى ئامېرىكا AMD شىركىتىنىڭ 32 خانىلىق ۋە 64 خانىلىق ئۆزەك قۇرۇلمىسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. ھالبۇكى ئىنتىل شىركىتى، يەنىلا ئىزچىل مىكروسوفت كۆزنەك مەشغۇلات   سىستېمىسنىڭ رىقابەتچىسى بولغان لىنېكس(Linux)   سىستېمىسنى قوللاپ كېلىۋاتاتتى. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ئۆز شىركىتنىڭ شەخسلەر كومپيۇتېرى يۇمشاق دېتالىنى تۈزۈۋاتاتتى. چۈنكى ئۇ سىمسىز ئېلېكترون ساھەسىدە تېخىمۇ چوڭ بولغان ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا ئېرىشمەكچى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتكەنىدى. يۇمشاق دېتالنىڭ ماسلىشىشى بولمىغاچقا، ئىنتىل شىركىتىنىڭ ئارمانغا چۇشلۇق دەرمانى يوق بولۇشقا باشلىدى، يېڭى ئىقتىسادنىڭ تۇيۇقسىز توختاپ قىلىشى بىلەن ئىنتىل شىركىتىدىكى كىرزىس ئاخىرى ئومۇميۈزلۈك پارتىلدى-2004-يىلى «سەكرەش4(Pentium)»نىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى  سېتىپ چىقىرىلىش ئەھۋالى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، ئىنتىلنىڭ پايدا نىسبتى تۆۋەنلەپ %80 تىن ئېشىپ كەتتى. تۆۋەن دەرىجىلىك بازاردا بولسا، ئىنتىلنىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبى AMDنىڭ بازار ئىگەللەش نىسبىتى  توختىماستىن ئۆرلەۋاتاتتى. ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى نەتىجىسدە مىكروسوفت بىلەن ئىنتىلنىڭ ھەر ئىككىلىسى مەغلۇپ بولۇپ، زىيانغا ئۇچرىدى. شۇڭلاشقا، ئەقىللىق گايتىس ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، كونا دوست بىلەن يارىشىپ ۋەزىيەتنى ئوڭشاش كېرەك دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن، مىكروسوفت  يېڭى باشتىن ھەمكارلىق ۋاستىسىنى قوللىنىپ، ئىنتىل بىلەن قايتا ھەمكارلىشىپ قوش  يېڭىش مەقسىتىگە يەتتى.



مىكروسوفتنىڭ  يېڭى شىرىكلىرى سونى(SONY)، موتورولا(MOTOROLA) قاتارلىقلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقى قوش  يېڭىشنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۈلگىسىدۇر. رەقەملىك مۇزىكا ساھەسىنىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى چولپىنى»-ئالما شىركىتىگە جەڭ ئېلان قىلىش ئۈچۈن، مىكروسوفت  سونى شىركىتى بىلەن مەخپى ھەمكارلىق ئورناتتى. گايتىسنىڭ ئاشكارلىشچە، سونى بىلەن مىكروسوفت بىرلىشىپ، تور مۇزىكا مۇلازىمىتى ۋە نەشر ھوقۇقىنى قوغداشنى ئۆزئىچىگە ئالغان رەقەملىك مۇزىكا «ئاساسىي قۇرۇلمىسى»نى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقماقچى بولدى. ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن خەۋەرلىشىش تېخنىكىسنىڭ بىرلىشىشىدىن ئىبارەت چوڭ يۈزلىنىش ئاستىدا، مىكروسوفت بىلەن موتورولا «ئۇچراشماس» ئىدىيىسىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە چۈشىنىشنى قولغا كەلتۈردى، ئىككى شىركەت تېخنىكا جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى بىرلەشتۈرۈلگەن  يېڭى ئۈسكۈنىنىڭ مەھسۇلات ئىدىيىسى جەھەتتە «ئۇچراشماس كۆچمە ئالاقە» بىلەن «ئۇچراشماس ھېسابلاش»نىڭ بىرىكىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەھسۇلاتنىڭ ئىقتىدارى ۋە لايىھەلەشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە  يېڭىلىق يارىتىپ، ئىككى شىركەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى ئىلگىرى سۈردى.


ھەمكارلىق ھەممە يەردە مەۋجۇد، قوش  يېڭىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، كەسپى ساھەدە نۇرغۇن كۈچلۈك رەقىبلىرى بىلەن كۈرەش قىلىپ كۆنۈپ قالغان مىكروسوفت شىركىتى پايدا ئۈچۈن ئەمدى باشقا شىركەت، كارخانىلار بىلەن ئۆز-ئارا زەيتۇن شېخى(ئىتتىپاقلىقنىڭ سىمۋولى) سۇنۇشىدىغان بولدى. ئىس-تۈتەك ۋە زەيتۇن شېخى تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدىغان پەن-تېخنىكا ساھەسىدە، بۇ خىل ئۆزگىرىش شەك- شۈبھسىزكى مىكروسوفتنى تېخىمۇ سېھىرىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.

---------------------------------

داۋامى ھەر كۈنى بىر تېما شەكلىدە يوللىنىدۇ....

ئالاھىدە ئەسكەرتىش:

مەزكۇر «بىل.گايتىسنىڭ تولۇق تەرجىمىھالى» ناملىق كىتاب تەرجىمان ئەنۋەر تۇردىنىڭ ئالاھىدە رۇخسىتى بىلەن قايتا تەھرىرلىنىپ ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىدا ئېلان قىلىندى، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى