ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

خەيئېرنىڭ نەزەرىيەسى

خەيئېرنىڭ نەزەرىيەسى

ۋاقتى: 2016-08-08 ئاۋاتلىقى: 423 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 2. خەيئېرنىڭ «شۈك بولۇپ قالغان بېلىقنى يېيىش» نەزەرىيەسى


كىشىلەر ئادەتتە كارخانىلار ئارىسىدىكى قوشۇۋېلىشنى بېلىقنىڭ بېلىق يېيىشىگە ئوخشىتىدۇ، ياكى چوڭ بېلىق كىچىك بېلىقنى يەيدۇ ياكى كىچىك بېلىق چوڭ بېلىقنى يەيدۇ.


خەلقئارالىق نۇقتىدىن ئېيتقاندا كارخانىلارنى قوشۇۋېلىشنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ:


بىرىنچى، «چوڭ بېلىقنىڭ كىچىك بېلىقنى يېيىشى». بۇ ۋاقىتتا تېخنىكا ئامىلى تېخى رىقابەتنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلىغا ئايلانمىغان، كارخانىنىڭ كاپىتال ساقلانمىسى، تىجارەتنىڭ كۆلىمى رىقابەتنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى بەلگىلەيدۇ، قوشۇۋېلىشنىڭ ئاساسلىق شەكلى چوڭ كارخانىلار كىچىك كارخانىلارنى قوشۇۋالىدۇ.


ئىككىنچى، «تېز بېلىقنىڭ ئاستا بېلىقنى يېيىشى». بۇ ۋاقىتتا تېخنىكا ئامىلىنىڭ تەسىرى كاپىتالنىڭ تەسىرىدىن ھالقىپ ھەل قىلغۇچ ئامىلغا ئايلانغان، كىم تېخنىكا ئۈستۈنلۈكىگە ئېرىشسە شۇ رىقابەتتە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىدۇ. قوشۇۋېلىشنىڭ يۆنىلىشى كاپىتال تېخنىكىغا يېقىنلىشىدۇ، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار ئەنئەنىۋىي كارخانىلارنى قوشۇۋالىدۇ.


ئۈچىنچى، «لەھەڭنىڭ لەھەڭنى يېيىشى». بۇ يەردىكى يېيىشنىڭ بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى مەغلۇپ قىلىش دەپ مەنىسى يوق، بەلكى «كۈچلۈكلەر بىرلىشىش» دەپ مەنىسى بار. بۇ كاپىتال يۇقىرى مەركەزلەشكەن، تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان، دۇنيا ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىككە يۈزلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىكى كارخانا قوشۇۋېلىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى شەكلى. بوئىن (波音) ۋە مەيداۋ (麦道)نىڭ بىرلىشىشى دەل « لەھەڭنىڭ لەھەڭنى يېيىشى»نىڭ تىپىك مىسالىدۇر.



ئۇنداقتا خەيئېرنىڭ يېگىنى قانداق بېلىق؟ خەيئېرنىڭ قارىشىچە ئۇلارنىڭ يېگىنى كىچىك بېلىقمۇ ئەمەس، ئاستا بېلىقمۇ ئەمەس، لەھەڭ تېخىمۇ ئەمەس، بەلكى شۈك بولۇپ قالغان بېلىق. خەيئېر گۇرۇھىنىڭ باش لىدىرى جاڭ رۈيمىن: «دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىدا جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قوشۇۋېلىشتا چەتئەلنىڭ ئۇسۇلىنى تەقلىد قىلىشقا بولمايدۇ، تۈزۈمنىڭ سەۋەبىدىن كىچىك بېلىق ئۆزىنى كىچىك دەپ قارىمايدۇ، ئاستا بېلىق ئۆزىنى ئاستا دەپ قارىمايدۇ، ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ يۆلەنچۈكى بولىدۇ ۋە ئۆزىنى ئۆزى خۇش قىلىدۇ، بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقى كەمچىل. شۇڭلاشقا چوڭ بېلىق كىچىك بېلىقنى يېيەلمەيدۇ، ئاستا بېلىقنىمۇ يېيەلمەيدۇ، لەھەڭنى تېخىمۇ شۇنداق، تېرىك بېلىق ئۆزىنى يېگۈزمەيدۇ، ئۆلۈك بېلىقنى يېسە قورساق ئاغرىيدۇ، شۇڭلاشقا شۈك بولۇپ قالغان بېلىقنى يېيىش كېرەك.


ئۇنداقتا شۈك بولۇپ قالغان بېلىق دېگەن نىمە؟ جاڭ رۈيمىننىڭ چۈشەندۈرىشى مۇنداق: بېلىقنىڭ مۇسكۇلىنىڭ ياخشى بولۇشى كارخانىنىڭ زاپچاسلىرىنىڭ ياخشىلىقىنى، شۈك ھالىتى كارخانىنىڭ ئىدىيەسى، كۆز قارىشىدا مەسىلە ساقلانغانلىقتىن، كارخانىنىڭ ئىلگىرىمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا تەمسىل قىلىنغان. بۇ خىل كارخانا يېڭى باشقۇرۇش ئىدىيەسى، بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ئۇسۇلى بولسا تېزلا جانلىنىدۇ. شۈك بېلىقنى يېيىش نەزەرىيەسى خەيئېرنى قوشۇۋېلىش نىشانىنى تاللاشتا ئەمەلىي پاكىت بىلەن تەمىنلىدى. خەيئېرنىڭ قوشۇۋېلىشتىكى مۇھىم نۇقتىسى قارشى تەرەپنىڭ ھازىر بار بولغان مال مۈلكى ئەمەس بەلكى يوشۇرۇن بازار كۈچى، يوشۇرۇن ھاياتى كۈچى بولۇپ، بۇ كاپىتال بازىرىدىكى پايچەكنى سېتىۋالماي قەرەللىك ھوقۇقنى سېتىۋالغانغا ئوخشايدۇ. خەيئېرنىڭ 18 قوشۇۋېلىشى ئىچىدە، قوشۇۋېلىنغان كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي زىيان سوممىسى 550 مىليونغا يەتكەن، ئاخىرىدا جانلاندۇرۇلغان مال مۈلۈك بىر مىليارد 520 مىليونغا يېتىپ، تۆۋەن تەننەرخلىق كېڭەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرغان. خەيئېرنىڭ قارىشىچە، خوڭشىڭ زاۋۇتى شۈك بولۇپ قالغان بېلىق بولۇپ، خەيئېر ئۆزىنىڭ كارخانا مەدەنىيىتى ئارقىلىق بۇ شۈك بولۇپ قالغان بېلىقنى جانلاندۇرغان.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى