ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىگىلىك تىكلەشتە مەغلۇبىيەتكە ئۇچراشتىكى 10 سەۋەب

ئىگىلىك تىكلەشتە مەغلۇبىيەتكە ئۇچراشتىكى 10 سەۋەب

ۋاقتى: 2016-11-04 ئاۋاتلىقى: 646 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كارخانىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار كۆپ. ئامېرىكىدىكى كىچىك كارخانىلارنى تەكشۈرۈش ئىدارىسى (SBA) نىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، كىچىك كارخانىلارنىڭ %90 ى ئىككى يىلدىلا ۋەيران بولىدىكەن، بۇنىڭ سەۋەبى، بۇنداق كارخانىلاردا خىرىسقا تاقابىل تۇرالىغۇدەك بىلىم ۋە تەجرىبە كەمچىل ئىكەن. يەكۈنلىنىشىچە، كىچىك كارخانىلار قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئون مەسىلىگە دۇچ كېلىدىكەن.

تەييارلىق يېتەرلىك بولماسلىق

ئىنچىكە پىلانلاش ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى ئاچقۇچ، ئەمما، بۇ ئادەتتە كارخانىنىڭ مۇقىملىقى ۋە پايدىسى ئارقىلىق ئەكس ئېتىدۇ. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كارخانىچىلار ئىجادىيىتىنى بازارغا سېلىشقا ئالدىرايدۇ، ئەمما، زۆرۈر بولغان تەييارلىق خىزمەتلىرىگە سەل قارايدۇ.

مەبلەغ يېتەرلىك بولماسلىق

كارخانىنىڭ يۈرۈشۈشىگە كېتەرلىك زۆرۈر مەبلەغنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ قويۇشمۇ دائىم كۆرۈلىدىغان خاتالىقتۇر. مەبلەغ كەمچىل بولغاندا كارخانا ئاسانلا پاتقاققا پېتىپ قېلىپ، كارخانىنىڭ روناق تېپىش يوشۇرۇن كۈچى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا، كارخانىچىلار كارخانىنىڭ يۈرۈشۈشىگە كېتەرلىك مەبلەغنى تولۇق تەييارلىشى كېرەك.

ياخشى بازارشۇناسلىق ئىستراتېگىيەسى كەمچىل بولۇش

خېرىدارلارنىڭ مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتكە نىسبەتەن چۈشەنچىسى يېتەرلىك بولمىسا، مەھسۇلاتنىڭ باھاسى ئەرزان بولغان تەقدىردىمۇ كارخانا يەنىلا خەتەردىن ساقلىنالمايدۇ. ئېلان - كارخانىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىللارنىڭ بىرى، ئەگەر، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر خېرىدارلارغا مەھسۇلاتىنى قانداق سېتىشنى بىلمىسە، تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلاشقۇچىلارنى تېپىپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، كارخانا ئۆزىنىڭ تور بېتىنى ياخشى لايىھەلىشى، خېرىدارلارنى شىركەتنىڭ ئۇچۇرلىرىنى بىلىش ۋە كارخانا تەمىنلىگەن مەھسۇلات بىلەن مۇلازىمەتنى چۈشىنىش شارائىتىغا ئىگە قىلىشى كېرەك.

مال تەمىنلىگۈچىلەر ئىشەنچلىك بولماسلىق

مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىشەنچلىك بولغان تەمىنلەش تورىنىڭ مەۋجۇتلۇقى سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىشتا كەم بولسا بولمايدۇ. مال تەمىنلىگۈچى بىلەن ئالاقە قىلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، ئەمما، مۇۋاپىق ئالماشتۇرۇش ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئوڭۇشلۇق ھالدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەمىنلەش تورىنى بارلىققا كەلتۈرگىلى ۋە كۆڭۈلدىكىدەك ھەمكارلاشقۇچى تاپقىلى بولىدۇ.

كارخانىغا ماس كېلىدىغان ئىختىساس ئىگىلىرى كەمچىل بولۇش

شىركەت چوقۇم ئۆز كەسپىي ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلىشى لازىم. قوبۇل قىلىنغان خىزمەتچى چوقۇم كارخانىغا ماس كېلىشى، قۇرۇق گەپ سېتىپ، ئاغزىدا شەھەر ئالىدىغانلارنى كارخانىغا يېقىن يولاتماسلىقى لازىم.
#p#

مەھسۇلاتنىڭ سېتىپ چىقىرىلىشى قىيىن بولۇش

سېتىش ھەر قانداق كارخانىغا نىسبەتەن ھالقىلىق ئامىل. ئوبوروتنىڭ ئاستا بولۇشى كارخانىنىڭ كىرىزىس ئىچىدە تۇرغانلىقىنىڭ يوشۇرۇن ئىپادىسى. شۇ سەۋەبتىن كارخانا ھەر ۋاقىت سېتىشقا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئىگىلەپ تۇرۇشى، ھەر ۋاقىت يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ئۆزگىرىشلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىنىپ تۇرۇشى كېرەك.#p#分页标题#e#

مەھسۇلاتتا كۆپ خىللىق يېتەرلىك بولماسلىق

كارخانا چوقۇم ئىمكانقەدەر مەھسۇلاتنىڭ كۆپ خىل بولۇشىغا كۈچ چىقىرىپ، كارخانىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

كارخانىنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسى ئاجىز بولۇش

كارخانىنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسى ئۇنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئامىل. خېرىدارلارغا بولغان مۇلازىمەت، خىزمەتچىلەردىكى كەسىپچانلىق، مەھسۇلاتنىڭ باھاسى، سۈپىتى، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت قاتارلىقلار كارخانىنىڭ ئومۇمىي ئىناۋەت دەرىجىسى ۋە شان - شەرىپىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

زىيادە تېز كېڭىيىش

ئەگەر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشنى مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىق، دەپ قارىسا كارخانىدا مەبلەغ ئۈزۈلۈپ قېلىشتەك تىراگېدىيەنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنالمايدۇ. شۇڭا، تەدبىر بەلگىلەشتە زېھنىي كۈچىنى كارخانىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە مەركەزلەشتۈرۈشى، شۇ ئارقىلىق كارخانىنىڭ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم.

ئىش بېجىرىش سورۇنى ياخشى بولماسلىق

شىركەتنىڭ ئىش بېجىرىش سورۇنىمۇ مۇۋەپپەقىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى، قىيىنچىلىق ئىچىدە تۇرغان كارخانا ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ياخشى بولۇشى سەۋەبىدىن قايتىدىن تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىشى مۇمكىن، ئەمما، ئىش بېجىرىش ئورنى چەت، ياقا رايونغا جايلاشقان كارخانىلاردا بۇنداق مۇمكىنچىلىك يوق دېيەرلىك.

نۇرغۇن مەسىلىلەر كارخانىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت يوشۇرۇن كۈچىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەر بىر كارخانا بۇ مەسىلىلەرنى تونۇپ يېتىشى، قىيىنچىلىقلارنى ئۆگىنىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش پۇرسىتى، دەپ بىلىشى، خاتالىقىنى ئۈزۈل-كېسىل تۈزىتىپ، كارخانىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغانلىكى تىرىشچانلىقىنى ئايىماسلىقى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى