ئەمگەكچى مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا دائىر ماددىلارغا ياكى رىقابەتتىكى كەسىپلەردىن چەكلەشكە دائىر ماددىلارغا خىلاپلىق قىلىپ ئىدارىگە زىيان ئېلىپ كەلسە، تۆلەم مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالامدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ئەمگەكچى مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا دائىر ماددىلارغا ياكى رىقابەتتىكى كەسىپلەردىن چەكلەشكە دائىر ماددىلارغا خىلاپلىق قىلىپ ئىدارىگە زىيان ئېلىپ كەلسە، تۆلەم مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالامدۇ؟
جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 90-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئەمگەكچى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا، ياكى ئەمگەك توختامىدا كېلىشكەن مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى ياكى رىقابەتتىكى كەسپلەردىن چەكلەشكە خىلاپلىق قىلىپ، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنغا زىيان ئېلىپ كەلسە، تۆلەم مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
ئەمگەكچىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشى ئاساسلىقى، مۇددەتتىن 30 كۈن بۇرۇن يازما شەكىلدە ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنغا ئۇقتۇرۇش قىلماي تۇرۇپ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. تۆلەم مەجبۇرىيىتى تۆۋەندىكى خىراجەتلەرنى تۆلەشنى كۆرسىتىدۇ: 1.خىزمەتچى قوبۇل قىلىش خىراجىتى؛ 2.تەربىيەلەش خىراجىتى؛ 3.توختامدا كېلىشكەن باشقا تۆلەملەر.