ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

زېرىكىشلىك كەيپىياتقا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئاددىي ھەم قوللىنىشچان ئۇسۇللار

زېرىكىشلىك كەيپىياتقا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئاددىي ھەم قوللىنىشچان ئۇسۇللار

ۋاقتى: 2015-09-14 ئاۋاتلىقى: 720 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

سىز تۇرمۇشىڭىزنى، مۇھەببىتىڭىزنى ياكى خىزمىتىڭىزنى ئىنتايىن زېرىكىشلىك ھېس قىلامسىز؟ زېرىكىش ئىنتايىن مۇرەككەپ جەريان. زېرىكىشنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار ئىنتايىن  كۆپ، نېمە قىلىشنى، قانداق قىلىشنى بىلمەسلىك زېرىكىشنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئامىللىرىدىن بىرى. بەلكىم سىز ھۇرۇنلۇق قىلىشنى ئويلايدىغانسىز ياكى ھارغىنلىق ھېس قىلىپ ھېچ ئىش قىلغۇڭىز كەلمەيدىغاندۇ؟

ئۆزىنىڭ زادى نېمە ئىش قىلغۇسى بارلىقىنى بىلىۋېلىش
ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. تەسەۋۋۇرىڭىز ھەرىكىتىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. تەسەۋۋۇرىڭىزنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، تۇرمۇشىڭىزغا ئوخشىمىغان پوزىتسىيەدە بولىسىز، ئۇنىڭدىن ئىلھام ئالىسىز، ئۆزىڭىزگە بىر نىشان بەلگىلىۋالالايسىز.
#p#
سۆرەلمىلىك قىلىدىغان ئادەتكە تاقابىل تۇرۇش
ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش. ئۆزىڭىزگە نىشان بەلگىلىۋېلىپ، بوشاشماي قەتئىيلىك بىلەن قىلىڭ.
كۆپ ئالاقە قىلىش. سىرتلارغا چىقىپ دوستلىرىڭىز بىلەن كۆرۈشۈڭ ياكى يېڭى دوستلار بىلەن تونۇشۇڭ. باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىڭ. بەلكىم ئەتراپىڭىزدىكى بەزى كىشىلەر سىزگە  ئوخشاش زېرىكىشلىك ھېس قىلىۋاتقاندۇ، بەلكىم سىز دەل شۇ كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ قالغانسىز. سىلەر دائىم ھازىر قانچىلىك زېرىكىشلىك ھېس قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى دېيىشىدىغانسىلەر. ئەگەر سىز بىرەر ياخشى ئادەمنى تېپىپ پاراڭلاشسىڭىز، بەلكىم ئىچىڭىزنىڭ تىت-تىت بولۇشى تۈگەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بەزى نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز مۇمكىن.
زېرىكىشنى ئازايتىش. ۋەزىپە جەدۋىلىڭىزگە قاراڭ. سىز زېرىكمەيدىغان ئىشلارنى تېپىشتىن بۇرۇن ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى قىلىپ تۈگىتىڭ. يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق زېرىكىشنى بىر ياققا تاشلاپ قويسىڭىز، دائىم زېرىكىشلىك ھېس قىلمايدىغان بولىسىز.
يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىڭ. مەسىلەن:
1. كىتاب ئوقۇش
2. توردا ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان تېمىلارنى مۇھاكىمە قىلىش
3. قىسقا ھېكايىلەرنى يېزىش
4. Photoshop ياكى باشقا نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ، ئۆزىڭىزنىڭ گۈزەل-سەنئەت ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈش
5. توسالغۇلارنى يوقىتىڭ. سىزنى بىزار قىلىدىغان ئادەم ياكى مۇھىتتىن يىراق تۇرۇڭ. ئەگەر ئەتراپىڭىزدىكى ئادەملەر، سىز تۇرۇۋاتقان مۇھىت سىزنى بىزار قىلسا، زېرىكتۈرسە، ئۇلاردىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇڭ. گەرچە ئۇلاردىن پۈتۈنلەي خالاس بولالمىسىڭىزمۇ لېكىن ۋاقتىنچە ئۆزىڭىزنى چەتكە ئېلىپ، بىرەر كۈن بولسىمۇ ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلالايسىز.
6. كۈنتەرتىپ جەدۋىلىڭىزنى تۇلۇق تولدۇرۇۋېلىڭ. نېمە قىلىشىڭىزنى بىلەلمەي قالغۇدەك  ئازراقمۇ ۋاقىت بولمىسۇن.
#p#
7. ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئالقىش ياڭرىتىڭ. ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە نەزەر سېلىڭ، مۇشۇنداق قىلسىڭىز ئالغا ئىلگىرلىشىڭىزگە تېخىمۇ ئىشەنچىڭىز ئاشىدۇ.
 8. قىزىقىش، ھەۋەس يېتىلدۈرۈشى. مەلۇم بىر ئىشقا قارىتا قىزىقىشىڭىزنى يېتىلدۈرۈڭ. مەسىلەن: رەسىم سىزىش، مۇزىكا چېلىش، تاماق ئېتىش، بېلىق تۇتۇش، پىيادە ساياھەت قىلىش قاتارلىق. ئەگەر سىز مەلۇم بىر تۈرنى پىششىق بىلسىڭىز، بۇلارنى باشقىلارغا ئۆگىتىش ئارقىلىقمۇ زېرىكىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
9. ئۆزىڭىزنى تەڭشەڭ. ھەرىكەت قىلىڭ، سەيلە قىلىڭ ياكى بەدەن چېنىقتۇرۇڭ. ئۆزىڭىز قىلالايمەن دەپ قارىغان 10 ئىشنى يېزىپ چىقىڭ، ئاندىن جەدۋەل تەرتىپى بويىچە قىلىپ ھۇرۇنلۇقىڭىزغا تاقابىل تۇرۇڭ. خۇشاللىنارلىق ئىشلارنى قىلىڭ. كىتاب كۆرۈڭ، مۇزىكا ئاڭلاڭ ياكى سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ  يېڭى نەرسىلەرنى تاماشا قىلىڭ. تېلېۋىزور كۆرۈڭ ياكى يېڭىدىن سېتىۋالغان ipod نى ئويناڭ.
10. ماقالە يېزىڭ. ئۆزىڭىزنىڭ ئوي-خىيالى ھەمدە تەسىراتىنى خاتىرىلەڭ. مۇبادا سىزنى تىت-تىت قىلىدىغان، بىئارام قىلىدىغان ئامىلنى بايقىسىڭىز، ئۇلارنى خاتىرىلەپ قۇيۇپ پات-پات كۆرۈپ تۇرسىڭىز، خاتىرە سىزنىڭ قانداق روھى-ھالىتىڭىزنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنى بىلەلەيسىز. سىز يەنە بلوگ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ئوي-خىيالى ھەمدە تەسىراتىنى خاتىرىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
11. تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچىڭىزنى قوزغىتىڭ. تەسەۋۋۇر ئارقىلىق پىكىر-خىيالىڭىزنى ئويغىتىڭ. قەيەرگە بارغۇڭىز بارلىقىنى، قانداق ئادەم بولۇش ئارزۇيىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. تەسەۋۋۇر كۈچىڭىزدىن پايدىلىنىپ خىيالىڭىزدىكى تۇرمۇشنى تەقلىد قىلىپ بېقىڭ. سىز تەسەۋۋۇر ئارقىلىق باشتىن كەچۈرۈپ بېقىشنى خالايدىغان ھەر قانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلەيسىز، مانا بۇ تەسەۋۋۇرنىڭ كارامىتى.
12. قىزىققاقلىق يېتىلدۈرۈڭ. ئەتراپىڭىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ھەمدە ئۆزىڭىزدە بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا قىزىقىش يېتىلدۈرۈڭ. تۇرمۇشىڭىزنىڭ مەنىسىز بولۇشى ئاساسلىقى سىزنىڭ بەزى ئادەتلەرنى قايتىلاۋەرگەنلىكىڭىزدىن بولغان. قىزىققاقلىق يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق، سىز ئىشلارنىڭ يەنە قانداق ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى بارلىقىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئويلايدىغان بولىسىز.
13. يېڭىچە رىقابەت باشلاڭ. ئەگەر سىز ھەمىشە زېرىكىشلىك ھېس قىلسىڭىز، بەلكىم بۇ سىزنىڭ يېقىندىن بۇيان قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزنىڭ ھېچقايسىسى سىز ھەقىقىي ئېھتىياجلىق ئىشلار ئەمەسلىكىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن. شۇڭا سىز يېڭى نىشان، يېڭى رىقابەت ياكى ئىشتىن سىرتقى قىزىقىشىڭىزنى بېيىتىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
يۇقىرىدا دېيىلگەنلىرى پەقەتلا بىر تەكلىپ-پىكىردىن ئىبارەت. ئەڭ مۇھىمى سىز ئالدى بىلەن زادى نېمىشقا زېرىكىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىشىڭىز كېرەك.
سۆرەلمىلىك ـــ سىز زېرىكمىدىڭىز، پەقەتلا سۆرەلمىلىك قىلىپ كۆنۈپ قالدىڭىز. زادى نېمىگە سۆرەلمىلىك قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىۋېلىڭ ھەمدە ئەمدى سۆرەلمىلىك قىلماڭ.
ئىشلىتىشكە تېگىشلىك كۈچ-مادار يېتىشمەسلىك ـــــ زېرىكىش بىلەن ماغدۇرسىزلىنىش ئوخشىمايدۇ. زېرىكىش بولسا دائىم كۈچ ــ ماغدۇرىڭىز يېتەرلىك ئەھۋال ئاستىدا، ئەكسىچە ماغدۇرسىزلىنىش بولسا كېرەكلىك كۈچ ــ قۇۋۋەت سەرپ بولۇپ تۈگىگەن ئەھۋال ئاستىدا يۈز بېرىدۇ. سىز ئوخشاش بولمىغان زېھنى ــ قۇۋۋەتنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن: بىر كۈن تاپشۇرۇق ئىشلىگەندىن كېيىن بەدەن چېنقتۇرسىڭىز ياكى بىر كۈن زېرىكىشلىك  پىروگرامما ۋاكالەت نومۇرى كىرگۈزگەندىن كېيىن، مەنىلىك، ئىجاد قىلىش روھىغا ئىگە بولغان ئىشلارنى قىلسىڭىز بولىدۇ.
كۈن تەرتىپ جەدۋىلى بوشلۇقى ـــــ بەلكىم كۈن تەرتىپ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى مۇمكىن. بىر ئامال يەنى دەرھال يېڭى ۋەزىپىنى قوشۇپ تولۇقلاش كېرەك.  
مۇھىت توسقۇنلۇقى ــــ  مەسىلەن ئۆچىرەتتە تۇرۇش، تور ئۈزۈلۈپ قېلىش قاتارلىق.
#p#
مەقسەت، مۇددىئانىڭ كەمچىل بولۇشى
1. ئەگەر سىزنىڭ زېرىكىشىڭىز ئوخشاش ئىشنى قايتىلاپ قىلىشتىن بولسا، ئۇنداقتا باشقا ئىشلارنى قىلىپ ياكى باشقا خىل ئۇسۇلدا ئوخشاش ئىشنى قىلىپ سىناپ بېقىڭ.
2. ئەگەر سىزنى زېرىكتۈرۈۋاتقان ئىش بىر جىسمانىي  ئەمگەك بولسا، ئۇنداقتا ئىش قىلغاچ مۇزىكا ئاڭلاڭ.
3. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھۇرۇنلۇقى ياكى ھارغىنلىقتىن زېرىكىشلىك ھېس قىلغان بولسىڭىز، بىردەم ئۇخلىۋېلىڭ. كۆپ قىسىم  كىشىلەرنىڭ ئۇيقۇسى  يېتەرلىك بولمايدۇ.
4. ئەگەر ئارام ئالغاندىن كېيىن يەنىلا ئىش قىلىش خۇشياقمىسا، ئۆزىڭىزنى چوقۇم قىلىشقا قايىل قىلىڭ، ھېچ بولمىغاندا ئىچىدىكى بىرەر ئىشنى ياكى  بىرەر باسقۇچنى بولسىمۇ قىلىڭ.
5. ئەگەر ئۆزىڭىز قىلىشنى خالايدىغان ئەمما قىلالمايدىغان ئىش ئۈچۈن ئىچىڭىز پۇشۇۋاتقان بولسا، ئۇنداقتا باشقا ئاماللار ئارقىلىق قىلىشنى سىناپ بېقىڭ.
6. ئەگەر قىلغۇدەك ئىش بولمىسا، ئالدى بىلەن تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىڭ، بۇ سىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئويلىنىۋېلىشىڭىزغا ياردەمدە بولىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش:
زېرىكىشلىك ئەھۋالدىن ئاغرىنماڭ، يەنە قاتتىق زېرىكىۋاتقانلىقىڭىزنى سۆزلەپمۇ يۈرمەڭ، بۇ ياخشى بولمىغان روھى ــ ھالەت پەيدا بولۇشنىڭ بېشارىتى.
زېرىككەن، ئىچىڭىز سىقىلغان ۋاقىتتا ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلماڭ. بۇنداق ئەھۋالنىڭ تېزلا ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىشىڭىز كېرەك.
يەنە نۇرغۇن كىشىلەر يېمەكلىك يېيىش ئارقىلىق زېرىكىشلىك ۋاقتىنى ئۆتكۈزىدۇ، لېكىن بۇنداق قىلىش تازا ياخشى ئەمەس، چۈنكى ئاسانلا يېمەكلىك نورمىدىن ئېشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى