ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىنجاڭ ئەلدوست بىئو-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى

شىنجاڭ ئەلدوست بىئو-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى

ۋاقتى: 2016-09-11 ئاۋاتلىقى: 815 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

شىنجاڭ ئەلدوست بىئو-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، داۋالاش  ۋە ئەلا مۇلازىمەتنى بىر گەۋدىلەشتۇرگەن خۇسۇسىي  ئىگىلىكتىكى ئۇنىۋېرسال  كارخانا.

ئەلدوست شىركىتى دەسلەپتە ئەلدوست سودا چەكلىك شىركىتى نامىدا 2008-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى قورۇلغان، ئۆز ۋاقتىدا ئىشخانا كۆلىمى 300 كۋادرات مېتىر بولۇپ، بەشلا ئىشچى-خىزمەتچىسى بار ئىدى. داۋالاشقا ئىشلىتىلگەن مەھسۇلات بىرلا خىل بولۇپ، ئاساسلىقى راك، دىئابېت، قان قويۇلۇش، قاندا ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىش، جىگەرنى ماي قاپلاش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىلا داۋالايتتى. كېيىن «بارلىقىمىز بىمارلار ئۈچۈن!» دېگەن شۇئارنى ئۆزىگە قىبلىنامە قىلىپ، پىشقان تېخنىكا سەۋىيەسى، قىزغىن ئەتراپلىق مۇلازىمىتى، مۇۋاپىق ھەق ئېلىش ئۆلچىمى، يۈكسەك تېببى ئەخلاقى بىلەن كەڭ بىمارلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان رىقابەت قاينىمىدا ئۆزلۈكسىز زورايدى ۋە تەرەققى قىلدى.

شىركىتىمىزنىڭ تىجارەت كۆلىمى 2000 كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، 40 دىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچىسى بار. نوۋەتتە ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىپ، شىجاڭنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى ئون نەچچە شەھەر ناھىيەلەردە تارماق ئورۇنلىرىمىز ئېچىلغان جەمئىيەتتە مۇئەييەن تەسىر قوزغىغان، ئىستىقباللىق شىركەتكە ئايلاندى.

2009-يىلى شىنجاڭ تېببى ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن تەتقىقات ھەمكارلىقى ئورنىتىپ ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقىنىڭ قاندىكى ماي مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش رولى ھەققىدە تەجرىبە سىنىقى ئېلىپ بېرىلىپ، تەتقىقات نەتىجىسى ۋە جەريانى شىنجاڭ تېببى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى. 2012-يىلى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگو يېمەكلىك ئېچىتىش سانائىتى تەتقىقات مەھكىمىسى بىلەن تەتقىقات ھەمكارلىقى ئورناتتى، يۇقىرىقى ئىككى نۇپۇزلۇق تەتقىقات ئورگىنى ئەلدوست ھاياتلىق ئۇزۇقلۇق ئىچىملىكىنىڭ تەركبىنى ۋە كېسەل داۋالاش ئىقتىدارىنى ئېنىقلاپ، بۇ ئىچىملىكنىڭ ھۈجەيرە ئۆستۈرۈش، مىكروپ ئۆلتۈرۈش، قاننى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق كېسەل داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى، تۈرلۈك راك كېسەللىكلىرى، دىيابېت، ھەر خىل ياللۇغ تۈرىدىكى كېسەللىكلەر، ئەيدىز قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

شىركىتىمىز قىسقىغىنە ئالتە يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 60 مىڭغا يېقىن تۈرلۈك جاھىل-سوزۇلما خارەكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاپ زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. شىركىتىمىز يەنە يېقىندا شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد ئۇنىۋېرسال قانىلى بىلەن بىرلىشىپ ياخشى ئالقىشقا ئېرىشكەن «ئستىقبال سەھنىسى» پىروگراممىسىنى  روياپقا  چىقىرىپ  ئۈنۈملۈك  نەتىجىگە  ئېرىشتى.  

ئاپتونوم رايونلۇق ۋە شەھەرلىك رادىئو-تېلېۋېزىيە ، گېزىت قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىردا شىركىتىمىز توغرىسىدا 20 نەچچە قېتىم مەخسۇس پىروگراممىلار ئىشلىنىپ،  مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئاساسىدا تۇنۇشتۈرۈلدى .

شىركىتىمىز بۇندىن كېيىن كەڭ بىمارلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ھەرقايسى ناھىيە-شەھەرلەردە تارماق داۋالاش ئورنىنى داۋاملىق تەسىس قىلىپ تېخىمۇ ئەۋزەل داۋالاش شارائىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. نۆۋەتتە ئەلدوست شىركىتى تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ خام ئەشيا بازىسىدىن ئىكىلوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك سىستېمىسىغا، سېتىش نۇقتىسىدىن مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىغا، داۋالاش ئورنىدىن چوڭ تىپتىكى ساغلاملىق مەركىزىگە قاراپ تەرەققى قىلماقتا.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى