ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تەمىنلەش زەنجىرى ھەققىدە ئۇقۇم

تەمىنلەش زەنجىرى ھەققىدە ئۇقۇم

ۋاقتى: 2016-07-05 ئاۋاتلىقى: 368 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە مەزمۇنى
 
تەمىنلەش زەنجىرى (供应链) دېگىنىمىز تەمىنلىگۈچى سودىگەر، ئىشلەپچىقارغۇچى سودىگەر، ئامبار، مال يەتكۈزۈش مەركىزى ۋە ۋاكالەتچىلەر (渠道商) قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش زەنجىرىنى كۆرسىتىدۇ. تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش (Supply Chain Management، قىسقارتىلىپ SCM دېيىلىدۇ) مۇئەييەن مۇلازىمەت سەۋىيەسى بولۇش شەرتى ئاستىدا تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ھەر قايسى ئەزالارنى ئۈنۈملۈك تەشكىللەپ مەھسۇلات ياساش، توشۇش، بۆلۈپ سېتىش (分销) ۋە سېتىش قاتارلىق جەرياننى كۆرسىتىدۇ. تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش پىلانلاش، سېتىۋېلىش، ئىشلەپچىقىرىش، مال يەتكۈزۈش ۋە مال قايتۇرۇشتىن ئىبارەت بەش ئاساسىي مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
 
پىلانلاش:
       پىلان سۈپىتى ۋە قىممىتى يۇقىرى بولغان مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنى تۆۋەن تەننەرخ بىلەن خېرىدارغا يەتكۈزىدىغان ئۇسۇلنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
 
سېتىۋېلىش:
       سېتىۋېلىش كارخانا ئۈچۈن مۇلازىمەت ياكى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەيدىغان سودىگەرنى تاللاش، بۇ سودىگەر بىلەن بىر يۈرۈش باھا بېكىتىش، مال يەتكۈزۈش ۋە پۇل تۆلەش تەرتىپى ئورنىتىش، ھەمدە ئۇلار تەمىنلىگەن مۇلازىمەت ياكى مەھسۇلاتنى باشقۇرۇشنى ياخشىلاش، يەنى تەمىنلىگۈچى سودىگەردىن مال تاپشۇرۇۋېلىش، مال تىزىملىكىنى قايتا تەكشۈرۈش، مالنى ياساش بۆلۈمىگە يەتكۈزۈش، پۇل تۆلەشنى تەستىقلاش قاتارلىقلارنى باشقۇرۇشنى ياخشىلاش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.
#p#
 
ئىشلەپچىقىرىش:
ئىشلەپچىقىرىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆلچەپ سىناش، ئوراپ قاچىلاش ۋە سېتىپ چىقىرىشقا تەييارلىق قىلىش قاتارلىق جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئۆلچەپ سىناش ئەڭ كۆپ بولغان جەريان بولۇپ مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ۋە ئىشچىلارنىڭ ئىش ئۈنۈمىنى ئۆلچەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
 
مال يەتكۈزۈش:
مال يەتكۈزۈش مال زاكاز قىلىش تالونىنى تەڭشەش، ئامبار تورى قۇرۇش، ئادەم ئەۋەتىپ مالنى خېرىدارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈش، مال باھاسىنى ھېسابلاش سىستېمىسى تۇرغۇزۇش ۋە پۇل تاپشۇرۇۋېلىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.
 
مال قايتۇرۇش:
بۇ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش باسقۇچى بولۇپ خېرىدار قايتۇرغان ناچار مال ياكى ئارتۇق مالنى قايتۇرۇۋېلىش تورىنى قۇرۇش، خېرىدار مەھسۇلاتنى ئىشلىتىپ مەسىلە كۆرۈلگەندە ياردەم قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
 
ھازىرقى زامان سودا مۇھىتى كارخانىلارغا زور بېسىم ئېلىپ كەلدى. شۇڭلاشقا كارخانىلار پەقەت مال سېتىشقىلا كۆڭۈل بۆلمەستىن، خېرىدار ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ خېرىداردا بەخت تۇيغۇسى پەيدا قىلىشى كېرەك. كوتلېر (Kotler) مۇنداق دەيدۇ: «خېرىدار تەڭرى، ئۇلار بولمىسا كارخانا ياشىيالمايدۇ. بارلىق پىلان خېرىدارلارنى رازى قىلىشنى چۆرىدەپ تۈزۈلۈشى كېرەك.» ئەگەر مەلۇم بىر تەمىنلەش زەنجىرى دۆلەت ئىچى ياكى خەلقئارادا تېخىمۇ كۆپ خېرىدارغا ئېرىشمەكچى بولىدىكەن، چوقۇم تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ھەر قايسى كارخانىلار ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىغا تېز ۋە جانلىق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك. بۈگۈنكىدەك تەمىنلەش زەنجىرى ئۆزگىرىشچان بازار مۇھىتىدا خېرىداردا بەخت تۇيغۇسى پەيدا قىلالايدىغان تەمىنلەش زەنجىرى بەرپا قىلىش ھازىرقى زامان كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى بولۇپ قالدى. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى