ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

يانفونلار ئوينىلىپ، نازۇ-نېمەت تەق بولدى

يانفونلار ئوينىلىپ، نازۇ-نېمەت تەق بولدى

ۋاقتى: 2015-12-26 ئاۋاتلىقى: 640 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئاشخانا-رېستورانلاردا يانفون ئارقىلىق خېرىدارلارنىڭ تەلىۋىنى خاتىرىلەش ھەقىقىي مەنىدىن ئەمەلگە ئاشتى. يەنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونغا قاچىلىغىلى بولىدىغان تاماق تىزىملاش يۇمشاق دېتالى يېڭىدىن بازارغا سېلىندى. بۇنىڭلىق بىلەن خېرىدار ياكى كۈتكۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ يانفونلىرىدىلا تاماق تاللىيالايدىغان ۋە ئاشخانا ئارقا سېپىگە ئۇچۇر يوللىيالايدىغان بولدى. ئىلگىرىكىدەك مەخسۇس ئۈسكۈنىدە مەشغۇلات قىلمىسا بولمايدىغان ۋە تور ئۇلىنىشىنىڭ ھەر دائىم نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىنىدىغان ھالەت ئۆزگەرتىلدى.

 
بۇ، ھەممىباب يانفون يۇمشاق دېتالىنى ھەرقانداق ماركىدىكى ئاندروئىد سىستېمىلىق يانفونلارغا قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. تېلېفون سىگنالىدىن پايدىلىنىپمۇ ئاشخانا ئارقا سېپىگە ئۇچۇر يوللىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن، يېقىن كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئاشۇرلماقچى بولغان، نەق مەيدانغا بارماي تۇرۇپمۇ ئورۇن زاكاز قىلىش، ئالدىن تاماق بۇيرۇتۇش قاتارلىق يېڭىچە سېتىش ئۇسۇللىرىنى يولغا قويۇشنىڭ شەرت- شارائىتى ھازىرلانغان بولىدۇ. 

 
بۇ، ھازىرقىدەك كومپيۇتېر مەشغۇلاتىنىڭ ئورنىنى يانفوندا مەشغۇلات قىلىش ئېلىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئىلگىرىكى سودا تىجارەتتە ئىشلىتىلىدىغان كومپيۇتېر مەشغۇلاتىنى بىر-بىرلەپ يانفوندىمۇ قىلغىلى بولىدىغان ھالەتكە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمى  بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى