ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىگىلىك ئېھتىياجلىق بولغان مەبلەغنى قانداق مۆلچەرلەش كېرەك؟

ئىگىلىك ئېھتىياجلىق بولغان مەبلەغنى قانداق مۆلچەرلەش كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-09-08 ئاۋاتلىقى: 663 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىر قىسىم ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بىز دائىم «مۇنداق ئىگىلىككە بىر قانچە مىڭ مەبلەخ سالسا بولىدۇ.» ياكى بولمىسا «مەلۇم بىر ئورۇن بىلەن ھەمكارلىشىپ بىر قانچە تۇمەن مەبلەخ سېلىپ ئۆزى كىچىك دۇكان ئاچسا بولىدۇ.»، «بىر قانچە مىڭ يۈەن مەبلەخ سېلىپ زاۋۇت قۇرغىلى بولىدۇ.» دېگەندەك خىلمۇ–خىل تۇردىكى تەشۋىقات ئېلانلىرىنى كۆرىمىز. بۇ خىلدىكى ئاز مەبلەخ سالىدىغان ئادەتتىكى تۇرلەر نۇرغۇنلىغان دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەرنىڭ تۇنجى قەدەمدە تاللايدىغان مەبلەخ سېلىش شەكلى ھېسابلىنىدۇ. بىراق بۇ خىلدىكى تۆۋەن مىقداردا مەبلەخ سالىدىغان تۇرلەرنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان خەۋپ خەتەرگە نىسبەتەن ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەر مۇنداق بىر مۇھىم نۇقتىغا سەل قارىغان بولۇپ، مەلۇم بىر تۇردە ئىش باشلاپ پۇل تېپىشقا باشلىغاندىن كېيىن سالىدىغان مەبلەخ ئېلاندا دېگەن ئاشۇ ساندىن خېلىلا پەرقلىنىدۇ. شۇڭلاشقا نۇرغۇنلىغان ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەر تېخنىكا ئۆگىنىش ياكى ئىتتىپاقداشقا ئەزا بولغاندىن كېيىن ئاخىرىغا مەبلەخ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن شۇ تۇرنىڭ دەسلىپىدىلا مەغلۇب بولۇشىنى ياكى يېرىم يولدا توختاپ قېلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. ئىگىلىك ئېھتىياجلىق بولغان مەبلەبنى ئالدىن مۆلچەرلەپ ئاندىن ئىگىلىك تىكلەش بولسا ئىگىلىك تىكلەشتىن ئىلگىرى چوقۇم ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە.


ئىگىلىك تىكلەشكە زادى قانچىلىك مەبلەغ كېتىدۇ؟ بۇ مەسىلىدە  ئەڭ مۇھىمى مەبلەخ سالماقچى بولغان ئىشنىڭ تۇرىگە ئاساسەن، دائىرىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، تىجارەت قىلىدىغان ئورۇننىڭ ئەھۋالى ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ. كىچىك تىپتىكى مەبلەغ سالىدىغان تۇرنى مىسالغا ئالساق ئېھتىياجلىق بولغان مەبلەخ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە قىسىمدىن تەركىپ تاپىدۇ.
1. مەبلەخ سالماقچى بولغان شۇ تۇرگە ئەسلى كېتىدىغان چىقىم
 بۇ يەردە كۆرسىتىدىغىنى تاللىغان تۇرنىڭ بىۋاسىتە خىراجىتىنى  تۆلەش. مەسىلەن، سىز تېخنىكىنى يۇزمۇ-يۇز تۇرۇپ ياكى سىرتتىن ئۇقۇشۇپ مەلۇم بىر خىل تېخنىكا خىراجىتى، مەلۇم بىر خىل ماشىنا ئۇسكىنىسىنى سېتىۋالىدىغان چىقىم، مەلۇم بىر خىل تۇردە ھەمكارلىشىدىغان چىقىم قاتارلىق خىراجەتلەر كېتىدۇ ۋە شۇ قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ تۇرىدە ، يەنە سىزنىڭ كاماندورۇپكا چىقىمىنىمۇ ھېسابلاش كېرەك.
2. تىجارەت قىلىش ئۇسكۇنە-سايمانلىرى قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىش خىراجىتى
ئاساسلىقى شۇ تۇردىكى تىجارەت جەريانىدا ئېھتىياجلىق بولغان قۇشۇمچە ئۇسكۈنە ۋە سايمانلارنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: چۆچۆرە ئېتىشنى ئۆگەنگەندىن كېيىن يەنە توڭلاتقۇ، قازان ، گاز قاتارلىق قۇشۇمچە ئۇسكۈنىلەرنى تەييارلاش كېرەك. كۆپتۇرمە پىلاستىك ماتېرىيالنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىپ، ئاندىن ئۇسكۈنە سېتىۋالغاندىن كېيىن يەنە ئېلېكتىر ماشىنىلىرىنى قۇراشتۇرۇشنى ئويلىشىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئېنىرگىيە توكىنى ھەل قىلىش قاتارلىقلار.
3. ئۆي ئىجارە ھەققى، ئۆي بىزەش ھەققى ۋە كۆچمە مەبلەغ
مۇشۇ ھەقلەرنى ئالدىن مۆلچەرلىگەندە، شۇ يەردىكى بازار باھاسى ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىش كۆرۇش يەنە، ئۆي ئىجارە ھەققى ئادەتتە ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئۇچ ئايلىق چىقىمنى ھېسابلاش، چۈنكى ھازىرقى ئۆي ئىجارىسىنى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ بىر پەسىلدە بىر قېتىم تاپشۇرىدۇ، بەزىلىرى يېرىم يىلدا ياكى بولمىسا بىر يىلدا بىر قېتىم تاپشۇرىدۇ. ئۆي بىزەش ھەققى بولسا شۇ قىلماقچى بولغان ئىشقا قاراپ بېكىتىلىدۇ. ئەگەر رىستۇران ئاچماقچى بولۇپ قالسىڭىز، شۇ يەرلىك سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئە ئورۇنلىرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن بىزەش كېرەك، بولمىسا سۈپەت تەكشۇرۇشتىن ئۆتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىش بىر قەدەر قىيىن. ئەگەر زەنجىرسىمان دۇكاننىڭ مەھسولاتلىرىنى ساتماقچى بولسا باشقا زەنجىرسىمان دۇكانلارغا ئوخشاش بىزەش (كېنتاكى يېمەكلىك دۇكانلىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ) يەنە مال تىزىش ئىشكابى ھەققىنىمۇ ھېسابلاش لازىم. كۆچمە مەبلەغنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىغا قاراپ ھېسابلاش كېرەك.
4. تىجارەت كېنىشكىسى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش چىقىملار
يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ ئەنگە ئالدۇرىدىغان مەبلىغىگە  تەلەپ قويۇلمايدۇ. تەننەرخ خىراجىتى 25-50 يۈەن ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ. ئەگەر شىركەت ئىلتىماس قىلماقچى بولسا «شىركەت قانۇنى» بەلگىلىمىسىنىڭ تەلىپى بويىچە مەبلەغ تىزىملىتىش (شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن، مەبلەغنى ئەركىن باشقۇرۇش)، شەخسىي شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرۇشتا تىزىمغا ئالدۇرىدىغان مەبلەغنىڭ چوڭ-كىچىكلىك دائىرسى تەڭ بولمايدۇ. بۇنىڭدا ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 3 تۈمەن يۈەن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا باج تىزىملاش تەننەرخ خىراجىتى، سودا–سانائەتنى باشقۇرۇش ھەققى قاتارلىقلارمۇ بار.
5. تىجارەت ئوبوروت ئايلىنىشى ئېھتىياجلىق بولغان مەبلەغ
مەلۇم بىر تۇرنى يۇرگۇزۇشتە، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئۈچ تۆت ئايلىق تىجارەت ئوبوروت ئايلىنىش مەبلىغىنى تەييارلاش، بۇنىڭ ئىچىدە ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ مائاشى، سۇ توك پۇلى، تېلېفۇن ھەققى، ماتېرىيال ھەققى، ئېلان ھەققى، رېمونېت قىلىش ھەققى قاتارلىقلار بار. ئەگەر مۇددەتكە بۆلۇپ قەرز ئېلىپ قايتۇرماقچى بولسا، ئۇنىمۇ ھېسابلاش كېرەك. مەلۇم بىر تۇرنى يۈرگۈزگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئۈچ ئاي بازار ئەھۋالىنى چۈشىنىپ ماسلىشىش كېرەك. بۇ ئۈچ ئاي ئىچىدە بەلكىم پايدىسى ئىنتايىن ئاز بولۇشى، ياكى پەقەتلا پايدا يوق زىيان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا ئىش باشلاشتىن بالدۇر چوقۇم يېتەرلىك مەبلەغ تەييارلاش كېرەك.
ئەگەر زاۋۇت قۇرماقچى بولسا، يۇقىرىقى بىر قانچە چىقىملاردىن باشقا يەنە يېرىم تەييار مەھسولاتلار، تەييار پۈتكەن مەھسولاتلار، ئەسلى ماتېرىيال قاتارلىق ئېھىياجلارغا يېتەرلىك مەبلەغ تەييارلاش كېرەك.

قىلماقچى بولغان تۈرنىڭ بىۋاسىتە چىقىملىرىنى ئۈلگە ئېلىپ ئېيتساق:
1. تېخنىكا يۇزمۇيۇز تۇرۇپ بېرىدىغان چىقىمى 2000 يۈەن، ئۆگىنىش جەريانىدىكى كاماندىروپكا پۇلى 500 يۈەن (تەخمىنەن) جەمئىي 2500 يۈەن بولىدۇ.
2. قوشۇمچە ئۇسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىش خىراجىتى
مەسىلەن: چۆچۆرىنى ساقلاشتا توڭلاتقۇ پۇلى 500 يۈەندىن-1500 يۈەنگىچە (ئەگەر نىمكەش توڭلاتقۇ بولسا بىر قانچە يۇز يۈەن) بولىدۇ. گازلىق ئوچاق قاتارلىق ئۇسكۈنىلەرنىڭ چىقىمى 200 يۈەن (قازاندىن بىر، گاز تۇڭىدىن بىر) چۆچۆرە پىشۇرىدىغان قازان 50 يۈەن. باشقا كىچىك سايمانلار 50 يۈەن. جەمئىي 800 يۈەندىن-1800يۈەنگىچە بولىدۇ.
3.ئۆي ئىجارىسى ھەققى ۋە كۆچمە مەبلەغ
يەر مەيدانى  ۋە ھەجىمىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە ئاساسەن بېكىتىش، ئەگەر ئاۋات  سودا بازىرىدىن ئۆي ئىجارىگە ئالسا بىر قەدەر قىممەت بولىدۇ. چوڭ-چوڭ سودا بازارلىرىنىڭ ئىجارە ھەققى بىر قانچە مىڭ يۈەن، كىچىك سودا بازارلىرىنىڭ بىر قانچە يۈز يۈەن بولىدۇ.
ئۆي ئىجارە ھەققىنى 400-1000 يۈەن بويىچە بىرلا قېتىمدا تۆلەيدىغان ئۈچ ئايلىق پۇلى 1200-3000 يۈەن بولىدۇ. ئەگەر كۆچمە يايما ئورنى تىجارەت شەكلىنى ئىشلەتسە (بۇنىڭدا ئىش باشلاشتىن ئاۋۋال بازار باشقۇرۇش تۇزۇمى مەسىلىلىرىنى ئويلىنىش) ۋە باشقىلار بىلەن قوشۇلۇپ تىجارەت قىلسا كېتىدىغان چىقىمى خېلى بەك كېمىيىدۇ. ئالدىنقى مەزگىلىدىكى كۆچمە مەبلەغ 200 يۈەن بولسا ، جەمئىي: 1400-3200 يۈەن
4. تىجارەت كېنىشكىسى (يەككە) ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك چىقىملار 200 يۈەن بولىدۇ
  5. ئايلانما مەبلەغ
ئەگەر بىر ئىشچىنىڭ مائاشىنى 1800-2500 يۈەن، سۇ توك، گاز پۇلى 150 يۈەن دىسەك جەمئىي 1950-2650 يۈەنگىچە بولىدۇ. دەسلەپتە ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئۇچ ئاي بازىرى بىر قەدەر تەسىتە يۇرۇشىدۇ.
يوقىرىدا دەپ ئۆتكەن بەش خىل تۇر بويىچە ھېسابلىغاندا 6850-10550 يۈەن بولىدۇ. ئەگەر بىر قىسىم زىيادە چىقىملارنى چىقىرۋەتسەك، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 6000-10000 گىچە مەبلەغ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا ئىش باشلاشتىن بالدۇر چوقۇم يېتەرلىك مەبلەغ بولۇش، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش لازىم.
يوقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى: ئاشۇنداق كىچىك بىر ئاشخانا ياكى رىستۇران ئېچىش ئۈچۈنمۇ مۇشۇنچە كۆپ جەريان ۋە مەبلەغ بولۇشى كېرەك.
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا ئىگىلىك تىكلەش ئېھتىياجلىق بولغان مەبلەغ پەقەت بىر قىسىم ئاساسىي بۆلەكلەرنىڭ تەخمىنەن مۆلچەرى بويىچە ئېلىپ بېرىش كېرەك. كېتىدىغان ئېنىق چىقىمنى بىر قەدەر تەستە ھېسابلاپ چىقارغىلى بولىدۇ. چۇنكى تىجارەت جەريانىدا يەنە بىر قىسىم ئويلاپ باقمىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا ئىگىلىك تىكلىگۇچى شۇ ئىشنى قىلىشتىن بالدۇر، ئۆزىدىكى تىجارەت قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئەھۋالىنى ئويلىشىشى، ھەمدە ئىگىلىك ئېھتياجلىق بولغان چىقىملارنى ئويلىشىشى كېرەك. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا شۇ خىلدىكى تۇردىكى تىجارىتى غەلبە قىلالايدۇ ، ئاندىن پۇرسەتمۇ كۆپىيىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى