ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

«فەن پىڭ ئىشى» ۋە خەيئېر مەدەنىيىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى

«فەن پىڭ ئىشى» ۋە خەيئېر مەدەنىيىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى

ۋاقتى: 2016-06-21 ئاۋاتلىقى: 565 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بېشى «كارخانا مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇپ شەكىلسىز ئارقىلىق شەكىللىكنى جانلاندۇرۇش» بۇ يەردە!

 

3. «فەن پىڭ ئىشى» ۋە خەيئېر مەدەنىيىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى


خەيئېر باشقۇرۇشىدا «80/20» پرىنسىپى بار. كارخانىدا يۈز بەرگەن ھەرقانداق خاتالىقتا باشقۇرغۇچى %80 مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. قوشۇلغاندىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە خەيئېر گۇرۇھى خوڭشىڭ كىرئالغۇ شىركىتىنىڭ ھەر تەرەپلىرىگە قارىتا دەسلەپكى تەكشۈرۈشنى ئېلىپ باردى. خوڭشىڭنىڭ ئاز بولمىغان رەھبەرلىرى ھاياجانلانغىنىدىن كارخانا تەرەققىياتىنىڭ ھالقىسى ئادەم، ئۇنىڭ ھالقىسى رەھبەرلەردە، خوڭشىڭ زاۋۇتىنىڭ مەسىلىسى شۇكى رەھبەرلەر ھەقىقىي ئىش قىلمىغان.(خەيئېر گېزىتى، 1995-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى، 188-سانىدىن ئېلىندى)


1995-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىسىمنى ئالماشتۇرۇپ بولغان خەيئېر كىرلئالغۇ چەكلىك شىركىتىدە مۇنداق بىر بىر تەرەپ قىلىش قارارى ئېلان قىلىندى: سۈپەت نازارەتچىسى فەن پىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى تۈپەيلى تاللاش ۋېكليۇچاتېلىنىڭ شتېپسىلغا خاتا چېتىلىشىغا سەۋەب بولغان، شۇنىڭ بىلەن 50 يۈەن جەرىمانە قويۇلغان. بۇ ۋاقىتتا كىرئالغۇنىڭ سېتىلىشى ۋە جەمئىيەتتىكى رېمونتقا قايتۇرۇلۇشى بىرىنچى داڭلىق ماركىنىڭ ئۆلچىمىدىن يىراق ئىدى. خەيئېر باشقۇرغۇچىلىرى بۇنى پەقەت بىر فەن پىڭلا كەلتۈرۈپ چىقارمىغان، ئاساسلىقى باشقۇرۇغۇچىلارنىڭ سەۋەنلىكى، فەن پىڭنىڭ «تاسادىپىيلىقى» نى «مۇقەررەرلىك» كە ئايلاندۇرغان دەپ قارىدى. خەيئېر ۋەزىيەتنى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان باشقۇرغۇچى خادىملار مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، ئالدى بىلەن باشقۇرۇشتىكى مەسىلىنى تەكشۈرۈش يەنى فەن پىڭنىڭ باشلىقى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن «فەن پىڭلار» نىڭ خاتالىقىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.


«خەيئېر گېزىتى» 1995-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى «فەن پىڭنىڭ باشلىقى قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؟»دەپ كۆرسەتتى. «فەن پىڭ ئىشى» ئەسلىدىكى خوڭشىڭدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ زاۋۇتتا مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە كۆرۈلسە يۇقىرى رەھبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلمەيتتى، باشقا خىزمەتلەرمۇ ئوخشاش بولۇپ، ئەزەلدىن «80/20 پرىنسىپى» ئىدىيەسى بولۇپ باقمىغان ئىدى. ئەلۋەتتە نۇرغۇن خىزمەتچىلەر بۇنداق قىلىشنى توغرا دەپ قارايتتى، چۈنكى رەھبەرلەر چوقۇم رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. خەيئېر كىرئالغۇسىنىڭ سۈپەتنى بۆلۈپ باشقۇرۇش مەسئۇلىغا قاتتىق تەسىر قىلغان بولۇپ، ئۆزىگە 300 يۈەن جەرىمانە قويغان ۋە يازمىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەلگىلىمە تۈزۈپ، سىستېمىلىق ھالدا كىرئالغۇنىڭ سۈپىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى.(خەيئېر گېزىتى، 1995-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى، 190-سانىدىن ئېلىندى). بۇنداق ئاددىي رەھبەرنى ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانماي، ئاشكارا نازارەت قىلىپ، ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش ئۇسۇلى خەيئېرنىڭ OEC باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى خوڭشىڭدا قوللاندى. خەيئېرنىڭ يېڭى باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا، ئەسلىدىكى خوڭشىڭ ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتىنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى بازارنى ئاساس قىلىدىغان قىلدى:



-- مۇكەممەل سۈپەت كاپالىتى سىستېمىسىنى قۇرۇپ، ئۈنۈملۈك مۇكاپاتلاش ۋە جازالاشنى يولغا قويۇپ، مەھسۇلاتنى بازارغا يۈزلەندۈرۈشتە ئىشەنچلىك كاپالەت بىلەن تەمىن ئەتتى.


-- يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش مېخانىزمىنى قۇرۇپ، ئىچكى قۇرۇلمىنى ئەتراپلىق رەتلىدى. ئەسلىدىكى 34 بۆلۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، سېتىش بۆلۈمى، مالىيە بۆلۈمى، ياساش بۆلۈمى، تېخنىكا سۈپەت بۆلۈمى، ئۇنىۋېرسال بۆلۈم ۋە تەتقىقات ئورنى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، بەش بۆلۈم بىر باشقۇرۇشنى يولغا قويدى. «ئاشكارا رىقابەتلىشىش، ئىلغارلارنى خىزمەتكە قويۇش» پرىنسىپى بويىچە، ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىرى 105 تىن 45 كە ئازايدى. كادىرلارنى قىسقارتىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن لېدىر چەي يوڭسېن خەيئېرنىڭ مەدەنىيەت مودىلى بويىچە ئاساسىي قاتلام رەھبەرلەرنى رەتلەشتە چىڭ تۇردى.


-- كادىرلار تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھات قىلىپ، كۆرۈنۈشتىكى ئات تۈزۈلمىسىنى بەيگىدىكى ئات تۈزۈلمىسىگە ئايلاندۇردى. ئاشكارا قوبۇل قىلىش، تالانتلىقلارنى ئۆستۈرۈش، ھەرقايسى بۆلۈمدىكى كادىرلارنى تولۇقلاش، سېتىش بۆلۈمىگىلا 50 تىن ئارتۇق ئالىي تېخنىكومدىن يۇقىرى ساتقۇچىلارنى قوبۇل قىلدى. يېڭى ئادەم ئىشلىتىش ئىدىيەسى كادىرلارنىڭ قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كارخانا تالانتلىقلار بازىرىنى جانلاندۇرۇپ، كىرئالغۇ سېتىش سىستېمىسى يېڭى بىر ھەرىكەتلەندۈرۈش نۇقتىسىنى تاپتى.


-- سېتىش ئىستىراتىگىيىسىنى تەڭشەپ، بازار ئىناۋىتىنى قايتا تىكلەش. دۆلەت ئىچىدىكى بازار ۋە ئىستىمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ھەرخىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، بۇرۇنقى ئاددىي خەلقئارا بازارغا يۈزلەنگەن پۈتۈن ئاپتوماتىك كىرئالغۇنى دۆلەت ئىچىدىكى بازارغىمۇ يۈزلەندۈرۈپ ۋە ئاسان ئېغىزغا چىقىدىغان كىچىك تالانتلىق بالا ناملىق يېڭى ماركىنى بەرپا قىلدى؛ سېتىشقا قولايلىق، چوڭ سىغىملىق قوش داسلىق كىرئالغۇنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، كىچىك سېھىرلىك كۆپۈك دەپ نام قويدى. ئىككى خىل مەھسۇلات دۆلەتنىڭ ھەرقايسى بازارلىرىغا سېلىنغاندىن كېيىن، تىزلا بازار تېپىپ، ئېھتىياج ئارتىپ، يوقاتقان كىرئالغۇ بازىرىنى قايتا قولغا ئالدى.



خەيئېر گۇرۇھى ئەسلىدىكى خوڭشىڭ زاۋۇتىنىڭ ساتقۇچىلىرىنىڭ بازارنى ئېچىشتىكى پاسسىپ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، سۇس پەسىل قارىشىنى توغرىلاپ، سۇس پەسىل بولمايدۇ، قانچە سۇس بولغانسىرى شۇنچە تىرىشىپ خىزمەت قىلىش كېرەك دەپ ساتقۇچىلارنىڭ ياز پەسلىنىڭ ئالدى كەينىدىكى سۇس پەسىل قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، شىركەتتە بىر بىرىگە بەس قىلىدىغان كونا ئادىتىنى ئۆزگەرتتى. شىركەت ۋاقىتلىق كاماندروپكا مەبلىغى توپلاپ سۇس پەسىلدە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى بازارلىرىغا بېرىپ، كۈچلۈك «سۇس پەسىل ھۇجۇمى» قىلىپ، كىرئالغۇ بازىرىنى جانلاندۇردى. ئەڭ ئۇتۇقلۇق بولغان مىسال «كىچىك ئۆسمۈر» كىرئالغۇسىنىڭ بازارغا سېلىنىشى. ھەريىلى 6-ئايدىن 9-ئايغىچە كىرئالغۇ ياخشى سېتىلمايدۇ، بىراق يازدا كىشىلەر كىرئالغۇغا ئېھتىياجلىق بولمايدۇ ئەمەس بەلكى ھازىر بازاردىكى كىرئالغۇلارنىڭ سىغىمى چوڭ بولۇپ، 5 كىلوگرام ئەتراپىدا، بىر تال كۆينەكنى يۇيۇش ئۈچۈنمۇ 5 كىلوگراملىق كىرئالغۇغا سېلىش توغرا كېلىدۇ، بۇ نۇرغۇن سۇ ئىسراپ قىلىدۇ، شۇڭلاشقا كىرئالغۇ ئىشلەتمەيدۇ. بۇ نۇقتىغا ئاساسەن خەيئېر بىر كىچىك ئۆسمۈر ماركىلىق 1.5 كىلوگراملىق، ئۈچ سۇ ئورنىلىق كىرئالغۇنى بازارغا سالدى، ئەڭ كىچىك سۇ ئورنىدا ئىككى پايپاق يۇيغىلى بولىدۇ. بۇ خىل كىرئالغۇ تەتقىق قىلىپ چىقىلغاندىن كېيىن، يېڭى سۇس پەسىلدىكى كىرئالغۇ بازىرىنى ئاچتى، باشقا كىرئالغۇلارنىڭ سېتىش مىقدارى تۆۋەنلىگەندە، خەيئېرنىڭ ئەكسىچە تۈز سىزىق بويىچە ئۆرلىدى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى