ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلاردا ئىختىساسلىق خادىملار مەسىلىسى

ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلاردا ئىختىساسلىق خادىملار مەسىلىسى

ۋاقتى: 2016-03-09 ئاۋاتلىقى: 421 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلاردا ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللار ۋە ئۇنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرى

نۇرگۈل قادىر
 

ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنى ئىقتىسادىي ئاساسىي ۋە رىقابەت كۈچى جەھەتتە تەرەققىي قىلغان چوڭ كارخانىلارغا سېلىشتۇرغاندا، خېلىلا ئاجىز ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشى ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنى ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كارخانىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار مەسىلىسى نۆۋەتتە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدۇ.
1. ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلاردىكى ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى:
1) ئەمگەكچىلەر بازىرىدا ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ كەمچىل بولۇشى ۋە كارخانا ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى خادىملارنىڭ قىممىتىنى نامايان قىلىشتىكى پىسخىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۆز قىممىتىنىڭ تېزلا ئېتىراپ قىلىنىشقا ئىنتىلىش ئىدىيەسىنى كۈچەيتمەكتە.  چۈنكى، ئىختىساسلىق خادىملارنى كارخانا تەرەققىياتىدا ئاسان تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگىلى بولمايدۇ. باشقا خادىملارغا بولغان ئېھتىياج تەمىنلەشتىن ئېشىپ كېتىۋاتقان بولغاچقا، ئىختىساسلىق خادىملار ئەمگەك قىممىتىنىڭ باھاسىنى بېكىتمەكتە. ئىختىساسلىق خادىملار ئۆز ئەمگەك قىممىتىنىڭ كارخانا تەرىپىدىن تولۇق ئېتىراپ قىلىنىشقا بولغان تەلىپى ئادەتتىكى خادىملاردىن يۇقىرى بولۇشتەك پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.
2) ئىختىساسلىق خادىملار كارخانىدا كۆپرەك ئېتىراپ قىلىنىشىغا، ھۆرمەتلىشىگە، تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىشكە، كارخانىدىكى ئورنىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلىشقا ئىنتىلىشتەك پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، ئەگەر ئۇلار كارخانىدا تېگىشلىك ئورۇنغا ۋە تەمىناتقا ئېرىشەلمىسە، خادىملارنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشى كېلىپ چىقىدۇ.

2. ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىللار
1) ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا خادىم قوبۇل قىلىشقا سىرتتىن خادىم قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتىدۇ. بۇنداق خادىم قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى كارخانىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقى ۋە كارخانىغا ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە. كارخانىلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدا تەربىيەلەپ، خادىملارنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە سەل قارايدىغان باشقۇرۇش شەكلى ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ خىزمەت پىسخىك ئالاھىدىلىكى كارخانىچىلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، كارخانىلار مۇھىم خىزمەت ئورۇنلىرىغا خادىم قوبۇل قىلغاندا، كارخانىدىكى ئىختىساسلىق خادىملارنى ئۆستۈرۈش، يېتەكلەش ۋە ئۇلارغا تەرەققىيات پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىشنى ئاساس قىلىش كېرەك.  چۈنكى، ئىختىساسلىق خادىملار تەرەققىيات پۇرسىتىگە، ئېتىراپ قىلىشقا ئىنتىلىدۇ. لېكىن، كارخانىلاردا بۇ مەسىلىگە سەل قاراش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت.
2) ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلاردا خادىملارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى باھالاش ئىستراتېگىيەسى ئىلمىي، ئادىل بولماسلىق، خىزمەت ئۈنۈمىنى باھالاش ئۆلچىمى بىردەك بولماسلىق، باھالاش خىزمىتىنى ئىجرا قىلىش بىردەك بولماسلىق ئەھۋاللىرى مەۋجۇت. ئادىل خىزمەت ئۈنۈمىنى باھالاش تۈزۈمى ئادىل باھالاش ئۆلچىمى، باھالاش نەتىجىسىنى ئىنكاس قىلىش تۈزۈمى ۋە باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئىختىساسلىق خادىملارنى ئۆستۈرۈش، تەربىيەلەش، مائاش ئۆستۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن، كۆپلىگەن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلاردا خىزمەت ئۈنۈمىنى باھالاشقا سەل قاراپ، باھالاش ئۆلچىمىنى بىردەك قىلماسلىق، خىزمەت ئۈنۈمىنى باھالاش ئۇسۇلىنى توغرا تاللىيالماسلىق، باھالاش جەريانىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، باھالاش خىزمىتىنىڭ ئادىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلماسلىق، كارخانىلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئۆستۈرۈشكە تېگىشلىك ئىختىساسلىق خادىملارنى ئۆستۈرۈلمەي، مۇكاپاتلىنىشقا تىگىشلىك خادىملار مۇكاپاتلانماي، تېگىشلىك ئىلھامغا ۋە ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلمەسلىك ئەھۋاللىرى مەۋجۇت.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، يەنە قانداق مەسىلىلەر كارخانىلارنىڭ دىققەت قىلىشىغا ئېھتىياجلىق؟ بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز قېنى دىققىتىڭىز داۋاملىق يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
#p#
3) ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلاردا ئىلھام بېرىش شەكلى يەنىلا ئەنئەنىۋى ئىلھام بېرىش شەكلى ۋە مائاش تەقسىملەش شەكلى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماقتا. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلاردا ئىختىساسلىق خادىملارغا ماددىي ئىلھام بېرىش شەكلى قوللىنىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئىلھام بېرىش شەكلى ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ كارخانىدا ئېتىراپ قىلىش، ئۈزلۈكسىز تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىش، مۇھىم خىزمەت ئورنىدا مۇستەقىل قارار چىقىرىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش، كارخانىدا ئۆزى قىزىققان خىزمەتنى ئىشلەش، يېڭى تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش قاتارلىق مەنىۋى جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلاردا مائاش تەقسىملەش يەنىلا ئەنئەنىۋى شەكىلدە ئېلىپ بېرىلماقتا. ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ مائاشى ئاساسلىق مائاش، خىزمەت ئۈنۈم مائاشى ۋە پاراۋانلىق قاتارلىق ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ خىل مائاش شەكلى ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ ئۇزاق مۇددەت كارخانىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمايۋاتىدۇ.

3. ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قوللىنىشقا تېگىشلىك تەدبىرلەر
1) ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلاردا مۇھىم خىزمەت ئورنىغا خادىم قوبۇل قىلىشتا، ئالدى بىلەن كارخانىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئىختىساسلىق خادىملارنى قوبۇل قىلىشنى ئاساس، سىرتتىن خادىم قوبۇل قىلىشىنى قوشۇمچە قىلىش لازىم. بۇنداق قىلغاندا، كارخانىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا ئىختىساسلىق خادىملارنى ئېتىراپ قىلىش، ھۆرمەتلەش، تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىش، ئۆزىنىڭ تەرەققىيات نىشانى بىلەن كارخانا تەرەققىيات نىشانىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش مېخانىزمىنى ئورناتقىلى بولىدۇ.
2) ئادىل، ئىلىمىي ۋە ئاشكارا بولغان خىزمەت ئۈنۈمىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، باھالاش گۇرۇپپىسى قۇرۇش، باھالاش ئۆلچىمىنى ئادىل بېكىتىش، باھالاش جەريانىنىڭ ئادىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، خىزمەت ئۈنۈمىنى باھالاش نەتىجىسىنى ئاشكارىلاش، خادىملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن خادىملارنى ئۆستۈرۈش، مائاش قوشۇش، تەربىيەلىنىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا، كارخانىدىكى ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ كارخانىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.
3) ماددىي ئىلھام بېرىش شەكلى بىلەن مەنىۋى ئىلھام بېرىش شەكلى مۇۋاپىق تەڭشەپ، مائاش تەقسىمات شەكلىنىڭ جەلپ قىلىش پۇرسىتىنىڭ بولۇشىنى، ئۆز قىممىتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاش كېرەك. بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياج خادىملارنىڭ ماددىي ئېھتىياجىدىنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا، كارخانىلار ئىختىساسلىق خادىملارنى مەنىۋى جەھەتتىن ئىلھاملاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەيتىشى كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، كارخانىلار مائاش تەقسىمات تۈزۈمىنى يولغا قويغاندا، ئىختىساسلىق خادىملارنى كارخانىنىڭ كىچىك پاي چېكىگە ئايلاندۇرۇشى، بۇ خىل پاي چەك تۈزۈمىنى ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ مائاش تەقسىمات تۈزۈمىدە گەۋدىلەندۈرۈپ، مائاش تەقسىمات تۈزۈمىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىلھام بېرىش، جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى