ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىككىنچى بۆلۈم كارخانىلارغا دائىر قانۇنلار

ئىككىنچى بۆلۈم كارخانىلارغا دائىر قانۇنلار

ۋاقتى: 2015-05-13 ئاۋاتلىقى: 503 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىككىنچى بۆلۈم كارخانىلارغا دائىر قانۇنلار


Ⅳ باب شىركەتكە دائىر قانۇن-تۈزۈملەر


1§.شىركەت قانۇنى ھەققىدە ئومۇمىي بايان


1. شىركەت دېگەن نېمە؟


شىركەت-شىركەت بويىچە قۇرۇلغان كارخانا قانۇنىي ئىگىسىدىن ئىبارەت. بۇ تەبىرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:


بىرىنچى، شىركەت-كارخانىنىڭ بىر خىل تەشكىلىي شەكلى. ئۇ ھەرخىل كارخانىلاردا بولىدىغان ئورتاق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. Ⅲ بابنىڭ ئىككىنچى پاراگرافىدا كارخانا دېگەن بۇ ئۇقۇم توغرىسىدا تەبىر بەرگەن ھەمدە بايان قىلغانىدۇق. بۇ يەردە قايتا تەكرارلىمايمىز.


ئىككىنچى، شىركەت-قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان كارخانا. ئۇ ھەم غەيرىي كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىگە، جۈملىدىن دۆلەت ئورگانلىرى تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىگە ئوخشايدۇ ھەمدە قانۇنىي ئىگە بولمىغان كارخانىغا، جۈملىدىن خۇسۇسىيلار ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سالغان كارخانا ۋە شېرىكلەشكەن كارخانىلارغىمۇ ئوخشايدۇ.


ئۈچىنچى، شىركەت-شىركەت قانۇنى بويىچە قۇرۇلىدۇ. ئۇ چوقۇم شىركەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن شەرت ۋە تەرتىپلەر بويىچە قۇرۇلۇشى كېرەك. مانا بۇ ئۇنىڭ كارخانا قانۇنىي ئىگىلىرى بىلەن بولغان ئوخشىماسلىقىدۇر.


شىركەتنى ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەمگە ئاساسەن ھەرخىل بۆلۈشكە بولىدۇ. پايچىلارنىڭ شىركەت ئالدىدا ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن شىركەتنى تۆۋەندىكى بەش خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ:بىرىنچى، چەكسىز شىركەت. بارلىق پايچىلار ئۆزلىرى چىقارغان مەبلىغىنىڭ ئاز-كۆپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شىركەتنىڭ قەرز مەسئۇلىيىتى ئالدىدا بىردەك چاتما چەكسىز جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى، چەكلىك مەسئۇلىيەت ئالدىدا بىردەك چاتما چەكسىز جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، بارلىق پايچىلار ئۆزلىرى چىقارغان مەبلەغنى چەك قىلغان ھالدا شىركەتنىڭ قەرز مەسئۇلىيىتى ئالدىدا جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۈچىنچى، ئارىلاشما شىركەت. يەنى چەكسىز مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان پايچىلار بىلەن چەكلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان پايچىكلار ئورتاق تەشكىللەنگەن شىركەت. تۆتىنچى، چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى. شىركەتنىڭ بارلىق كاپالىتى تەڭ سوملۇقتىن پايغا بۆلۈنىدۇ. پايچىلار ئۆزى قوشقان پاينى چەك قىلىپ شىركەت ئالدىدا جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بەشىنچى، ئارىلاشما ھەسسىدارلىق شىركىتى. يەنى چەكسىز مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان پايچىلار بىلەن چەكلىك ھەسسىدارلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغان پايچىلار بىرلىشىپ تەشكىللىگەن شىركەت. بۇلار بىرخىل نېگىزلىك بۆلۈنۈشتۇر. بۇنىڭدىن باشقا شىركەتنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۆز دۆلىتىنىڭ شىركىتى، چەت ئەل شىركىتى، دۆلەت ھالقىغان شىركەت دەپ بۆلۈنىدۇ؛ شىركەتنىڭ كونتىرول قىلىش-كونتىرول قىلىنىش مۇناسىۋىتىدە تۇتقان ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئانا شىركەت ۋە بالا شىركەت دەپ بۆلۈشكە بولىدۇ؛ شىركەتنىڭ باشقۇرۇش-باشقۇرۇلۇش مۇناسىۋىتىدە تۇتۇقان ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن باش شىركەت ۋە شۆبە شىركەت دەپ بۆلۈشكە بولىدۇ ۋە باشقىلار.
-----------------------------------

«ئىقتىسادىي قانۇنشۇناسلىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى