ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن بەش سۇغۇرتا بىر فوندنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن بەش سۇغۇرتا بىر فوندنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

ۋاقتى: 2013-12-06 ئاۋاتلىقى: 451 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن بەش سۇغۇرتا بىر فوندنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

تەرجىمىدە: زەينۇر ئابلىكىم


ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى:
ئادەتتە 15 يىل تولۇق تاپشۇرۇلغان بولۇشى كېرەك. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئاندىن ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىدىن ئۆمۈرلۈك بەھرلىنىشكە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىنى ئالماقچى بولغان كىشى ئۆزى پېنسىيەگە چىقىشتىن 15 يىل بۇرۇن تاپشۇرۇشنى باشلىشى كېرەك. ئەگەر پېنسىيەگە چىقىش يېشىغا يەتكىچە ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرغان ۋاقىت 15 يىلغا يەتمىگەن بولسا، سىز پېنسىيەگە چىققان ۋاقىتتا دۆلەت سىزنىڭ ھېساباتىڭىزدا ساقلانغان %8 ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ھەممىسىنى سىزگە تولۇق قايتۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇنداقتا خىزمەت ئورنى سىزگە تاپشۇرغان %21 قەيەرگە كەتتى؟ 
دۆلەت سىزنىڭ خىزمەت ئورنىڭىز سىز ئۈچۈن تاپشۇرغان %21 پۇلنى دۆلەتلىك ياشانغانلار كۈتۈنۈش يىغما فوندىغا تولۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. دۆلەت بەلگىلىمىسىدە، پۇل قايتۇرغاندا پەقەت ئۆزى كەم تاپشۇرغان پۇلنىلا قايتۇرىدۇ، خىزمەت ئورنى تاپشۇرغان پۇل دۆلەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇلغان بولىدۇ. پېنسىيەگە چىققان ۋاقىتتىكى ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟
ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىنى ھېسابلاش ناھايىتى مۇرەككەپ، دۆلەت ھەريىلى ھەق تاپشۇرۇش كاردىنالىنى بىر قېتىم ئۆزگەرتىدۇ: ئەگەر سىز 30 ياشتا، سىزنىڭ ھازىرقى ھەق تاپشۇرۇش كاردىنالىڭىز 3000 يۈەن، پېنسىيەگە چىقىش يېشىڭىز 55 بولسا، ئۇنداقتا سىز 40 ياشتىن بۇرۇنلا ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرۇشنى باشلىشىڭىز كېرەك. ئەگەردە سىز 30 ياشتىن باشلاپلا تاپشۇرۇشنى باشلىسىڭىز، 55 ياشقىچە 25 يىل تاپشۇرغان بولىسىز. ئۇنداقتا ئالدى بىلەن سىز چوقۇم ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىدىن بەھرلىنەلەيسىز، ئۇنىڭدىن سىرت، 25 يىلدىن كېيىن سىز تاپشۇرىدىغان ھەق تاپشۇرۇش كاردىنالى ئاللىقاچان 3000 يۈەندىن 6000 يۈەنگە ئايلانغان بولسا، سىز 55 ياشتا ئالدى بىلەن ھەر ئايدا 1200=%20*6000 يۈەن ئۆلچەم بويىچە ئاساسي ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى ئالالايسىز. بۇ بولسا دۆلەتنىڭ سىزگە بەرگىنى، بۇنىڭدىن سىرت، سىزنىڭ ھېساباتىڭىزدىكى 25 يىل ئىچىدە ساقلانغان پۇلنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس، بىز ھازىر ھەق تاپشۇرۇش كاردىنالى  ئوتتۇرچە سانىنى تېپىپ باقايلى،
4500=2(6000+3000)، ئۇنداقتا سىزنىڭ بۇ 25 يىلدىكى شەخسي ھىساۋاتىڭىزدا %8*4500 (سىز تاپشۇرغان ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ ئېگىلىگەن نىسبىتى) *25يىل*12ئاي=108000 يۈەن، 1200 يۈەن ئالغاندىن سىرت، سىز ھەر ئايدا يەنە120 108000يۈەن ئالالايسىز.
ئۇنداقتا سىز 55 ياشتىن باشلاپ ھەر ئايدا 2100=1200+900 ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى ئالالايسىز. ئەلۋەتتە ھەر ئايدا دۆلەتنىڭ كاردىنال سانى يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ. بۇنداق بولغاندا سىز ھەر يىلى ئۆزىڭىزنىڭ 900 يۈەن پۇلىدىن سىرت، سىز پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ھەر ئايدا 1200 يۈەندىن تېخىمۇ كۆپ بولغان پۇل ئالالايسىز، ئەلۋەتتە سىزنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىڭىز تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى قانچە كۆپ تاپشۇرسىڭىز شۇنچە ياخشى، سىز تاپشۇرغىنىڭىز كۆپلىگەنسېرى، سىزنىڭ بەھرلىنىدىغىنىڭىزمۇ كۆپىيىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەتنىڭ كىردىنال سانى ئاشقاندىن كېيىن سىز ئالىدىغان پۇلمۇ كۆپىيىدۇ، ھازىر 1000 يۈەن تاپشۇرسىڭىز ئون يىلدىن كېيىن 1500 يۈەن ئېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن.
لېكىن ئىجدىمائىي سۇغۇرتىنى سىز قەيەردە تاپشۇرشىڭىزدىن سىرت، سىز پېنسىيەگە چىققان ۋاقىتتا سىز  نوپۇسىڭىز تۇرۇشلۇق ئورۇندا تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ پېنسىيە تەمىناتىدىن بەھرلىنەلەيسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىز كاردىنالى يۇقىرى ئورۇندا ئىجدىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇپ، پېنسىيىگە چىققاندا كاردىنالى تۆۋەن ئورۇندىن ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىدىن بەھرلەنسىڭىز زىيان تارتقان بولىسىز. 
نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئېيتىمىز؟ ئەگەر سىز ياش ۋاقتىڭىزدا ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىپ، 20 يىل ئىجدىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغاندىن كېيىن پېنسىيەگە چىققان بولسىڭىز، لېكىن سىزنىڭ نوپۇسىڭىز تۇرۇشلۇق ئورۇن خوتەن بولسا، سىز چوقۇم خوتەنگە قايتىپ ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىدىن بەھرلىنىشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز ئۈرۈمچىدە 20 يىل تاپشۇرغىنىڭىزنىڭ ئوتتۇرىچە كاردىنال سانى 3000 يۈەن، لېكىن سىز پپېنسىيەگە چىققاندا ختەننىڭ پەقەت 1000 يۈەن بولسا، سىز پېنسىيەگە چىققاندا 1000 يۈەن تەمىناتتىنلا بەھرلىنەلەيسىز! بۇ ناھايىتى زور زىيان! 
يىغىنچاقلىساق، سىز باي ئورۇندا ئىجدىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇپ، پېنسىيەگە چىققاندا نامرات ئورۇنغا قايتىپ ئىجدىمائىي سۇغۇرتىدىن بەھرلەنسىڭىز، ئۇنداقتا سىز بىر ئۆمۈر كۆپ تاپشۇرۇپ ئاز بەھرلەنگەن بولىسىز، 3000 يۈەن تاپشۇرۇپ 1000 يۈەن ئېلىش! بۇ ئىنتايىن  قورقۇنچلۇق ئىش، لېكىن ئامال يوق، بۇ دۆلەتنىڭ تۈزۈمى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر قايسى نوپۇسى كاردىنال سانى تۆۋەن ئورۇندا، لېكىن بېيجىيڭ، شاڭخەي قاتارلىق كاردىنال سانى يۇقىرى ئورۇندا خىزمەت قىلىپ ئىجدىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۋاتقانلار دىققەت قىلىڭلار، سىلەر غەربكە بېرىپ ئىجدىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇڭلار ياكى پېنسىيەگە چىقىشتىن بۇرۇن نوپۇسىڭلارنى بېيجىيڭ، شاڭخەيگە يۆتكىۋېلىڭلار، بولمىسا سىز ھاياتىڭىزدا بىر چوڭ زىيانغا ئۇچرىغان سودا قىلىۋاتقان بولىسىز، بەلكىم سىز مۇنداق ئېيتىشىڭىز مۇمكىن، مەن كاردىنال سانى تۆۋەن ئورۇندا ئىجدىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇپ، پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن نوپۇسۇمنى كاردىنال سانى يۇقىرى ئورۇنغا يۆتكىۋېلىپ يۇقىرى تەمىناتتىن بەھرلەنسەم بولدىكەنغۇ. خاتالاشتىڭىز! سىزنىڭچە ئەمگەك كاپالەتلىك ئورۇنلىرى سىزنىڭ قالايمىقان بەھرلىنىشىڭىزگە يول قويارمۇ؟ ئادەەتتىكى ئەھۋالدا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى سىزگە بىر سەۋەب تىپىپ ئۇدۇللا سىزنىڭ نوپۇس يۆتكىشىڭىزگە قوشۇلمايدۇ! ئۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ ئەققىللىق بىلەن قىلغان ئىشىڭىز سىزنى ئويلاپ باقمىغان زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، سىز نەنجىڭ، خىيلوڭجىياڭنىڭ ھېچقايسىسىدىن تەمىنات بىلەن بەھرلىنەلمەيسىز. لېكىن بەزى ئورۇنلاردا بۇنداق ئەھۋاللارغا يىنىكلىتىلگەن تۈزۈملەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى. مەسىلەن، نەنجىڭدا سىز پېنسىيەگە چىقىشتىن بەش يىل بۇرۇن كاردىنال سانى تۆۋەن ئورۇندىن نەنجىڭغا يۆتكىلىپ كېلىشىڭىز رۇخسەت قىلىندۇ، نەنجىڭدا يەنە داۋاملىق بەش يىل  يۇقىرى كاردىنال تاپشۇرغاندىن كېيىن سىزنىڭ نەنجىڭغا قايتىپ يۇقىرى تەمىنات ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىدىن بەھرلىنىشىڭىزگە رۇخسەت قىلىندۇ. بۇ خىل تۈزۈم ھەرخىل ئورۇنلاردا ئوخشىمىغان بولىدۇ، ئەگەر سىز يۆتكىلىشنى ئويلىغان بولسىڭىز، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئويلىمىغان ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ ئەمگەك ئىشخانىسىغا بېرىپ بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىڭ!

داۋامى بار...

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى