ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى

ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى

ۋاقتى: 2016-07-27 ئاۋاتلىقى: 810 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. مۇقەررەرلىك ۋە ئومۇمىيلىق
 كىرىزىسنىڭ مۇقەررەرلىكى ئۇنىڭدىن خالىي بولغىلى بولماسلىقنى كۆرسىتىدۇ، ئاممىۋى مۇناسىۋەتلا مەۋجۇت بولسا چوقۇم ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسى بار. چۈنكى:
ئالدى بىلەن، كىشىلەرنىڭ سۇبيېكتىپ كۆز قارىشىنىڭ چەكلىك بولۇشى ۋە ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتلەرنىڭ يوشۇرۇن بولۇشى سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ قانۇنىيەتنى بايقاش ۋە تىزگىنلەش ئىقتىدارىدا چوقۇم قىسمىي پەرق مەۋجۇت، شۇڭلاشقا ھەرقانداق خاتالىقنىڭ ئەمەلىيەتكە ئايلىنىشى مۇمكىن. 

 
ئۇنىڭدىن باشقا، ئاممىۋى مۇناسىۋەت دېگەن كۆپ قاتلاملىق چوڭ سىستېما، ئۇ نۇرغۇن ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىك مۇرەككەپ بالا سىستېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنى كۆپ كىرگۈزىدىغان، كۆپ چىقىرىدىغان ۋە كۆپ دەخلى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق كونترول سىستېما، ئۇ مۇرەككەپ ئېلېمېنتلارنىڭ كىرىزىسنىڭ كېلىپ چىقىشىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرمەيدۇ. 
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇچۇرنىڭ تارقىلىشى ئاممىۋى مۇناسىۋەتتە كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل، ئاممىۋى مۇناسىۋەت جەريانى بىر خىل ئۇچۇر تارقىلىش جەريانىدۇر، تېخىمۇ بەكرەك كونترول قىلىش جەريانى، ئۇچۇر نەزەرىيەسىنىڭ كۆز قارىشىدىن قارىغاندىمۇ، ئۇ ئۇچۇر مەنبەسى ئۇچۇر يولى ئارقىلىق ئۇچۇر قونالغۇسىغا بېرىش ۋە ئەكس ئىنكاس پەيدا قىلىدىغان جەريان. 
ئۇچۇر تارقىلىش جەريانىدا شاۋقۇننىڭ توسقۇنلىقى بىلەن ئەينەنسىزلىك ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەينەنسىزلىكتە خاتالىق پەرقى مەۋجۇت، خاتالىق پەرقى خاتالىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، خاتالىق بولسا ئاخىرىدا كىرىزىس پەيدا قىلىدۇ. 
ئاخىرىدا، ۋەزىپە پىلانلاش ۋە تەدبىر بەلگىلەش ئىككىلىسى ئۇچۇرنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە لايىھەنىڭ ئېلىپ بېرىلىش جەريانىمۇ ئۇچۇرنىڭ تارقىلىش جەريانى بولۇپ، ئۇچۇر كۆپ قاتلام، كۆپ يول، كۆپ جەرياندىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەينەنسىزلىك ھادىسىسى چوقۇم ئېغىرلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىستېمىنىڭ مۇقىملىقى ئاجىزلايدۇ، سىلكىنىش دەرىجىسى ئاشقانسېرى، كىرىزىس ئارقىدىن ئۇلاپلا پەيدا بولىدۇ. 
شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق بىر ئىجتىمائىي تەشكىلات تەرەققىي قىلىش جەريانىدا خارەكتېرى ۋە ئىپادىلىنىش شەكلى ھەرخىل بولغان كىرىزىسلارغا ئۇچرايدۇ. 1985–يىلى ئامېرىكا لەكسېكىن تارقىىىش شىركىتى ئامېرىكىدىكى ئاساسلىق كارخانا رەھبەرلىرىگە ئائىت ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا 89 پىرسەنت رەھبەرلەر كارخانىدا كىرىزىس يۈز بىرىشنى ئۆلۈم ۋە باجغا ئوخشاش خالىي بولغىلى بولمايدىغان ئىش دەپ قارايدىكەن. 
#p#
2. تۇيۇقسىزلىق ۋە تەدرىجىيلىك 
ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسى بىر خىل تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ئىش، ئەمما دائىم تەدرىجىي ھاسىل بولىدۇ. ئۇ دائىم ئويلىمىغان، تەييارلىقسىز تۇرغان ۋاقىتتا تۇيۇقسىز پارتلايدۇ، ئۇنى پۈتۈنلەي ئالدىن كۆرۈۋالغىلى بولمايدۇ. ئاممىۋى مۇناسىۋەت چوڭ سىستېمىسى ئېچىۋىتىلگەن بولغانلىقتىن ھەر ۋاقىت سىرتتىكى ماددىي ئەشيا، ئېنېرگىيە، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇچۇر ئېقىمى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئارىسىدىكى ھەرقانداق بىر ئاجىز ھالقا تاسادىپىي ئامىل تۈپەيلى تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىپ كىرىزىس پەيدا قىلىشى مۇمكىن. تۈپكى نۇقتىدىن قارىغاندا ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسى سان ئۆزگىرىشتىن سۈپەت ئۆزگىرىش جەريانىدۇر. كىرىزىسنىڭ تەرەققىي قىلىش خاراكتېرىدىن قارىغاندا، ئادەتتە تۆت جەريانغا بۆلۈنىدۇ: بىشارەت مەزگىلى، كۈچىيىش مەزگىلى، بىر تەرەپ قىلىش مەزگىلى، يوقىتىش مەزگىلى. 
بىشارەت مەزگىلى: كىرىزىسنىڭ يوشۇرۇن ئاپىتى ئاستا-ئاستا كۆرۈلۈشكە باشلاپ تەشكىلى ئورگانغا سىگنال بىرىدۇ. نۇرغۇن ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۇ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى، بۇ ۋاقىتتا كىرىزىس تۇراقسىز ھالەتتە تۇرىدۇ، بۇنداق چاغدا مۇھىم بولغىنى قانداق قىلىپ ئەھۋالنى ياخشى تەرەپكە بۇرۇلدۇرۇش، ئۇنىڭ يامان تەرەپكە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش، خەۋپ-خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇرۇپ، خەتەردىن ئامان-ئىسەن قۇتۇلۇش. ئەگەر بىشارەت مەزگىلىدىكى سىگنالغا ئېتىۋار بەرمىسە، ئۇ يوغىناپ مەلۇم دەرىجىگە بارغاندىن كېيىن ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسىگە ئايلىنىدۇ ۋە تېز سۈرئەتتە كېڭىيدۇ، ئاقىۋەتتە زەنجىرسىمان رېئاكسىيەگە ئايلىنىپ ئامما بىلەن تەشكىلنىڭ مۇناسىۋىتىنى تۇيۇقسىز يامانلاشتۇرۇپ، كارخانىنى تەمتىرىتىپ قويىدۇ. 
كۈچىيىش مەزگىلى: كىرىزىس كۈچەيگەن ھامان ئۆزلۈكىدىن يوقالمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا مەسىلە ئاللىقاچان ئايان بولىدۇ، ئامما بەس-بەستە ئەرىز قىلىشىدۇ، تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى قوغلاشقا باشلايدۇ، يۈز-ئابرۇي پۈتۈنلەي تۆكىلىدۇ. بۇ چاغدا كارخانا بىلەن ئامما نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئېنىق چۈشىنىپ بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ھەرىكەتكە كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئېلىپ بارىدۇ. كىرىزىس كۈچىيىش مەزگىلىگە كىرگەن ھامان ھەرقانداق كىرىزىسنى كونترول قىلىش تىرىشچانلىقى زىياننى كونترول قىلىشقا ئايلىنىدۇ. 
بىرتەرەپ قىلىش مەزگىلى: كىرىزىسنى بىرتەرەپ قىلىش مەزگىلىدە ئاپەت چىكىگە يېتىدۇ، قۇتقۇزۇش خىزمىتى ھالقىلىق مەزگىلگە كىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاممىۋى ئورگانلار ئۇچۇر مەركىزى قۇرۇپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋەرلىرىنى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىگە يوللايدۇ. قۇتقۇزۇش مەزگىلى ئاز بولسا بىر-ئىككى كۈن، كۆپ بولسا بىر قانچە ھەپتە ھەتتا ئۇنىڭدىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ. ھەرخىل ئۇچۇرلارنى تارقاتقاندا چوقۇم ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك، بۇنداقتا ئامما ۋە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ گۇمانى ۋە سورىقىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. كىرىزىسنىڭ بىرتەرەپ قىلىش مەزگىلى ئادەتتە ئەھۋالنى تەكشۈرۈش، ئۆزىنى تەھلىل قىلىش، كىشىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىش، تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 
يوقىتىش مەزگىلى: يوقىتىش مەزگىلى باھا بېرىش خىزمىتىدىن باشلاپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتى بىلەن ئاياغلىشىدۇ. بۇ مەزگىلدە مەسئۇل خادىملار ۋە ئاممىۋى باشقۇرغۇچىلار قول سېلىپ ئەھۋالنى ئەستايىدىل تەكشۈرگەندىن باشقا يەنە كونكرېت ئىشلارنى قىلىشى كېرەك، كىرىزىسنىڭ ئاخىرىدىكى مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشپ ئاممىنى خاتىرجەم قىلىشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاممىۋى مۇناسىۋەتكە تايىنىپ يامان تەسىرنى ئازايتىشى، بىر ئامال قىلىپ ئوبرازنى تۈزىشى لازىم. 
#p#
3. ئېغىرلىقى ۋە ئىجابىيلىقى
كىرىزىس ئاممىۋى ھادىسە بولغانلىقتىن، ھەرقانداق بىر تەشكىلى ئورگان قوللانغان ئۇسۇل ۋە ھەرىكەتتىن چاتاق چىقسا، شىركەتنىڭ ئوبرازى ۋە كارخانىنىڭ نام ئابرۇيى ئەجەللىك زەربىگە ئۇچرايدۇ، ھەتتا جان ساقلاشمۇ تەسكە چۈشىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرخىل تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان كىرىزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، غەربتىكى زامانىۋى كارخانىلار ئۇنى باشقۇرۇشنىڭ بىر تۈرىگە كىرگۈزۈپ، ئۆزگىچە بولغان كىرىزىس باشقۇرۇش ئورگانلىرىنى قۇردى. مەسىلەن، لوندون ئاكسىيە سودا مەركىزى كارخانا كىرىزىسىنىڭ پايچىك بازىرىغا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يېڭى تۈزۈمنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنى پايچىكى بازارغا سېلىنىدىغان شىركەتلەر چوقۇم كىرىزىس باشقۇرۇش پىلانى تۈزۈشى، كىرىزىس باشقۇرۇش بۆلۈمى قۇرۇشى كېرەك، شۇنداقلا بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە كىرىزىسنى ئالدىن مۆلچەرلەش ئانالىز دوكلاتى تاپشۇرۇشى كېرەك. 
كىرىزىس ماھىيەتتە ۋە ئەمەلىيەتتە جەمئىيەتكە ئېغىر بۇزۇلۇش پەيدا قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالدىنى ئىلىش كېرەك. لېكىن كىرىزىس پارتلاپ تەشكىلى ئورگاننىڭ ساقلانغان مەسىلىسىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، بۇ ئورگانغا خەتەرنى بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى سىنايدىغان پۇرسەت بېرىدۇ. كىرىزىسنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىش بۇ ئورگانغا يېڭى ئۈنۈم ئېلىپ كېلىدۇ. دىئالېكتىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا: كىرىزىس=خەتەر +پۇرسەت
ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسى پارتلىغاندىن كېيىن ئورگاننىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت سىستېمىسى تۇراقسىز ھالەتتە تۇرىدۇ، ئۈنۈملۈك ئاممىۋى مۇناسىۋەت خىزمىتى ئەسلىدىكى قالايمىقان ھالەتتىن تېخىمۇ مۇستەھكەم ئاممىۋى مۇناسىۋەت بىناسى قۇرۇپ چىقىدۇ، تەرتىپسىزلىكتىن تەرتىپلىككە قاراپ ماڭىدۇ. 
كىرىزىسنىڭ ئىجابىي تەرىپىنى توغرا تونىغاندىلا، ئاندىن ئاكتىپ، تەمكىن ھالەتنى ساقلاپ ئىشەنچ بىلەن كىرىزىسكە يۈزلەنگىلى، ھەر قانداق مۇمكىن بولغان پۇرسەتنى تاپقىلى بولىدۇ؛ كىرىزىسنىڭ ئىجابىي تەرىپىنى توغرا تونىغاندىلا، ئاندىن ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسىنىڭ ياخشى ئاممىۋى مۇناسىۋەتنى بۇزغانلىقىنى تونۇپ يېتىش بىلەن بىرگە بۇ تەشكىلگە ياخشى ۋە رىقابەت ئىقتىدارىغا تولغان نام ئابرۇي تاپقىلى بولىدۇ، تەشكىلىي ئورگاننىڭ يۈز-ئابرۇيىنى ساقلاپ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغانغا پۇرسەت ياراتقىلى بولىدۇ. 
#p#
4. جىددىيلىك ۋە نەزەرلىك (关注性)
ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسى دائىم قىسقا ۋاقىتتا تۇيۇقسىز يۈز بېرىپ تەشكىلنى تۇيۇقسىز ئۇرۇش ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قويىدۇ، ھەمدە ئاممىۋى خادىملارنىڭ ھەممىدىن بۇرۇن ئەھۋالنى تولۇق ئىگىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. كىرىزىس پەيدا قىلغان غايەت زور تەسىر ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇ دائىم جەمئىيەت ۋە جامائەتنىڭ ئېتىبار نۇقتىسىغا ۋە پاراڭ تېمىسىغا، تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ بەس-بەس بىلەن تارقىتىدىغان خەۋەر مەزمۇنىغا، رىقابەتچىلەرنىڭ چاندۇرۇش (破绽) دىكى يىپ ئۇچىغا، مەسئۇل باشلىقلارنىڭ تەنقىد ئوبيېكتىغا ئايلىنىدۇ. 
قىسقىسى، ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسى يۈز بەرگەن ھامان، ئۇ تۇيۇقسىز پارتلىغان بومبىغا ئوخشاش جەمئىيەتتە تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئۇ جەمئىيەتنى كونترول قىلغۇچى نېرۋىغا ئوخشاش جەمئىيەتتە تېز سۈرئەتتە ھەرخىل ئىنكاس پەيدا قىلىپ جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتىدۇ. 
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى