ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

IBM نىڭ ئالاھىدە ئۈچ خىل كارخانا مەدەنىيىتى

IBM نىڭ ئالاھىدە ئۈچ خىل كارخانا مەدەنىيىتى

ۋاقتى: 2016-06-06 ئاۋاتلىقى: 562 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 IBM (خەلقئارالىق سودىغا ئىشلىتىلىدىغان ماشىنا شىركىتى) بولسا ناھايىتى ئېنىق پىرىنسىپ ۋە قەتئىي ئىرادىگە ئىگە شىركەت. بۇ پىرىنسىپ ۋە ئىرادە قارىماققا ناھايىتى ئاددى، ناھايىتى يۈزەكى بولسىمۇ، بىراق دەل مۇشۇ ئاددى ۋە يۈزەكى پىرىنسىپ ۋە ئىرادە IBM كارخانا مەدەنىيىتىنى ھاسىل قىلغان.
IBM نىڭ 40 تۈمەندىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بار، يىللىق تىجارەت مىقدارى 5 مىلياردتىن ئاشىدۇ، دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك تارماق شىركىتى بار، ئۇنىڭ تارقىلىشى ناھايىتى كەڭ، بۇ كىشىنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ئەگەر مۇشۇ كارخانىنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز، چوقۇم ئۇنىڭ تىجارەت ئىدىيەسىنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر چۈشەنمەيدۇ، IBM دەك بۇنچە چوڭ شىركەتنىڭ ئادىمىي خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكى، بىراق دەل ئادىمىي خاراكتېرگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، IBM ھازىرقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن.
چوڭ توماس ۋوسن 1914-يىلى IBM شىركىتىنى قۇرۇپ، "ھەرىكەت نىزامى"نى تۈزۈپ چىققان. ئۇ باشقا ھەرقانداق غايىسى بار كارخانىشۇناسلار بىلەن ئوخشاش، ئۇ ئۆزىنىڭ شىركىتىنىڭ بايلىق توپلىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ كىشىلىك قىممىتىنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ مۇشۇ قىممەت قاراش ئۆلچىمى بويىچە ئۇلارنى يېزىپ چىققان، شىركەتنىڭ ئۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خىزمەت قىلغان ھەربىر كىشىگە شىركەتنىڭ تەلىپىنى بىلدۈرگەن.
#p#
چوڭ توماس ئوغلىغا بەرگەن خېتىدە ئوغلى ياشىغان دەۋرنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان، كىچىك توماس 1956-يىلى IBM شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورلۇقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان، چوڭ توماس تۈزگەن "ھەرىكەت نىزامى"نى باش دىرېكتور ئىشخانىسى تاپشۇرۇپ ئالغان، بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، مەسىلەن:
1. چوقۇم ھەر بىر ئادەمنى ھۆرمەتلەش.
2. ئىمكانقەدەر خېرىدارغا ئەڭ ياخشى مۇلازىمەت تەمىنلەش.
3. چوقۇم ئەڭ ئەلا بولغان خىزمەت ئىپادىسىنى بىلدۈرۈش.
بۇ نىزام ئىزچىل شىركەتتىكى ھەر بىر ئەزانىڭ يۈرىكىگە ئورناپ كەتكەن، ھەر قانداق بىر ئادەم ھەرىكىتىدە مۇشۇ ئۈچ نىزامنىڭ تەسىرىگە بىۋاسىتە ئۇچرايدۇ، "ۋوسىن پەلسەپىسى" شىركەتنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان، تېخنىكا ئىنقىلابى، يېڭى بازارشۇناسلىق ماھارىتى، ياكى زور مالىيە كۈچى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ كۈچى تېخىمۇ زور بولغان. IBM شىركىتىنىڭ شىركەت "نىزامى"، "قائىدىسى"، ياكى "پەلسەپە" گە نىسبەتەن ئالاھىدە پاتېنت ھوقۇقى يوق. "پىرىنسىپ" بولسا بەلكىم ناھايىتى تېزلا قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
مۇسكۇل بىنورمال ھەرىكەت ئارقىلىق ھالسىزلىنىدۇ. كارخانا يۈرگۈزۈش جەريانىدا، ھەر قانداق باشقۇرغۇچى خىزمىتىنى قىلغۇچى چوقۇم  "شىركەت پىرىنسىپى"نى چۈشىنىشى كېرەك. ئۇلار چوقۇم قول ئاستىدىكىلەرگە چۈشەندۈرۈشى، شۇنداقلا قايتا-قايتا تەكرارلىشى، خىزمەتچىلەرگە "پىرىنسىپ"نىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك. IBM شىركىتى يىغىندا، ئىچكى مەتبۇئاتلاردا، خاتىرە دەپتەرلەرگە، كوللېكتىپ يىغىلىشىدا بەلگىلىگەن ئىشلاردا، ياكى شەخسى پاراڭلاشقاندا "شىركەت پەلسەپىسى"نىڭ پۈتۈنلەي سىڭىشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
ئەگەر IBM شىركەت باشقۇرغۇچى خادىملىرى ئۆزىنىڭ سۆزى بىلەن ئىش ھەرىكىتىنى بىردەك قىلمىغاندا، ئۇنداقتا بۇ ئىرادە قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ. باشقۇرغۇچى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىجرا قىلغاندا، ئاندىن ئۈنۈمى بولىدۇ. پۈتۈن خىزمەتچى خادىملارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، بۇ پەقەت شىركەتنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى يەنە تېخى شەخىسنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى، ئوخشاشلا بۇلارنىڭ ھەممىسى خىزمەتچىلەرنىڭ ۋوسىن پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىشى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر پۈتۈن خىزمەتچىلەر سىزگە ئىشەنچ ھاسىل قىلسا، ئاندىن شۇنداق قىلالايدۇ، بىراق سىز چوقۇم مۇشۇ تەرەپنى قىلالىسىڭىز بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا سىز باشقۇرغان كارخانا ھەر تەرەپتىن چەكسىز بولغان مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيدۇ.
#p#
بىرىنچى نىزام: چوقۇم ھەر بىر ئادەمنى ھۆرمەتلەش
ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ بۇ نىزامغا خىلاپلىق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئاز بولغاندىمۇ ھېچكىم ئۆزىنىڭ باشقىلارنى ھۆرمەت قىلمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.
مەيلى تارىختىكى نۇرغۇنلىغان مەدەنىيەت ياكى دىننىي قائىدە بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە باشتىن ئاخىر باشقىلارنى ھۆرمەتلەش تەكىتلىنىپ كەلگەن. گەرچە ھەممە ئادەم بۇ ئىدىيەگە قايىل بولسىمۇ، لېكىن بۇنى شىركەتنىڭ نىزامىغا ئېلىپ كىرگەنلەر ناھايىتى ئاز، ئۇنىڭغا رىئايە قىلىشنى ئېيتىش تېخىمۇ تەس. ئەلۋەتتە IBM پەقەتلا كىشىنىڭ ھوقۇقىنى ھۆرمەتلەش ۋە كىشىنى ھۆرمەتلەشنى تەكىتلەيدىغان شىركەت ئەمەس، بىراق ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق شىركەت بۇنداق تەلتۆكۈس قىلىپ باقمىغان.
ۋوسىن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، شىركەت ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى مەبلەغ ياكى بايلىق ۋە ياكى باشقا نەرسە ئەمەس، بەلكى خىزمەتچى خادىم، IBM شىركىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ، ئىزچىل ھەرىكەتلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ھەر بىر ئادەم شىركەتكە ئوخشاشماسلىقنى ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ئادەم مۇشۇ شىركەتنىڭ بىر  ئايرىلماس تەركىبى قىسىمى، شىركەت سىناق قىلىپ كىچىك شىركەتتە كەيپىياتنى يارىتىدۇ.
تارماق شىركەت كىچىك تىپتىكى قۇرغۇچىنى مەڭگۈ ساقلاپ قالىدۇ، شىركەت ئىزچىل مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر باشقۇرغۇچى يىگىرمە خىزمەتچىنى باشقۇرۇش ئۈنۈمىگە يېتىدۇ دەپ قارايدۇ. ھەر بىر  باشقۇرغۇچى خىزمەت نەتىجىسى باھالاش ئۆلچىمىنى چۈشىنىشى، شۇنداقلا ھەر بىر خىزمەتچىنى توختىماي رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك. ئەلا نەتىجە قازانغان خىزمەتچى ماختاشقا، يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. IBM شىركىتىدە ھەرگىزمۇ ئۆزلىكىدىن ئۆستۈرۈلىدىغان ۋە مائاش تەڭشىلىدىغان ئىش يوق.
ئۆسۈش ۋە مائاش ئۆزىنىڭ خىزمەت نەتىجىسىگە تايىنىدۇ. شىركەتكە يېڭى كىرگەن خىزمەتچى بازارغا ۋاكالەتچىلىك قىلالىسا ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئالغان مائاشى بىر كۆپ يىل خىزمەت قىلغان خىزمەتچىدىن كۆپ بولۇش مۇمكىن. ھەر بىر خىزمەتچىنىڭ شىركەتكە قوشقان تۆھپىسى ئاخىرقى نەتىجە ئارقىلىق ئۆلچىنىپ مائاش بېكىتىلىدۇ، ھەرگىزمۇ تارىخىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىگە قارىمايدۇ. ئالاھىدە ئىپادە كۆرسەتكەن خىزمەتچى بولسا، ئالاھىدە ھەققە ئېرىشىدۇ.
#p#
IBM قۇرۇلغاندىن بېرى، شىركەت بىر مۇكەممەل بولغان ئىختىساسلىقلار باشقۇرۇش ئەنئەنىسى يۈرگۈزگەن، بۇ ھازىرغىچە ئۆزگەرمىگەن. 40 تۈمەندىن ئارتۇق خىزمەتچىگە ئىگە بولغان شىركەت ئۆتمۈشتىكى پەقەت يۈز نەچچە خىزمەتچى بار بولغان ۋاقتى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش. ھەر قانداق بىر ئىقتىدارى بار خىزمەتچى بىر ئەھمىيەتكە ئىگە خىزمەتنى قىلىدۇ. 50 نەچچە يىلىدىن بېرى، ھەر قانداق بىر مۇنتىزىم خىزمەتچى خادىم قىسقارتىش سەۋەبىدىن بىر سائەتلىك خىزمەت ۋاقتىنى يوقاتقان ئەمەس. IBM شىركىتىمۇ ئوخشاشلا ھەر خىل ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ باققان، بىراق IBM ناھايىتى ياخشى پىلانلاش ئارقىلىق خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئىشسىز بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.
بەلكىم IBM مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئۇسۇلى قايتىدىن تەربىيەلەشتۇر. ھەرگىزمۇ يېڭى خادىم تەكلىپ قىلىش ئەمەس. مەسىلەن 1969-يىلىدىن 1972-يىلغىچە ئىقتىساد كاساتچىلىقىدا، IBM 1.2 تۈمەن خىزمەتچىگە ئىگە ئىدى، ئىقتساد كاساتچىلىقى تۈپەيلىدىن ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى، تەجرىبىخانا، باش بۆلۈم ئۇلارنى ئېھتىياجلىق ئورۇنغا تەرتىپكە سېلىپ ئورۇنلاشتۇردى. 5000 نەچچە خىزمەتچى قايتا تەربىيەلىنىپ سېتىش خىزمىتى، ئەسلىھە رېمۇنت قىلىش، مەمۇرىي خىزمەت ۋە كارخانا پىلانلاش قاتارلىق خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان. كۆپلىگەن خىزمەتچىلەر مۇشۇ قېتىملىق تەرتىپكە سېلىنىش ئارقىلىق ئۆزى رازى بولغان خىزمەتكە ئورنىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئىقتىدارى بار خىزمەتچىلەرگە ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىدىغان خىزمەت بېرىلىدۇ. ئۇلار ئۆيىگە قايتقاندا، قانداق قىممەتكە ئىگە ئىش قىلغانلىقىنى ئېسىگە ئالىدۇ. ئۇلار خىزمەت قىلغاندا شىركەتنىڭ ئۇلارغا بولغان غەمخورلۇقىنى تولۇق ھېس قىلالايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شىركەت ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشنى خالايدۇ. IBM شىركىتى خىزمەتچىلەرنى ئۆستۈرگەندە ئەزەلدىن شىركەت ئىچىدىن خادىم تاللايدۇ. ئەگەر بىر بوش ئورۇن بولسا سىرتتىكى ئادەمنى قويۇشقا توغرا كەلسە، ئۇنداقتا بۇ شىركەتتىكى خىزمەتچى ئۈچۈن بىر زەربە بولۇپ، ئۇنى قاتتىق ئازاب ۋە چۈشكۈنلۈككە ئۇچرىتىدۇ.
IBM شىركىتى نۇرغۇنلىغان ئۇسۇل ئارقىلىق ھەر بىر خىزمەتچىنىڭ شىركەتنى ئوخشاش بولمىغان ھالەتكە ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، نىيۇيوركتىكى IBM شىركىتىنىڭ  ھەر بىر ئىشخانا، ھەر بىر ئۈستەل ئورۇندۇقىدا ھېچقانداق خەت يېزىلمىغان، تازىلىق ئۆيدىمۇ شۇنداق «باشلىق ئىشلىتىدۇ» دېگەن سۆز يوق، ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىمۇ باشلىق ئۈچۈن ئالاھىدە ئورۇن بېكىتىلمىگەن، باشلىق ئۈچۈن ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان تاماقخانا يوق، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ناھايىتى دېموكراتىك مۇھىت بولۇپ، ھەر ئادەم ئوخشاش بولغان ھۆرمەتكە ئېرىشەلەيدۇ.
#p#
IBM شىركەت باشقۇرغۇچى خادىملىرى ھەر قانداق شىركەت خادىمىنى چوقۇم ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن ۋاقىتتا خىزمەتچىلەر ھەر بىر خېرىدارنى ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، يەنى ئوخشاش ساھەدىكى رىقابەتچى بولسىمۇ ئوخشاش ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، شىركەت ھەرىكەت نىزامىدا «ھەر قانداق بىر IBM خىزمەتچىسىنىڭ ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن رىقابەتىچسىنى چۈشۈرۈشىگە ۋە كۆزگە ئىلماسلىقىغا يول قويۇلمايدۇ.» دەپ بەلگىلىگەن. ساتىدىغىنى مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى، مۇلازىمەت پوزىتسىيەسى، ئۆز مەھسۇلاتىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى چۈشەندۈرۈش، ھەرگىزمۇ باشقا مەھسۇلاتنىڭ ئاجىزلىقىغا زەربە بەرمەسلىك كېرەك.
 
ئىككىنچى نىزام: ئىمكانقەدەر خېرىدارغا ئەڭ ياخشى مۇلازىمەتنى بېرىش
چوڭ توماس ۋوسىن IBM مۇلازىمىتىنى دۇنيادىكى بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكۈزمەكچى بولغان، بۇ پەقەت ئۆزى باشقۇرغان شىركەتتىلا ئەمەس بەلكى ھەر بىر IBM ساتقۇچى خادىمىمۇ مۇشۇ نىزامغا بويسۇنۇشى كېرەك دەپ قارىغان. ئۇ ئالاھىدە بۇيرۇق قىلىپ IBM نى "خېرىدار ھەممىدىن ئەلا" دېگەن شىركەت قىلىپ چىقماقچى بولغان، يەنى IBM نىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى خېرىدار ئېھتىياجىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن، IBM شىركەت خىزمەتچىلىرى "خىزمەت چۈشەندۈرۈلۈشى" ئىچىدە خېرىدارنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان، كەلگۈسىدە مۇمكىن بولغان خېرىدار ئۈچۈن ئەڭ ئەلا مۇلازىمەت تەمىنلەش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.
خېرىدارغا ئۆزىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، مەيلى خېرىدارنىڭ قانداق مەسىلىسى بولسۇن، چوقۇم 24 سائەت ئىچىدە ھەل قىلغان، ئەگەر دەرھال ھەل قىلغىلى بولمىسا، ناھايىتى مۇكەممەل بولغان بىر جاۋابنى بەرگەن، ئەگەر خېرىدار تېلېفون بېرىپ مۇلازىمەت تەلەپ قىلسا، ئادەتتە 1 سائەت ئىچىدە ئادەم ئەۋەتىپ مۇلازىمەت قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇتەخەسسىسلەر مەخسۇس تېلېفون يېنىدا تۇرۇپ مۇلازىمەت قىلغان ياكى يۇمشاق دېتال تەرەپتىكى  مەسىلىنى ھەل قىلغان، شۇنداقلا تېلېفون ھەققىنى شىركەت ئۆز ئۈستىگە ئالغان.
#p#
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تېلېگراف ياكى مەخسۇس خادىم ئارقىلىق پارچە ماتېرىيال ئەۋەتىپ مۇلازىمەت قىلىپ، مۇلازىمەت دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. IBM شىركىتى يەنە ھەر بىر IBM يېڭى ماتېرىيالنى چوقۇم ئالدىنقىسىدىن ياخشى قىلىپ، شۇنداقلا بازاردىكى ئوخشاش ساھە باشقا مەھسۇلاتتىن ياخشى قىلىپ ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى قىلغان. 
مۇلازىمەت سۈپىتى شىركەت تەربىيەسى ۋە مائارىپى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ، بۇ تەرەپتە، IBM ئاللىبۇرۇن پۈتۈن دۇنيادىكى تەۋەلىكىدىكى شىركەتكە كۆپلىگەن مەبلەغ سېلىپ، تەربىيەلەش ۋە مائارىپ مۇلازىمىتىنى ئېلىپ بارغان، بۇنى ھەرقانداق بىر شىركەت بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.
ئىشىنىمىزكى IBM تەربىيەلەش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ۋاقىت ۋە مەبلەغ ھەر قانداق ئۇنىۋېسىتېتنىڭ دەرس ۋاقتىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.
ھەر يىلى، ھەر بىر IBM باشقۇرغۇچىسى 40 سائەت تەربىيەلىنىش دەرسىنى قوبۇل قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۆزى تۇرغان شىركەتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شىركەت ئىچىدە باشقىلارنى تەربىيەلەيدۇ. بەزىدە ھەتتا خېرىدارنى تەكلىپ قىلىپ ۋاقىتلىق دەرس ئۆتىدۇ. تىجارەت قىلغان ھەر قانداق كارخانا، چوقۇم كونا خېرىدارنىڭ قايتا-قايتا كېلىشى بىلەن ئاندىن ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر خېرىدارغا چوقۇم ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. ئەڭ ئەلا مۇلازىمەتنى خېرىدارغا بېرىپ ئۇنىڭ قايتا كېلىشىگە ئېرىشكەندە ئاندىن ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ.
 
ئۈچىنچى نىزام: چوقۇم ئەڭ ئەلا بولغان خىزمەت ئىپادىسىنى بىلدۈرۈش
ھەر قانداق شەيئى ئەڭ مۇكەممەللىكنى قوغلىشىدۇ، مەيلى مەھسۇلات بولسۇن ياكى مۇلازىمەت ھەممىسى مۇكەممەللىكنى ساقلايدۇ، ئەلۋەتتە مەڭگۈلۈك مۇكەممەللىككە يېتىش ئۈچۈن نىشاننى تۆۋەنلىتىشكە بولمايدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا پىلاننىڭ ھەممىسى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شىركەت قۇرۇلغاندىن تارتىپ خىزمەت ئېھتىياج تەلىپىنى قاندۇرۇپ، ۋاقىتلىق بازار تەكشۈرۈپ ئەلا بولغان مۇلازىمەت سۈپىتىنى تىكلىگەن.
#p#
شىركەت خىزمەتچى تاللاش پىلانىدىن باشلاپ ئەلالاشتۈرۈش ئۆلچىمىگە دىققەت قىلغان، IBM شىركىتى پۈتۈن دۆلەتتىكى ئەڭ ئىلغار ئالىي مەكتەپتىكى ئەڭ ئەلا ئوقۇغۇچىنى تاللاشنى قارار قىلىپ، ئۇلارغا شىركەتنىڭ زىچلىق دەرىجىدىكى تەربىيەلەش دەرسلىكىنى ئۆتۈپ، ياخشى بولغان تەربىيەلەش ئۈنۈمىگە ئېرىشكەن، كېيىنكى خىزمەت ئىپادىسىدە ئەلا بولغان ئۆلچەمگە يېتىش ئۇلارغا بېرىلگەن بىرخىل بۇرچ بولۇپ، ئۇلار چوقۇم نىشانغا يېتىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ.
IBM بولسا يۇقىرى دەرىجىدىكى رىقابەت مۇھىتى ئاستىدىكى شىركەت، ئۇ ياراتقان مۇھىت، يۇقىرى رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولغان شىركەت مۇھىتىنى يارىتىدۇ. ئۇ ياراتقان مۇھىت ئارقىلىق ئەلا بولغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ چىقىدۇ. IBM شىركىتىدە، ئوخشاش قاراردىكىلەر رىقابەتلىشىپ ياخشى بولغان خىزمەت نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ، يەنە داۋاملىق تەربىيەلەشنى كۈچەيتىدۇ، چۈنكى ھەر بىر ئادەم ئۆزىدىن قانائەتلىنىپ قالسا بولمايدۇ، چوقۇم تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك. ھەر بىر ئادەم ھەر قانداق قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئىشنى چوقۇم قىلالايدۇ. بۇ خىل پوزىتسىيە ھەقىقەتەن كىشىنى روھلاندۇرىدۇ.
كىچىك توماس ۋوسىن مۇنداق دەيدۇ: «ھەر بىر شىركەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھاياتىنى ساقلاپ قېلىپ شۇنداقلا مۇۋەپپەقىيەت قازانماقچى بولغاندا چوقۇم بىر يۈرۈش تولۇق بولغان نىزام تۈزۈپ چىقىشى، ئۇنىڭغا پۈتۈن خىزمەتچىلەر رىئايە قىلىشى كېرەك، بىراق ئەڭ مۇھىم بولغىنى كۆپچىلىكىنىڭ مۇشۇ نىزامغا نىسبەتەن ئىشەنچ تۇرغۇزۇشىدۇر.»
كارخانا ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت جەريانىدا، شىركەتنىڭ ھەر قانداق تىجارەت ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. بەزىدە ئادرېسى ئۆزگىرىدۇ، بەزىدە ئادەم ئۆزگىرىدۇ، بەزىدە مەھسۇلات ئۆزگىرىدۇ. بەزىدە شىركەت ئىسمى ئۆزگىرىدۇ. دۇنيادىكى ئىشلار مۇشۇنداق ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ھەر قانداق شىركەتتە، ئەگەر بىر ئادەم يىلتىز تارتماقچى بولىدىكەن، چوقۇم مۇئەييەن ماسلىشىش ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك. تېخنىكا يۇقىرى سۈرئەتتە ئىلگىرىلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە تەبئىي مۇھىت ئۆزگىرىشى ناھايىتى تېز،  ئەگەر بازارشۇناسلىق پىلانى ئۆزگىرىشچان بولمىغاندا، شىركەتنى ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىن.
#p#
سىز ئالغا ئىلگىرىلىمىسڭىز، ئۇنداقتا ئارقىغا چېكىنىسىز، بىر ئورنىدا توختاپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس. ھەر قانداق بىر تەرەققىي قىلغان شىركەتتە، بىردىن بىر ئۆزگەرمەيدىغىنى "پىرىنسىپ". مەيلى بۇ "پىرىنسىپ" مەزمۇنى قانداق بولسۇن، شىركەت ئۈچۈن مەڭگۈ يول باشلىغۇچى چىراغ بولىدۇ. ئەلۋەتتە شىركەت ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئېلاستىكىلىقىنى ساقلاپ قېلىشى، ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈشى كېرەك، بىراق "پىرىنسىپ" ئۆزگەرسە بولمايدۇ، IBM شىركىتىنىڭ مۇشۇ ئۈچ پىرىنسىپنى ئۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن، كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى مۇقەررەر.
شىركەت ئىچىدە چوقۇم پىرىنسىپنى خىزمەتچىلەرگە يەتكۈزۈشى، IBM يېڭى خىزمەتچىلەرگە تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىشى كېرەك، بۇ تۆۋەندىكى دەرسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: شىركەت تىجارەت پەلسەپىسىنى، شىركەت تارىخ ئەنئەنىسى، شىركەت ئىرادىسى ۋە قىممەت قارىشىنى قۇرۇق سۆزلەشكە بولمايدۇ، ئۇنىڭ شىركەتتە قانداق رول ئوينىشىغا كەلسەك، ئۇ يەنە بىر ئىش. شىركەتتە قۇرۇق گەپ قىلىش پايدىسىز، ئەڭ مۇھىمى: پىلان يۈرگۈزۈش، ھەرىكەت قىلىش، ئەمەلىي ئىجرا قىلىش؛ ئۈنۈمنى ئۆلچەش، مۇكاپاتلاشقا كۆڭۈل بۆلۈش، ئىرادىسىنى ئىپادىلەش.
IBM گە يېڭىدىن كىرگەن ساتقۇچى مەيلى ئىشخانا ياكى سىرتتىكى كەسىپتە بولسۇن، ھەممىسىدە شىركەت پىرنىسپىغا رىئايە قىلىشى كېرەك. ئۇلار IBM پىرىنسىپىنىڭ "ھەر ئادەمنى ھۆرمەتلەش" دېگەن پىرىنسىپىنى بىلىدۇ. ئۇلار شىركەتكە كىرگەندە باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قىلغان مۇئامىلىسىدىن مۇشۇ پىرىنسىپنى تونۇپ يېتىدۇ، پەقەت ئۇلاردا مەسىلە كۆرۈلسە، مەيلى قانچە ئالدىراش بولسۇن ئۇلار كېلىپ ياردەم قىلىدۇ.
ئۇلار شىركەت خادىمىنىڭ خېرىدارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى كۆرىدۇ، يەنە خېرىدارنىڭ بازار ۋەكىلى ۋە سىستېما ئىنژېنېرى شۇنداقلا مۇلازىمەتچىگە بولغان ماختىشىنى ئاڭلايدۇ. ئۇلار ئەتراپتىكى مۇھىت ئادەمنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردە ئۆزىگە خاس بولغان ئەلا نەتىجىنى يارىتىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى