خىزمەتچى ئەمگەك ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلسا، مۇقىم مۇددەتسىز ئەمگەك توختامىنىمۇ بىكار قىلسا بولامدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
خىزمەتچى ئەمگەك ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلسا، مۇقىم مۇددەتسىز ئەمگەك توختامىنىمۇ بىكار قىلسا بولامدۇ؟
جاۋاب: بەزى خىزمەتچىلەر «مۇقىم مۇددەتسىز ئەمگەك توختامى» تۈزۈۋالغانلىق «بىخەتەرلىك ساندۇقى»غا كىرىۋالغانلىق بىلەن باراۋەر، ئىدارە ھېچقانداق سەۋەب بىلەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلالمايدۇ، ياستۇقنى ئېگىز قىرلاپ پېنسىيەگە چىققىچە خاتىرجەم ئىشلىسەم بولىدىغان بولدى دەپ قارايدۇ، بۇ بىر خاتا قاراش.
«ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ، بۇ ئەلۋەتتە مۇقىم مۇددەتسىز ئەمگەك توختامىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، «مۇقىم مۇددەتسىز ئەمگەك توختامى» تۈزۈۋالغان خىزمەتچىلەرمۇ ئىدارىسىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىشى كېرەك. ئىدارىنىڭ قائىدە-تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلغان ھامان، ئىدارە ئوخشاشلا مۇقىم مۇددەتسىز ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىۋېتەلەيدۇ.