تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش دۇچ كەلگەن خىرىس
يانفوندا كۆرۈش
بېشى «تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى» بۇ يەردە!
تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش دۇچ كەلگەن خىرىس
تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش دۇچ كەلگەن خىرىس ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى تۆت R. يەنى Right product—توغرا مەھسۇلات، Right place—توغرا جاي، Right time—توغرا ۋاقىت، Right price — توغرا باھا. بۇلار تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش يەتمەكچى بولغان نىشان. ئىلگىرى ئامېرىكىدا مۇنداق بىر ستاتىستىكا قىلىنغان ئىكەن: سودا سارايغايغا بارغان كىشىلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى سېتىۋالماقچى بولغان نەرسىسىنى سېتىۋالالمايدىكەن. چۈنكى نۇرغۇن زاۋۇت كارخانىلار خېرىدار ئېھتىياجلىق بولغان مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارمايدىكەن.
2000-يىلى ئامېرىكا پېنسىۋېينىيە ئۇنۋېرسىتېتنىڭ بىر پروفېسسورى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى پىرامىدا شەكلى ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پىرامىدانىڭ بىرىنچى تەرىپى توغرا سانلىق مەلۇمات بولۇشنى، ئىككىنچى تەرىپى ئامبار باشقۇرۇشنى، ئۈچىنچى تەرىپى بازار ئەھۋالىنى ئالدىدىن پەرەز قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بازار ئەھۋالىنى ئالدىدىن پەرەز قىلىش كىشىلەر تەرىپىدىن سەل قارىلىپ كېلىۋاتىدۇ. لېكىن نۇرغۇنلىغان تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ياخشى باشقۇرۇلماسلىقى دەل بازار ئەھۋالىنى توغرا پەرەز قىلالمىغانلىقتىن بولغان. تۆتىنچى تەرەپ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ سۈرئىتىنى، يەنى مال زاكاس قىلىش تالونى تاپشۇرۇۋېلىش سۈرئىتى، ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتى، سېتىۋېلىش سۈرئىتى، مال ئوبوروت سۈرئىتى، يەنە مۇلازىمەت قىلىش سۈرئىتى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.