كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسى
ۋاقتى: 2016-01-09
ئاۋاتلىقى: 768 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسى
كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسى دېگىنىمىز كارخانا مەدەنىيىتى سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى ئامىللار ئوتتۇرىسىدىكى ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپى، مۇھىملىق دەرىجىسى ۋە بىرىكىش شەكلى، كارخانا مەدەنىيىتى قۇرۇلمىسى كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ تۈزۈلۈشى، شەكىللىنىشى، قاتلاملىرى، مەزمۇنى، تۈرى قاتارلىقلارنىڭ نىسبەت مۇناسىۋىتى ۋە ئورۇن مۇناسىۋىتى. بۇ ھەرقايسى ئامىللار قانداق بىرىكىپ، كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ ئومۇمىي شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ دېگەندىن دېرەك بېرىدۇ. يەنى كارخانا ماددىي مەدەنىيىتى، كارخانا يۈرۈش-تۇرۇش مەدەنىيىتى، كارخانا تۈزۈم مەدەنىيىتى، كارخانا مەنىۋىي مەدەنىيىتى قاتارلىقلار.
كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ ئۈچ چوڭ قۇرۇلما ئامىلى
كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ ئۈچ چوڭ قۇرۇلما ئامىلى: كارخانا ماددىي مەدەنىيەت ئامىلى، كارخانا تۈزۈم مەدەنىيەت ئامىلى، كارخانا مەنىۋىي مەدەنىيەت ئامىلى.
كارخانا مەدەنىيىتى نەزەرىيەسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ مۇقەررەرلىكى
كارخانا مەدەنىيىتى نەزەرىيەسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىكى بار:
1. ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى ئىشخانا قوراللىرى مەسىلەن ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە قوللىنىلىشى، كارخانىنىڭ كۈندىلىك باشقۇرۇش ئۆلچىمىگە يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئەمگەك قورالىنىڭ ئۆزگىرىشى ئىدىيە قاراشنىڭ يېڭىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.
2. ئەمگەك جەريانىدا كىشىنىڭ ئەقلىي ئامىلى ئىگەللەيدىغان نىسبەت ئۆرلىدى، ئەقلىي ئەمگەك قىلىدىغانلارنىڭ سانى كۆپەيدى. شۇنىڭغا ماس ھالدا، كارخانا باشقۇرغۇچىلارمۇ بۇ يۇقىرى ساپالىق خىزمەتچىلەرنى ماشىنا ئادەم قاتارىدا كۆرمەستىن، بەلكى ئۇلارنى ھېسسىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن ھۆرمەت قىلىدىغان بولدى.
3. ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىنىڭ قانائەت قىلىش دەرىجىسىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، كارخانا چوقۇم بۇ يېڭى ئەھۋالغا ماسلىشىشى ۋە شۇنىڭغا ماس ھالدا ھازىرقى زامان كىشىلىرىگە ماس كېلىدىغان باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. بۇ نۇقتىنىڭ «جەمئىيەت ئادىمى»نىڭ باشقۇرۇش ساھەسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەن ئوخشاش ئەمەلىيەت ئاساسى بار.
4. رىقابەت كەسكىنلەشتى، كارخانا رىقابەتتە ئۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن، ئەمگەك ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاكتىپچانلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئۆتتى. كارخانا چوقۇم ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان قىممەت قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. مەسىلەن، يېڭىلىق يارىتىش، مۇلازىمەت، ئىناۋەت قاتارلىقلار.
5. كارخانا كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشى، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر، ھەتتا دۆلەت تەۋەلىكى ئوخشاش بولمىغان، ئوخشاشمىغان مىللەتتىكى كىشىلەر بىر شىركەتتە، ئوخشاش ئىدىيە ۋە ئوخشاش قاراش بويىچە ئىش قىلىشقا توغرا كەلدى.