ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

زاۋاللىققا يۈزلەنگەن 10 چوڭ IT شىركىتى

زاۋاللىققا يۈزلەنگەن 10 چوڭ IT شىركىتى

ۋاقتى: 2016-03-11 ئاۋاتلىقى: 455 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

زاۋاللىققا يۈزلەنگەن 10 چوڭ IT شىركىتى: نوكىيا، مىكروسوفت ۋە موتورولامۇ ئىچىدە
 
بۈگۈنكى پەن-تېخنىكا ساھەسىنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولماقتا. مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت ھەر كۈنى يېڭىلىنىپ تۇرماقتا. بەزى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى تەدرىجىي ھالدا دەۋرنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە يېتىشەلمىگەنلىكتىن، ئىستېمالچىلارنىڭ بۈگۈنكى پەن-تېخنىكا ئېھتىياجىنى قاندۇرالماي، سەپتىن چۈشۈپ قالماقتا. مەسىلەن: نوكىيا (NOKIA) شىركىتى. ئەمما يەنە بەزى شىركەتلەر كەسكىن رىقابەتكە ۋاقتىدا ماسلاشقانلىقى ئۈچۈن تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولماقتا، مەسىلەن: سامسۇڭ (SAMSUNG) شىركىتى، ئالما (Apple) شىركىتى.
 
بۈگۈنكى كۈندە، چەتئەل ئاخباراتلىرى باھالاپ چىققان زاۋاللىققا يۈزلەنگەن 10 چوڭ IT شىركەتلىرى ۋۇجۇدقا كەلدى. تۆۋەندە پەن-تېخنىكا ساھەىدىكى تېز سۈرئەتلىك تەرەققىيات قەدىمىگە ماسلىشالماي تەدرىجىي ھالدا سەپتىن چۈشۈپ قالغان IT شىركەتلىرىنىڭ زادى قايسى شىركەتلەر ئىكەنلىكىگە قاراپ باقايلى:
 
نوكىيا شىركىتى
ھەممىمىز بىلىمىز، ئۆتمۈشتە، نوكىيا شىركىتى ئۆتمۈشتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يانفون ئەسلىھەلىرىنى ياسايدىغان شىركەت بولۇپ، ھەر يىلى زور مىقداردا پايدا ئالاتتى. ھەمما ھازىرغا كەلگەندە بولسا ئۇنىڭ ئورنىنى سامسۇڭ شىركىتى ئېلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يانفون ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەت بولۇپ قالدى. ھازىر، نوكىيانىڭ كونا ياڭزىدىكى تېلېفونى Lumia ئاساسى جەھەتتىن نەزەردىن قالدى. يېڭى ياڭزىدىكى Windows Phone 8 Lumia بولسا ئەمدىلا بازارغا چىقتى، ئۇنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ قانداق بولۇشى ۋاقىتنىڭ سىنقىدىن ئۆتۈشكە مۇھتاج.
ئەلۋەتتە، نوكىيانىڭ ھازىرقى يېڭى گۈللەنگەن بازاردىكى ئىپاسىدىنى يامان ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ Windows Phone 8 غا تايىنىپ يەنە باش كۆتۈرەلەمدۇ يوق، ھازىرچە بۇنىڭغا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ.
#p#
RIM شىركىتى
ئىلگىرى RIM شىركىتىمۇ بىر باشلامچىلىق ئورۇندا تۇرىۋاتقان ئەقلىي ئىدراكلىق يانفون ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەت ئىدى، ئەمما 2007-يىلى ئالما تېلېفونى (iPhone) بازارغا چىققاندىن كېيىن، ئەھۋالدا زور ئۆزگىرىش بولدى. ھازىر RIM نىڭ مەھسۇلاتى ئاساسەن ئىستېمالچىلار تەرىپىدىن نەزەرگە ئېلىنمايدىغان ھالەت شەكىللەندى. چۈنكى RIM يەنىلا ئۆز مەھسۇلاتلىرىدا فىزىكىلىق كۇنۇپكا تاختىسى، كىچىك ئېكران ۋە ئۆلچەملىك يۇمشاق دېتال ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرىۋاتىدۇ.
ئەگەر BlackBerry 10 مۇ RIM نىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلمىسە، ئۇ ھالدا RIM تامامەن زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشى مۇمكىن.
 
ياخۇ (Yahoo) شىركىتى
بۈگۈنكى كۈندىكى ياخۇ ئىنتېرنىت ساھەسىدە بىر ئۆتكۈنچى باسقۇچتا تۇرىۋاتىدۇ. مەزكۇر شىركەت ئۆزى تەتقىق قىلىپ چىققان ئىزدەش ماتورى ئاللىبۇرۇن ۋاقتى ئۆتكەن مەھسۇلاتقا ئايلىنىپ، ئاللىبۇرۇن مىكروسوفتنىڭ Bing بۇنىڭ ئورنىغا چىقتى. ئۇنىڭدىن باشقا ياخۇنىڭ ئېلان مۇلازىمىتىمۇ گۇگۇل (Google)نىڭ زور ئارقىسىدا قالدى.
ئەگەر Marissa Mayer قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، ئاخىرغىچە ئېلىشىپ، بىرەر چوڭ ئىسلاھات ئېلىپ بارمىسا، ياخۇنىڭ شانلىق نەتىجە ياراتقان دەۋرىگە قايتىشى ناھايىتى قىيىن.
#p#
مىكروسوفت شىركىتى
گەرچە مىكروسوفت ھەر يىلى Office ،Windows ،Xbox 360 قاتارلىقلارغا تايىنىپ زور مىقداردا پايدا ئالسىمۇ، ئەمما مەزكۇر شىركەتنىڭ ئىستېمالچىلارنى ھەقىقىي جەلپ قىلىدىغان مەھسۇلاتى كەمچىل. 
ھازىر، مىكروسوفتنىڭ تاختا كومپيۇتېر بازىرى ۋە ئەقلى ئىدراكلىق يانفون بازىرىدىكى ئىپادىسى ئانچە ياخشى ئەمەس. Android ۋە iOS نىڭ خېلىلا كەينىدە قالدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، مىكروسوفتنىڭ ئىشلىرى ئىنتېرنىت جەھەتتە ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمايۋاتىدۇ. ئۇ گۇگۇل ۋە باشقا رىقابەتچىلىرىنىڭ خېلىلا كەينىدە قالدى.
ئەگەر مىكروسوفت ئىستېمالچىلارنى ھەقىقىي جەلپ قىلىدىغان مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىمىسە، ئۇنىڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئورنى كۈنسېرى چۈشۈپ كېتىدۇ.
 
Cisco شىركىتى
ئىلگىرى Cisco شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ جەلپ قىلماقچى بولغان ئىستېمالچىلار توپى «بويتاقلار (宅男宅女)» بولۇپ، ئىزچىل ھالدا تېلېۋىزور ئۈچۈن سىنئالغۇ ئىشلەپچىقىراتتى. ئەمما ھازىر Cisco زېھنىنى يادرولۇق تور ۋە ئالاقە ئىشلىرىغا قارىتىۋاتىدۇ. لېكىن، ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، Cisco كۈنسېرى كۈچلۈك بولىۋاتقان رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقالامدۇ يوق؟ بۇ يەنىلا بىر نامەلۇم ساندۇر.
#p#
Barnes & Noble شىركىتى
ئامازۇننىڭ Kindle ۋە Kindle Fire مەھسۇلاتىغا جەڭ ئېلان قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان Barnes & Noble ئېلېكترونلۇق ئوقۇغۇچ ۋە تاختا كومپيۇتېر بازىرىغا قوشۇلدى. ئەمما ناھايىتى ئېنىقكى، Barnes & Noble ھەرگىزمۇ ئامازۇننىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. 
Barnes & Noble غا سېلىشتۇرغاندا، ئامازۇن تېخىمۇ ئەۋزەل بولغان مەھسۇلات، ئىلغار بازارشۇناسلىق ئىستراتېگىيە ۋە كۈچلۈك تەشۋىقات سۇپىسى Amazon.com غا ئىگە.
 
Sony شىركىتى
ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا، سونىينىڭ ئىچكى قىسمىدا ئېغىر دەرىجىدە داۋالغۇش يۈز بەردى. مەسىلەن: شىركەتنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تېلېۋىزىيە بۆلۈمىنىڭ مەغلۇب بولۇشى، كۆچمە كەسىپىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، يېڭى باش ئىجرائىيە رەھبىرى Kazuo Hirai نىڭ كۆپلىگەن يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىلىرىنى ئىشتىن بوشىتىۋېتىشى قاتارلىقلار.
Kazuo Hirai زور كۆلەمدە خادىم قىسقارتىش ئارقىلىق، شىركەتنىڭ تەننەرخىنى تىجەپ قالغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە كۆچمە تېلېفون، رەقەملىك سۈرەت ھاسىل قىلىش ۋە ئويۇن جەھەتتىكى ئىستراتېگىيەسى سونىي شىركىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق دەپ قارايدۇ. ئەمما Kazuo Hirai نىڭ بۇ ئىستراتېگىيەلىك قارارى زادى توغرىمۇ يوق؟ بۇ بىزگە تېخى نامەلۇم.
#p#
Panasonic شىركىتى
Panasonic شىركىتىدە 88 بۆلۈم بار، بۇنىڭ ئىچىدە تەڭ يېرىمى ئەڭ ئاز بولغاندا %5 كىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن سىرت، يەنە %20 ى ئىزچىل زىيان تارتىش ھالىتىدە تۇرىۋاتىدۇ. بۇ يىل 5-ئايدا، Panasonic شىركىتى بىراقلا 36 مىڭ خادىمنى قىسقارتقان بولۇپ، كېلەر يىلى 3-ئايغىچە يەنە 10 مىڭ خادىمنى قىسقارتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ئەمما ئادەمنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، گەرچە شۇنچە چوڭ قايتا تەشكىللەشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولسىمۇ، ئەمما سېتىش كەسپىي ئىزچىل يادرولۇق كەسىپ بولمايۋاتىدۇ. Panasonic نىڭ كەلگۈسى ئانچە ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن.
 
Sharp شىركىتى
Sharp شىركىتى يەنە بىر دەۋرنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە ماسلىشالمىغان ياپونىيە شىركىتىدۇر. ھازىر Sharp نىڭ نۇرغۇنلىغان يادرولۇق كەسپى مەسىلەن: تېببىي-ساغلاملىق كەسىپى ۋە سۈرەت ھاسىل قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شىددەت بىلەن چۈشىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تېلېۋىزور كەسپىمۇ دېگەندەك ياخشى بولمايۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، Sharp شىركىتىنىڭ قەرز مەسىلىسىمۇ بىر قەدەر ئېغىر بولماقتا.
 
موتورولا (MOTO Motorola) شىركىتى 
ئەگەر گۇگۇل 12 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ موتورولا كۆچمىسىنى سېتىۋالمىغان بولسا، موتورولا بەلكىم ئاللىبۇرۇن تاقالغان بولاتتى. گەرچە موتورولانىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاشقى لايىھەلىنىشى چىرايلىق بولسىمۇ، ئەمما ئىستېمالچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلالمايۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە موتورولادا سامسۇڭغا ئوخشاش بازاردا بىراقلا ئۇتۇق قازنىدىغان مەخپىي رېتسىپ كەمچىل.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى