ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىركەتنىڭ قۇدرىتى: شىركەتكە بولغان تونۇش

شىركەتنىڭ قۇدرىتى: شىركەتكە بولغان تونۇش

ۋاقتى: 2016-07-26 ئاۋاتلىقى: 854 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەزكۇر يازمىنىڭ بېشى بۇ يەردە!
خاتىمە

 ۋاشىنگىتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكا كارخانا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى مەرى ۋېيدىنبوم (Morce Welden boum) مۇنداق دەيدۇ: «تەشكىللەنگەن سودا پائالىيىتى بولمىغان بولسا، بىزنىڭ ھازىرقى زامانىۋى جەمئىيىتىمىزمۇ بولمىغان بولاتتى.»
(«شىركەتنىڭ قۇدرىتى»، 1-قىسىم)
 ئەنگىلىيە «ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى ئادرنيان مۇنداق دەيدۇ: «مەن شۇنداق قارايمەنكى، شىركەت دۇنيا تارىخىدىكى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەن ئورگانلارنىڭ بىرى، نۇرغۇن پەيلاسوپلار، ئەدىبلەر، مۇتەپەككۇرلار پارتىيە، دۆلەت ياكى دىننى ھازىرقى زامان جەمئىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن دېيىشكەن، ئەمما مېنىڭچە ھازىرقى زامان جەمئىيىتىنى ھەقىقىي تۈردە بەرپا قىلغۇچى بولسا پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىدۇر.»
(يۇقىرىقى مەنبە)

 «شىركەتلەر ئامېرىكىنى ياراتقان دېيىش سەل مۇبالىغە بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئومۇمىي كۈچى ئامېرىكىدىكى بەش مىليون بەش يۈز مىڭ شىركەت ئۈستىگە قۇرۇلغان.»
(يۇقىرىقى مەنبە)
 نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن روبېرت موندال (Robert Mondole) مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە تارىخىي نۇقتىدىن قارىغاندا، كارخانىچىلار ئاز دېگەندىمۇ سىياسىي داھىيلار بىلەن ئوخشاش مۇھىم، ئەنە شۇ بۈيۈك كارخانىچىلار ياۋروپانى كۈچلۈك قىلغانىدى.»
(يۇقىرىقى مەنبە)
 نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مايكىل سىپتسېر مۇنداق دەيدۇ: «بىز تېخى بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان بىر ئورگان تاپالمىدۇق.»
(يۇقىرىقى مەنبە)
 توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشىناسلىق پىروفېسسورى يىتىڭ يۇەنجۇڭ (伊藤元重) مۇنداق دەيدۇ: «ئىقتىسادنىڭ يەرشالىشىش مۇساپىسىدە شىركەتنىڭ رولى بارغانسېرى مۇھىملاشماقتا، كۆپ كۈچلۈك شىركەتلىرى بولۇش-بولماسلىق بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىگە چىتىلىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى.»
(يۇقىرىقى مەنبە)
#p#
 توغرا، مانا بۇلار شىركەتنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئورنى، مۇھىملىقىنى بىزگە كۆرسىتىپ بېرىدىغان سۆزلەر، ھەممىسى شىركەتنىڭ ھازىر بىزنىڭ رېئاللىقىمىزدا ئوينايدىغان تەڭداشسىز رولى، ئىگە بولغان غايەت زور قۇدرىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ تۇرۇپتۇ. ھازىرمۇ بىز دۇنيادىن ئۆزى قۇدرەتلىك، ئەمما شىركەتلىرى تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرنى تاپالمايمىز.
 مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ، يەنىلا تولىمۇ سوغۇققانلىق بىلەن، شىركەتكە نەزەر سېلىشىمىز لازىم. خۇددى باشقا نۇرغۇن كەشپىياتلاردەك شىركەتمۇ ئوخشاشلا قوش ياقلىمىلىققا ئىگە، ئەنە شۇنداق تەسىرى، پايدىسى بولۇش بىلەن بىرگە ئوخشاشلا ئۇنىڭ ئەپكىلىدىغان ئاپىتىمۇ تەڭ بار. تارىختا شەرقىي ھىندىستان شىركىتىدەك بىر دۆلەتنى ئىشغال قىلىۋالغان شىركەتلەرمۇ ئۆتتى، سەنلۇ شىركىتىدەك سۈت پاراشۇكىغا زەھەر (مىلامىن ـــ ئۆي زىننەتلەش ماتېرىيالى ياساشقا ئىشلىتىدىغان ماددا) قوشۇپ ئادەم ئۆلتۈرىدىغان شىركەتلەرمۇ چىقتى، دورا شىركەتلىرىنىڭ ساختا دورا ياساش سەۋەبىدىن ئادەم ئۆلۈشىدەك ۋەقەلەرمۇ چىقتى. ھەتتا ئەنە شۇ شىركەتلەر تۈپەيلىدىن ھازىرقىدەك مىسلى كۆرۈلمىگەن پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىمۇ پارتلىدى. ھازىر يەنە نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار، مۇتەخەسسىسلەر دەرىجىدىن تاشقىرى شىركەتلەرنىڭ كۈچىنىڭ ھەددىدىن زىيادە زورىيىپ كېتىپ ئاخىرقى ھېسابتا دۆلەتنىڭ ئورنىنى ئېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. مورگان 1907-يىلىدىكى ئامېرىكىدا پارتلىغان ئىقتىسادىي كىرىزستىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بەرگەندە، ئامېرىكا بىلىم ساھەسىدە شۇنداق ئەندىشىلەر بولغانىدى، ئۇلار بىر شەخسنىڭ مۇنداق قۇدرەتلىك بولۇپ كېتىشى دىموكراتىيە تۈزۈمىمىزگە تەھدىت دەپ قارىغانىدى، كېيىن دېگەندەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەخسۇس قارار ماقۇللاپ مورگان ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتنى بىر نەچچىگە پارچىلىۋەتتى. جون روكفېللېرمۇ مۇشۇنداق تەقدىرگە دۇچار بولدى. ئۇنىڭ نېفىت شىركىتىمۇ بىر نەچچىگە بۆلۈۋېتىلدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە بىر شىركەتنىڭ مەلۇم ساھەدە مۇتلەق مونوپوللۇققا ئۆتۈۋېلىشى بازاردىكى ئەركىن رىقابەتنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتاتتى.
 خوش، مەيلى شىركەتلەر ئىنسانلارغا ئەنە شۇنداق غايەت زور بايلىق ياراتسۇن ياكى ئۇلارغا تەھدىت، ۋەھىمە پەيدا قىلسۇن، ئۇ ھازىر ئاللىقاچان بۈگۈنكى دۇنيانىڭ، سىزنىڭ، مېنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ ئاجرالماس بىر قىسمىغا ئايلىىنىپ كەتتى. ماشىنىدا قاتناش ھادىسىسى بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن بىز ماشىنا ئىشلەتمەسلىكنى تەشەببۇس قىلمايمىز، دوختۇرخانىدا داۋالاش سەۋەنلىكى بىلەن بىر ئادەم ئۆلۈپ قالسا، دوختۇرخانا يوقالسۇن دەپ شوئار توۋلاشنىڭ ئورنى يوق. خۇددى شۇنىڭدەك، شىركەتمۇ شۇنداق. مەيلى كىشىلەر خالىسۇن، خالىمىسۇن شىركەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ. بىزنىڭ تاللىشىمىز پەقەت بۇ بار مەۋجۇتلۇقتىن قانداق قىلىپ ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆزىمىزگە پايدىلىق قىممەت يارىتىشتىن ئىبارەت. شىركەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەسىلىلەرگە نىسبەتەن تۇتۇلىدىغان پوزىتسىيە خۇددى نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتى ساھىبى جوسىف سىتگلىتىز ئېيتقاندەك: «مەسىلە بىزنىڭ شىركەتكە موھتاج ياكى ئەمەسلىكىمىزدە ئەمەس، بەلكى شىركەتنى قانداق قانۇن رامكىسىنىڭ چەكلەپ تۇرۇشىدا.» بولۇشى ئاقىلانىلىق.
 شىركەت تېمىسى بەكلا چوڭ تېما، ئەمما نۆۋەتتە سەل قارالسا بىزگە چوقۇم زىيان ئەپكېلىدىغان تېما، مېنىڭچە كارخانىچىلارنىڭ شىركەتنىڭ قۇدرىتى، تەسىر كۈچى ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچە ھاسىل قىلىشى ئۇلارنىڭ ئۆزى قۇرغان، باشقۇرۇۋاتقان شىركەتنىڭ زادى قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى، بىر كارخانىچى بولۇشنىڭ زادى نېمىلەردىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشىگە مەلۇم دەرىجىدە ياردەم بېرەلەيدۇ. قىلغان ئىشىمىزنى بىلىپ قىلىش، ئۆگىنىپ قىلىش مۇقەررەركى بىزگە غايەت زور نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭلاشقا مەن بۇ ماقالىدە پەقەت شىركەت ئىگە بولىدىغان كۈچ-تەسىر ھەققىدىلا توختالدىم، شىركەت ھەققىدە دېيىلىشكە تېگىشلىك گەپلەر بەك جىق، مەن مۇشۇ ساھەدىكى كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ شىركەت تېمىسىنى ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىشنى، كارخانىچىلىرىمىزغا، شىركەت قۇرماقچى بولغانلارغا ئىلمىي يول كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى