ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تۈركچە بىلىدىغانلار ئۈچۈن خىزمەت پۇرسىتى

تۈركچە بىلىدىغانلار ئۈچۈن خىزمەت پۇرسىتى

ۋاقتى: 2016-03-24 ئاۋاتلىقى: 593 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

خاربىن ئېلېكترىك ماشىنىسازلىق چەكلىك شىركەتىگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
 
ۋەزىپىسى:
ئاساسلىقى چەتئەلدىكى ھەمكارلاشقان شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىش؛ ئۇنىڭدىن باشقا، مەبلەغ سېلىنغان ۋە كۆتۈرە ئېلىنغان تۈرلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە خەت-چەكلەرنى تەرجىمە قىلىش؛ چەتئەلدىكى ھەمكارلاشقان شىركەتلەر، مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە مۈشتىرلەر بىلەن ئالاقىلىشىش؛ 
 
خىزمەت ئورنى:
خاربىن شەھرى 
تەلەپ: 
1. تۈرك تىلى، ئېنگلىز تىلى ۋە خەنزۇ تىلى بىلىشى ۋە بۇ تىللاردا راۋان ئالاقىلىشالايدىغان، خەت-چەك يازالايدىغان بولۇشى كېرەك؛ بۇ تىللاردا ئالغان دەرىجە كېنىشكىسى ياكى ئىمتىھان كېنىشكىسى بولسا تېخى ياخشى. 
2. ئالىي مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە بولۇشى كېرەك؛ 
3. كەسىپ چەكلىمىسى يوق؛ 
4. كومپيۇتېر يېزىق بىرتەرەپ قىلىش پىروگراممىلىرىغا پىششىق بولۇشى كېرەك؛ 
5. كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ماھىر بولۇشى كېرەك؛ 
6. تەن سالامەتلىكى ياخشى بولۇشى كېرەك؛ 
7. خىزمەت تەجرىبىسى بولسا تېخى ياخشى (ئاغزاكى ۋە يېزىقچە تەرجىمانلىقمۇ خىزمەت تەجربىسى ھېسابلانسا بولىدۇ)؛ 
 
تىزىملاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئالاقىلىشىشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن يان تېلېفون نۇمۇرىڭىزنىمۇ يېزىپ قويۇڭ. 
تىزىملاتقۇچىلار ئېنگلىزچە ئۆلچەملىك يېزىلغان قىسقىچە تەرجىمىھالىنى تۆۋەندىكى ئېلخەت ئادرېسىغا ئەۋەتىشى كېرەك؛ 
 
ئېلخەت:
harbinhec@gmail.com 
 
شىركەت ئەھۋالىنى تۆۋەندىكى تور بىكەتتىن كۆرەلەيسىز. 
http://www.hec-china.com 
تونۇش-بىلىشلىرىڭلارغا خەۋەر بېرىپ قويۇڭلار، ئىش ئىزدەۋەتقانلار ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى