قانداق ئەھۋاللاردا ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
قانداق ئەھۋاللاردا ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ؟
جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 42-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئەمگەكچىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرەرسى كۆرۈلسە، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن مۇشۇ قانۇننىڭ 40-، 41-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ:
1. كەسپىي كېسەل خەتىرى بار خىزمەت بىلەن ئۇچراشقان ئەمگەكچى خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇنقى كەسپىي سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئېلىپ بارمىغان بولسا، ياكى كەسپىي كېسىلى بار دەپ گۇمان قىلىنىپ دىئاگنوز قويۇش ياكى كەسپىي كۆزىتىش مۇددىتى ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بولسا؛
2. مۇشۇ ئىدارىدە كەسپىي كېسەل بولۇپ قېلىپ ياكى خىزمەت سەۋەبلىك يارىلىنىپ، ئەمگەك ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقاتقان دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلسە؛
3. كېسەل بولۇپ قېلىپ ياكى خىزمەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز سەۋەب بىلەن يارىلىنىپ داۋالىنىش مۇددىتى ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بولسا؛
4. ئايا خىزمەتچى ھامىلدارلىق، تۇغۇت، ئېمىتىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولسا؛
5. مۇشۇ ئىدارىدە ئۇدا ئىشلىگەن ۋاقتى 15 يىلغا توشقان ۋە شۇنداقلا قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا بەش يىل قالمىغان بولسا؛
6. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.