ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

"مايمۇن"نىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە ئۇنى بېقىش

"مايمۇن"نىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە ئۇنى بېقىش

ۋاقتى: 2015-12-04 ئاۋاتلىقى: 490 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەزكۇر يازمىنىڭ بېشى بۇ يەردە!
يۇقىرىدىكى "مايمۇن" بىلەن ۋەزىپە تەقسىملەش ۋە كونترول قىلىش ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشىتىش مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، بىز دىرېكتورنىڭ كۆرۈشۈش ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن پايدىلانساق بولىدۇ. دىرېكتورنىڭ كۆرۈشۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇشى "مايمۇننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە ئۇنى بېقىش" باشقۇرۇش سەنئىتىدىكى 5 قاتتىق پىرىنسىپ (بۇ پىرىنسىپقا خىلاپلىق قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئەركىن ئورۇنلاشتۇرىدىغان ۋاقتىدىن مەھرۇم قالىدۇ.) نى قوللىنىش كېرەك.


بىرىنچى پىرىنسىپ: "مايمۇن" ياكى بېقىلىشى كېرەك، ياكى ئۆلتۈرۈۋېتىلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇلار ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن دىرېكتور نۇرغۇن قىممەتلىك ۋاقتىنى جەسەت تەكشۈرۈش ياكى ئۇلارنى قايتا ھاياتقا ئىگە قىلىشقا ئۇرۇنۇشقا سەرپ قىلىۋېتىدۇ.
ئىككىنچى پىرىنسىپ: "مايمۇن"نىڭ ئەڭ كۆپ سانى چوقۇم دىرېكتورنىڭ ئۇلارنى بېقىشقا ۋاقتى يېتىشىدىغان ئەڭ چوڭ چەك ئىچىدە كونترول قىلىنىشى كېرەك. قول ئاستىدىكىلەر ئىمكان بار ۋاقىت چىقىرىپ "مايمۇن" بېقىشى، ئەمما بۇ چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك. بىر نورمال ھالەتتىكى "مايمۇن"نى بېقىش ۋاقتى 5 مىنۇتتىن 15 مىنۇتقىچە بولۇشى، ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
ئۈچىنچى پىرىنسىپ: "مايمۇن" نى پەقەت پۈتۈشۈپ قويغان ۋاقىت ئىچىدە بېقىش كېرەك. دىرېكتور ھەرگىزمۇ تۆت ئەتراپتىن ئاچ قورساق "مايمۇن"نى ئىزدىمەسلىكى، بىرنى تۇتسا بىرنى باقالايدىغان بولۇشى كېرەك.
#p#
تۆتىنچى پىرىنسىپ: "مايمۇن" چوقۇم يۈزمۇ يۈز ياكى تېلېفون ئارقىلىق بېقىلىشى، ھەرگىزمۇ ئېلخەت ياكى ھۆججەت ئارقىلىق بېقىلىش باسقۇچلىرىنى كۆپەيتىۋەتمەسلىك كېرەك.
بەشىنچى پىرىنسىپ: چوقۇم ھەر بىر "مايمۇن"نى كېلەر قېتىم باقىدىغان ۋاقىتنى ئېنىق بەلگىلەش كېرەك. بۇ جەھەتتە ھەر قانداق ۋاقىتتا ئىككى تەرەپ ۋاقىتنى ئۆزلىرى كېلىشىپ ئۆزگەرتسە بولىدۇ. ئەمما ئېنىق بولماسلىقىدىن ساقلىنىش كېرەك. بولمىسا، "مايمۇن" بىر بولسا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالىدۇ، بىر بولسا ئەڭ ئاخىرى دىرېكتورنىڭ زىممىسىگە چىقىۋالىدۇ.

«خىزمەت ۋاقتى ۋە مەزمۇنى»نى كونترول قىلىش ۋاقىت باشقۇرۇشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق تەكلىپتۇر. دىرېكتورغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ۋەزىپىنىڭ مۇھىمى «قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ۋاقىت شەرتى»نى يوقىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «ئەركىن ئورۇنلاشتۇرۇش ۋاقتى»نى كۆپەيتىشتۇر؛ ئۇنىڭدىن قالسا، بۇ ھېلىلا بايقىغان ئەركىن ئورۇنلاشتۇرۇش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئاكتىپچانلىق بىلەن ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتۇر؛ ئەڭ ئاخىرىدا، دىرېكتور يەنە بىر قىسىم كۆپەيتىلگەن ئەركىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ «خوجايىننىڭ ۋاقىت شەرتى» ۋە «شىركەتنىڭ ۋاقىت شەرتى» نى كونترول قىلىشى كېرەك.
يۇقىرىقى باسقۇچلارنىڭ ھەممىسى دىرېكتورنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنىڭ ۋاقىت باشقۇرۇشقا سەرپ قىلغان ھەر بىر سائەت ۋاقتىنىڭ قىممىتىنى ھەر قانداق نەزەرىيە چەكلىمىسى بولمىغان ھەسسىلەپ ئاشۇرۇشىغا ياردىمى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى