ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىرنىڭ باشقۇرۇش ئىلمى، سەرخىللارنىڭ سەرخىلى!

شىرنىڭ باشقۇرۇش ئىلمى، سەرخىللارنىڭ سەرخىلى!

ۋاقتى: 2016-03-21 ئاۋاتلىقى: 527 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 كارخانا باشقۇرۇشنىڭ سەرخىل دەرسلىك ماتېرىيالى: شىرنىڭ باشقۇرۇش ئىلمى، سەرخىللارنىڭ سەرخىلى!

 

شىر بىر يىلپىزنى 10 بۆرىنى باشقۇرۇشقا ۋە ئۇلارغا يېمەكلىك تارقىتىشقا ساپتۇ.


يىلپىز گۆشنى ئالغاندىن كېيىن، گۆشنى ئوخشاش 11 پارچىگە بۆلۈپ، ئۆزى بىر پارچىنى ئېلىپ قېلىپ، قالغان 10 پارچىسىنى بۆرىلەرگە بېرىپتۇ. بۇ 10 بۆرىنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە تەگكەن گۆشنى ئاز ھېس قىلىپ، بىرلىشىپ يىلپىزغا قارشى چىقىپتۇ.


گەرچە بىر بۆرىنىڭ يىلپىزغا كۈچى يەتمىسىمۇ، لېكىن 10 بۆرىگە يىلپىز يېتىشىپ بولالماپتۇ. يىلپىز سالپايغان ھالدا شىرنىڭ يېنىغا بېرىپ ئىستىپا بەرمەكچى بوپتۇ.

 

شىر مېنىڭكىنى بىر كۆرگىن دەپتۇ. شىر گۆشنى 11 پارچىگە بۆلۈپتۇ، ھەربىر پارچىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشىمايدىكەن، ئۆزى ئەڭ چوڭ بىر پارچىسىنى تاللىۋېلىپ ئاندىن مەغرۇر ھالدا باشقا بۆرىلەرگە: سىلەر ئۆزۈڭلار بۇ گۆشلەرنى قانداق بۆلۈشۈشنى مۇزاكىرە قىلىپ بېقىڭلار دەپتۇ.


چوڭراق گۆشنى تالىشىش ئۈچۈن، بۆرە توپى قايناپ كېتىپتۇ، ۋەيشىيلەرچە بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىپتۇ، ئۆزىنىڭ تەڭ بۆلۈنگەن بىر پارچە گۆشكىمۇ ئېرىشەلمىگىنى بىلەن كارى بولماپتۇ. يىلپىز قايىل بولغان ھالدا شىردىن، «بۇ قانداق ئامال؟» دەپ سوراپتۇ.


شىر مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ، «ئىنسانلارنىڭ ئۈنۈم مائاشىنى ئاڭلاپ باققانمۇ» دەپتۇ......


ئىككىنچى كۈنى شىر يەنىلا گۆشنى 11 پارچىگە بۆلۈپتۇ، لېكىن ئۆزى 2 پارچىنى ئېلىۋېلىپ، ئاندىن مەغرۇر ھالدا باشقا بۆرىلەرگە: سىلەر ئۆزۈڭلار بۇ گۆشلەرنى قانداق بۆلۈشۈشنى مۇزاكىرە قىلىپ بېقىڭلار دەپتۇ.


 

10 بۆرە 9 پارچە گۆشنى كۆرۈپ، ئۇچقاندەك كېلىپ تالىشىشقا باشلاپتۇ، بىر چىشلەم گۆش، بىر چىشلەم سابىق ھەمراھىنى يەپتۇ، تاكى ئاخىر بىر ئاجىز بۆرە يەرگە يىقىلىپ ئۆلەر ھالەتكە كېلىپ قالغىچە شۇنداق قىپتۇ. يىلپىز قايىل بولغان ھالدا شىردىن «بۇ قانداق ئامال؟» دەپ سوراپتۇ.


شىر مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ «‹ئاخىرقىسىنى شاللاش ئۇسۇلى›نى ئاڭلاپ باققانمۇ؟» دەپتۇ......


ئۈچىنچى كۈنى، شىر گۆشنى 2 پارچىگە بۆلۈپ، ئۆزى 1 پارچىنى ئېلىۋاپتۇ، ئاندىن مەغرۇر ھالدا باشقا بۆرىلەرگە: سىلەر ئۆزۈڭلار بۇ گۆشلەرنى قانداق بۆلۈشۈشنى مۇزاكىرە قىلىپ بېقىڭلار دەپتۇ.

 

بۆرىلەر تالىشىشقا باشلاپتۇ، ئەڭ ئاخىرىدا بىر ئەڭ كۈچلۈك بۆرە بارلىق بۆرىلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، كۆرەڭلىگەن ھالدا ئۆزىنىڭ ئولجىسىنى يېيىشكە باشلاپتۇ. بۇ بۆرە تويغاندىن كېيىن ئاندىن باشقا بۆرىلەرنىڭ كېلىپ يېيىشىگە رۇخسەت قىپتۇ، بۇ بۆرىلەر ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە ئايلىنىپ، ھۆرمەت بىلەن ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇپ، تەرتىپ بويىچە ئۇنىڭدىن ئاشقان تاماقنى يەيدىغان بوپتۇ.

 

شۇنىڭدىن كېيىن شىر پەقەت بىرلا بۆرىنى باشقۇرسا، پەقەت ئۇنىڭغىلا يېمەكلىك بۆلۈپ بەرسە بولىدىغان بوپتۇ، باشقىلىرىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى قالماپتۇ. يىلپىز قايىل بولغان ھالدا شىردىن «بۇ قانداق ئامال؟» دەپ سوراپتۇ.


شىر مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ، «رىقابەت بىلەن خىزمەتكە ئورۇنلىشىشنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟» دەپتۇ.


تۆتىنچى كۈنى شىر گۆشنى 5 پارچىگە بۆلۈپ ئۆزى 3 پارچىنى ئېلىۋېلىپ، ئاندىن 1 پارچىنى 9 پارچىگە بۆلۈپ، بۆرىلەرگە: ھەربىرىڭلار بىر پارچىدىن ئېلىڭلار، مەن سىلەرنى كۆزدىن كەچۈرىمەن، ئەڭ ئاخىرىدا ئەڭ مۇنەۋۋەر بولغىنىڭلار ئاۋۇ ئەڭ چوڭ گۆشكە ئارتۇق ئېرىشىدۇ دەپتۇ. ئاندىن بۆرە توپى تېز سۈرئەتتە ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان گۆش پارچىسىنى ئېلىپ، ھەربىرى ئويلىنىپتۇ، بەزى بۆرىلەر ئۆزىگە تەگكەن گۆشنىڭ بىر قىسمىنى شىرغا بېرىپتۇ، بىر بۆرە گۆشىنىڭ ھەممىسىنى شىرغا بېرىپ، مۇنەۋۋەر خىزمەتچى مۇكاپاتى ـــ شۇ بىر پارچە چوڭ گۆشكە ئېرىشىپتۇ.


شىر پۈتۈن گۆشنىڭ %80گە ئېرىشىپتۇ. يىلپىز قايىل بولغىنىدىن شىرغا توققۇز تەزىم قىلىپ، شىردىن «بۇ قانداق تەدبىر؟» دەپ سوراپتۇ. شىر مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ، «ئەمەلدارلىق قائىدىسىنى ئاڭلىغانمۇ؟» دەپتۇ......


ئەڭ ئاخىرقى كۈنى، شىر گۆشنىڭ ھەممىسىنى ئېلىۋېلىپ، بۆرىلەرنى ئوت يېيىشكە بۇيرۇپتۇ. بۇرۇنقى رىقابەت سەۋەبلىك بۆرە توپىنىڭ ئۇرۇشقىدەك ماغدۇرى قالمىغاچقا، ئىتائەت قىلىشقا مەجبۇر بوپتۇ. يىلپىز قايىل بولغان ھالدا شىردىن: «بۇ قانداق ئامال؟» دەپ سوراپتۇ.


شىر مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ، «ئىناق جەمئىيەت دەپ ئاڭلاپ باققانمۇ؟» دەپتۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى