ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بىل. گايتىسنىڭ تۇرمۇش قاراشلىرى

بىل. گايتىسنىڭ تۇرمۇش قاراشلىرى

ۋاقتى: 2014-04-21 ئاۋاتلىقى: 427 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «بىل. گايتىسنىڭ شەخسى ئارخىپى» بۇ يەردە!

 

 بىل. گايتىسنىڭ تۇرمۇش قاراشلىرى


. مەن تولىمۇ تەلەيلىك، كىچىك ۋاقتىمدىلا ئۆزۈم قىزىقىدىغان نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىم. 
. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن چىغىمدا 30 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن مىليونېرغا ئايلىنىشىم مۇمكىن دەپ ئېيتقانىدىم، دەرۋەقە شۇنداق قىلالىدىم.
. قىزىقمايدىغان ئىشنى بىر ئۆمۈر قىلماسلىق كېرەك. قىزىقمايدىغان ئىشقا ۋاقىت سەرپ قىلماسلىق كېرەك.
. مەركىزى نۇقتىنى ساقلاش بولسا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ھالقىسىدۇر. سەن ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنىڭ قابىلىيەت دائىرەڭنى، ئۆزۈڭ ئەڭ ياقتۇرۇپ قىلدىغان ئىشنى چۈشنىشىڭ، ئاندىن بارلىق زېھنىڭنى ۋە ۋاقتىڭنى مەركەزلىك ھالدا شۇ ئىشقا سەرپ قىلشىڭ كېرەك.
. دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى خزمەت بولسىمۇ، ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن خىزمەتكە ھەرگىز تېگىشمەيمەن.
. ئەگەر سەن تۇرمۇشۇڭغا، خىزمىتىڭگە يېڭىلىق يارىتىش پوزىتسىيەسى بىلەن مۇئامىلە قىلالىساڭ، تۇرمۇشۇڭ، خىزمىتىڭ تولىمۇ مەنىلىك، قىزىقارلىق ئۆتىدۇ.
. ئادەمنىڭ ھاياتى بىرمەيدان يالقۇنجاپ كۆيۈۋاتقان«گۈلخان»دۇر، بىر ئادەمنىڭ بارلىق قىلالايدىغىنى ھەم قىلماقچى بولغىنى، پۈتۈن كۈچى بىلەن «گۈلخان» ئىچىدىن نېمىنى قۇتقۇزۇپ چىقالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
. مەن پۇلى بار كىشىنى ھەر قانداق تەرەپنىڭ ھەممىسىدە يۇقىرى شۆھرەتكە ئېرىشەلەيدۇ-دەپ قارىمايمەن.
. مىكروسوفتنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمى:  ھەم تېخنىكا بىلىدىغان، ھەم سودا قىلىشنى بىلىدىغان ئەقىللىق ئادەم بولۇشتۇر.
. ئەگەر سەن تىرىشىپ خىزمەت قىلىشنى، جىددىيلىكنى ساقلاشنى، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرستىشنى خالىمىساڭ، ئۇنداقتا مىكروسوفت سەن خىزمەت قىلىدىغان ئورۇن ئەمەس.
. مەغلۇبىيەت ھەر قاچان مەۋجۇد، بىز مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك.
. مەغلۇبىيەتتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، پەقەت ئاخىرىغىچە قەتئىي داۋاملاشتۇرغاندىلا، ھەمىشە ئويلاپ يەتمىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشىشمىز مۇمكىن.
. بىزتېز مەغلۇپ بولۇشنى قوبۇل قىلشىمىز كېرەككى، ئاستا-ئاستا مەغلۇپ بولماسلىقمىز كېرەك، ئەڭ قوبۇل قىلمايدىغىنىمىز بولسا مەغلۇبىيەت بولماسلىقتۇر. ئەگەر بىر ئادەم ئەزەلدىن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ باقمىغان بولسا، بۇ ئۇ ئادەمنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، قىلچىلىك كۈچ ماغدۇرىنىڭ يوقلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
. مەغلۇبىيەتنىڭ نەتىجىسى بولسا، باشقا مۇمكىنچىلىكنى سىناپ بېقىشقا ئۇرۇنۇشتۇر، مەغلۇبىيەت ئارقىلىق سەن كۆپىنچە ۋاقىتتا ئۆزۈڭ رازى بولغۇدەك باشقا بىر خىل ئۇسۇلنى، باشقا بىر خىل ھەل قىلىش چارىسنى  تېپىپ چىقالايسەن. تېزلىكتە مەغلۇپ بولۇش-سېنىڭ تېزلىكتە يەنە بىر خىل مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىنى تاپقانلىقىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، ھەل قىلماقچى بولغان مەسلىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىۋەتمەيدۇ.
. مۇۋەپپەقىيەت يولىدا چۈشنىشكە بولدىغان مەغلۇبىيەت(ئەخمەقلىقتىن سىرتقى)نى جازالىماستىن، مۇۋەپپەقىيەت ئورنىدا  دوكلات قىلىشىمىز كېرەك.
. سەن كۆپ قېتىم مەغلۇپ بولۇشنى باشتىن كەچۈرۈش بىلەن بىرگە، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىسەن. مۇۋەپپەقىيەت، مۇۋەپپەقىيەتكە تۆلىگەن بەدەلدىن ئون نەچچە ھەسسە چوڭ بولىدۇ.
. مۇۋەپپەقىيەت، «ئەقىللىق ئادەم مەڭگۈ مەغلۇپ بولمايدۇ» دەپ تەلىم بېرىدىغان قوڭالتاق تەلىماتچىغا ئوخشايدۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ بىزنى كەلگۈسىگە يېتەكلەيدىغان ئىشەنچىلىك يول ئەمەس.
. مېنىڭ نىشانىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغان شىركەتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى يېڭلىيالايدىغانلىقىنى ھەمدە دەۋرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالدىدا ماڭلايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشتىن ئىبارەت.

---------------------------------

داۋامى ھەر كۈنى بىر تېما شەكلىدە يوللىنىدۇ....

ئالاھىدە ئەسكەرتىش:

مەزكۇر «بىل.گايتىسنىڭ تولۇق تەرجىمىھالى» ناملىق كىتاب تەرجىمان ئەنۋەر تۇردىنىڭ ئالاھىدە رۇخسىتى بىلەن قايتا تەھرىرلىنىپ ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىدا ئېلان قىلىندى، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى