ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ ئېنىقلىمىسى

ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ ئېنىقلىمىسى

ۋاقتى: 2016-05-23 ئاۋاتلىقى: 561 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

داۋې ئۇلرىچ (Dave Ulrich) ئادەم كۈچى بايلىقى باشقۇرۇشنى ياراتقۇچى دەپ ئاتالغان، ئۇ «ئادەم كۈچى بايلىقى( Human Resource)» دېگەن ئۇقۇمنى ئەڭ دەسلەپتە ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئادەم كۈچى بايلىقى «كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش (Human Management)» دەپ ئاتالغان.
ئۇرلىك: «ھازىرقى بىردىنبىر ئېشىپ قالغان رىقابەت كۈچى بولسا بىر تەشكىلاتتۇر.  چۈنكى ئۇ بەزى ئەنئەنىۋىي ئامىل، مەسىلەن تەننەرخ، تېخنىكا، سېتىش، ياساش شۇنداقلا مەھسۇلات ئالاھىدىلىكى، ياكى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ كۆپەيتىلگەن. ئۇلار كىمنىڭ غەلىبە قىلغۇچى ئىكەنلىكىگە كاپالەت بېرەلمەيدۇ. يېڭى ئىقتىساد ئىگىلىكىدە، غەلىبە تەشكىلات (كوللېكتىپ) ئىقتىدارىدىن كېلىدۇ، ئۇ سۈرئەت، تەسىر قىلىش كۈچى، چاققانلىق، ئۆگىنىش ئىقتىدارى ۋە خادىملارنىڭ ساپاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھالبۇكى ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىنىڭ يېڭى بۇرچى بولسا تەشكىلات تەربىيەلەش ئىقتىدارىغا چېتىلىدۇ.» دەپ قارايدۇ.
ئادەم كۈچى بايلىقى بولسا مەلۇم بىر ۋاقىت ئىچىدە تەشكىلاتتىكى بارلىق كىشىنىڭ كارخانا تەرىپىدىن ئىشلىتىلىشى، شۇنداقلا قىممەت يارىتىشقا ھەسسە قوشىدىغان تەربىيە، ئىقتىدار، تېخنىكا، تەجرىبە، كۈچ قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى.
بۇ ئىزاھات تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ ماھىيىتى ئادەمدە بار بولغان ئەقىلىي كۈچ ۋە جىسمانىي كۈچنىڭ يىغىندىسى، ئومۇملاشتۇرۇپ ئەمگەك ئىقتىدارى دېيىلىدۇ.
بۇ ئىقتىدارنىڭ بايلىق يارىتىش رولى بار بولۇپ، جەمئىيەت بايلىقىغا ئايلىنىدۇ.
بۇ ئىقتىدار يەنە تەشكىلات تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدۇ، بۇ يەردىكى "تەشكىلات" چوڭ بولغاندا بىر دۆلەت ياكى رايون، يەنە كىچىك بولغاندا بىر كارخانا ياكى ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى بولۇشى مۇمكىن.
ئىقتىسادشۇناسلىق بايلىق يارىتىش ئۈچۈن مەبلەغ سالغان ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىدىن بارلىق ئامىللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ بايلىق دەپ ئاتايدۇ، يەنى ئادەم كۈچى بايلىقى، ماددىي بايلىق، مالىيە بايلىقى، ئۇچۇر بايلىقى، ۋاقىت بايلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئادەم كۈچى بايلىقى بارلىق بايلىق ئىچىدىكى ئەڭ قىممەتلىك بايلىق، يەنى بىرىنچى بايلىق.
ئادەم كۈچى بايلىقى خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئەقلىي ئەمگەك ۋە جىسمانىي ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئادەمنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى، ئۇ يەنە سان ۋە سۈپەتتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۈپەت ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ ئەڭ ئاساسىي بولۇپ، جىسمانىي كۈچ ۋە ئەقلىي كۈچنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ئىشلىتىش ئەھۋالىدا يەنە بەدەن ساپاسى، ئەقلىي كۈچ، بىلىم، ئىقتىدار قاتارلىق تۆت تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئادەم كۈچى بايلىقى بىلەن باشقا بايلىق ئوخشاشلا ئالاھىدىلىك، قوللىنشچانلىق، چەكلىك بولۇش قاتارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە.
مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ سانى ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئادەمنىڭ سانى، ئۇنىڭ سۈپىتى بولسا ئىقتىساد پائالىيىتىدىن ئادەم ئىگە بولغان ساغلاملىق، مەدەنىيەت بىلىمى ۋە ئەمگەك ئىقتىدار سەۋىيەسىدىن ئىبارەت. مەلۇم ساندىكى ئادەم كۈچى بايلىقى بولسا جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىدىكى ھەل قىلغۇچ  شەرت.
#p#
ئومۇمەن ئېيتقاندا، تولۇق بولغان ئادەم كۈچى بايلىقى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق، بىراق سان چوقۇم ماددىي بايلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن ماسلىشىشى كېرەك، ماددىي بايلىقتىن ئېشىپ كەتكەن ئىشلەپچىقىرىش، كۆپ مىقداردىكى يېڭى مەھسۇلاتنى ئىسراپ قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئېشىندى ئادەم كۈچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئامالسىز قېلىپ، جەمئىيەت ئىقتىساد تەرەققىيات ئىشلەپچىقىرىشىغا يامان تەسىر بېرىدۇ. ھازىرقى زامان تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى ئاستىدا، ئىقتىساد تەرەققىياتى ئاساسلىق ئىقتىساد پائالىيىتىدىن ئادەم ساپاسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تايىنىدۇ، ئىشلەپچىقىرىشتا ھازىرقى زامان تېخنىكىسىنىڭ كەڭ ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئادەم كۈچى بايلىق سۈپىتىنىڭ ئىقتىساد تەرەققىياتىدىكى رولى بارغانسېرى چوڭ بولماقتا.
1) ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ ماددىيلىق بولسا، مەلۇم ساندىكى ئادەم بولغاندىلا ئاندىن ئادەم كۈچى بولىدۇ؛ مەلۇم ساندىكى ئادەم كۈچى بايلىقى چوقۇم مەلۇم ساندىكى نوپۇس بولۇشنى شەرت قىلىدۇ.
2) ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ قوللىنىلىشچانلىقى بولسا، بەدەن ساپاسى، بىلىم، ئىقتىدار، خاسلىق ھەرىكىتى قاتارلىق ئالاھىدىلىك ئارقىلىق (مەسىلەن كىشىلىك قىممەت، قىممەت قارىشى)نى ئىشلىتىپ تېخىمۇ چوڭ بولغان قىممەت يارىتىشتۇر.
3) ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ چەكلىك بولۇشى بولسا، ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ سۈپەت ۋە سانى چەكلىك، پەقەت مەلۇم شارائىت ئاستىدا، ئاندىن مەلۇم كۆلەم ئۈستىدە ئىشلىتىلىدۇ.
ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ مەزمۇنىنى توغرا چۈشىنىش ۋە ئىگىلەش ئۈچۈن، ئادەم كۈچى بايلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇم نوپۇس بايلىقى، ئەمگەك كۈچى بايلىقى ۋە ئىختىسالىقلار بايلىقىنى ياخشى چۈشىنىش كېرەك. تۆۋەندىكى رەسىم بولسا نوپۇس بايلىقى، ئەمگەك كۈچى بايلىقى ۋە ئىختىسالىقلاربايلىقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى