خىزمەتچى ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ئىدارىگە زور زىيان ئېلىپ كەلسە، ئىدارە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولامدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
خىزمەتچى ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ئىدارىگە زور زىيان ئېلىپ كەلسە، ئىدارە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولامدۇ؟
جاۋاب: خىزمەتچى ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، شەخسىي مەنپەئەتكە بېرىلىپ كۆز بويامچىلىق قىلىپ، ئىدارىگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلسە، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
بۇ يەردە، ئەمگەكچىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، شەخسىي مەنپەئەتىنى كۆزلەپ كۆز بويامچىلىق قىلىپ ئىدارىگە ئېلىپ كەلگەن «ئېغىر زىيان»نى، ئىدارە قائىدە-تۈزۈملىرى ئارقىلىق يازما شەكىلدە مىقدارلاشتۇرۇشى كېرەك، مەسىلەن 10000 يۈەنگە يەتسە «ئېغىر زىيان» بولىدۇ دېگەندەك، شۇنداق قىلغاندىلا «ئېغىر زىيان»نىڭ ئۆلچىمى قىلىپ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
بولمىسا، ئەمگەكچىنىڭ باشقىچە پىكرى بولغان ھامان، مۇناسىۋەتلىك ئاساس بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، ھۆكۈم قىلغۇچىلاردا زىياننىڭ دەرىجىسىگە قارىتا ئوخشاش بولمىغان تونۇش ۋە ھۆكۈملەر بولۇپ قېلىپ، ئىدارىنىڭ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشىنىڭ ئورۇنلۇق ياكى ئەمەسلىكىگە قارىتا قىلىدىغان ھۆكۈمگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.