ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

باشقىلارنىڭ ئەيبىنى كۆرسىڭىز ھەيران قالماڭ

باشقىلارنىڭ ئەيبىنى كۆرسىڭىز ھەيران قالماڭ

ۋاقتى: 2015-04-25 ئاۋاتلىقى: 494 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى « ئاندا – ساندا شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىگەننىڭمۇ زىيىنى يوق» بۇ يەردە!

 

 باشقىلارنىڭ ئەيبىنى كۆرسىڭىز ھەيران قالماڭ

 

بەزىدە ئۆزىڭىز بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ بەزى غەلىتە مىجەزلىرىدىن ھەيران قالىسىز. بۇ غەلىتە مىجەز ئۇنىڭ تاماق يېيىش ئۇسۇلى، ئائىلە لازىمەتلىكلىرىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى، نەپەسلىنىشى، چاچ تارىشى، پۇتىنى سىلكىشى، بىر يۈەن پۇلنى ئامانەت قويۇشى، پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، سىزنىڭ بۇ ئادەم بىلەن تۇرغان ۋاقتىڭىز باشقىلاردىن كۆپ بولغاچقا، ئۇنىڭ غەلىتە مىجەزىنى قوبۇل قىلىش، ئۇنىڭ بىلەن پىششىق تونۇشۇش پۇرسىتىڭىز ۋە تەجرىبىڭىز كۆپ بولىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇنىڭدىكى غەلىتە مىجەزلەرنى قوبۇل قىلىشقا باشلايسىز – دە، روھىي كەيپىياتىڭىز توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.


ھەممەيلەن رېئاللىققا يۈزلىنەيلى! بۇ دۇنيادا ھەرقانداق ئادەمدە ئازدۇر – كۆپتۇر غەلىتە مىجەز بولىدۇ. مەندىمۇ باشقىلار بىلىپ قالسا بولمايدىغان غەلىتە مىجەزدىن بىر تاغار بار. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزگە سەمىمىي بولسىڭىز، مەن باغلىشالايمەنكى، سىزنىڭمۇ بىر تاغار غەلىتە مىجەزىڭىز چىقىدۇ. ئەگەر بۇ غەلىتە مىجەزىڭىزگە پەرۋا قىلماي يۈرسىڭىز، ئىشنىمەنكى، سىزمۇ مىجەز – خاراكتېرى ياخشى ئادەم بولغان بولىسىز، مەنمۇ شۇنداق ئادەم بولىمەن.


بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا بىزنىڭ ئادەتتىكى ئادەملەردىن بولغانلىقمىزدا. مەيلى سىز ئۆزىڭىزنىڭ غەلىتە مىجەزىڭىزگە چىداپ يالغۇز ياشاڭ (ئېھتىمال بىر قانچە قۇش بېقىۋالغانسىز) ياكى خوتۇن – بالىلىرىڭىز غەلىتە مىجەزىڭىزگە چىداپ ياشىسۇن، مېنىڭ تەكىتلەيدىغىنىم بىز ھەممەيلەن ئوخشاش. چۈنكى، ئادەملا بولىدىكەن، غەلىتە مىجەزنىڭ بولۇشى ئازراقمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئاچقۇچ بىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى كۆرگەندە ھەيران قېلىش – قالماسلىقىمىزدا.


نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزىنىڭ ياكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كىچىك مىجەزىگە بەك سەزگۈر كېلىدۇ. ئۇلار مەركىزىي نۇقتىنى مۇشۇ غەلىتە مىجەزگە مەركەزلەشتۈرىۋېلىپ، ئۇنى بالدۇرراق تۈگىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇنىڭ يېقىن دوستلىرى ئۇنىڭ مۇشۇ غەلىتە مىجەزىدىن بىئاراملىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. لېكىن، سىز قىياس قىلىپ بېقىڭ، نەتىجىسى قانداق بولار؟ ئۇلارنىڭ غەلىتە مىجەزىنى تۈگىتىش ئۈمىدى خۇددى مېنىڭ ۋىمپېر تون تور توپ مۇسابىقىسىدە ئۇتۇپ چىقىشنى ئارزۇ قىلغىنىمغا ئوخشاش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش.



دەرۋەقە، بەزى كىشىلەر بىر – ئىككى خىل غەلىتە مىجەزىنى ئاندا – ساندا تاشلىۋېتىدۇ ياكى باشقا ھەۋەسكە ئۆزگەرتىۋالىدۇ. لېكىن، بۇ ئىنتايىن ئاز ساندىكى مىسال بولۇپ، ئادەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. ئويلاپ بېقىڭ، دوستلىرىڭىزمۇ جورىڭىزدىكى بەزى غەلىتە مىجەزنىڭ ئۆزلىرىدىمۇ بارلىقىنى ئىپادىلەمدۇ – قانداق؟ ياكى دوستلىرىڭىز سىزنىڭ غەلىتە مىجەزلىرىڭىزنى ئاندا – ساندا تىلغا ئالامدۇق يوق؟


غەلىتە مىجەزگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ داۋاملىق تەنقىد قىلىش – ئارىلىشىۋېلىش ياكى يۇمۇرىستىك نۇقتىدا تۇرۇپ قاراشتىن ئىبارەت ئىككى خىللا ئۇسۇلى بار. ئومۇمەن، باشقىلارنىڭ كۈن بويى كوتۇلداشلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم يوق. غەلىتە مىجەزنى بىز ئىجاد قىلمىدۇق، ئۇ تۇغۇلىشىدىنلا بىللە پەيدا بولغان تەبىئىي ئادەت. غەلىتە مىجەزىمىز بىزگە باشقىلارنىڭمۇ بىزنىڭكىدەك غەلىتە مىجەزى بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. كىم بىلسۇن؟ سىزنىڭ غەلىتە مىجەزىڭىز قوزغالغاندا، ئۇلار دەردىڭىزنى تارتامدۇ، تېخى!


غەلىتە مىجەزنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئۇنچىۋالا مۇھىم ئەمەسلىكىنى نېمىشقا سىناپ باقمايمىز؟ سىز ئاشۇنداق ئويلىسڭىزلا، ئۆزىڭىزنى ئەڭ چوڭ غەمدىن خالاس قىلغان بولىسىز، باشقىلارنىڭ غەلىتە مىجەزىنى ئەپۇ قىلغان ۋە قوبۇل قىلغىنىڭىزدا، باشقىلارمۇ ئوخشاشلا سىزنىڭ غەلىتە مىجەزىڭىزنى قوبۇل قىلىدۇ. بۈگۈندىن باشلاڭ! ئائىلىدىكى سىزگە كاشىلا بولغان كىچىك ئىشلارنى مەيلىگە قويۇپ بېرىڭ! شۇ چاغدىلا ئىلگىرىكىدىن كۆپ خۇشال ئۆتۈۋاتقانلىقىڭىزنى ھېس قىلىسىز.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى