ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىشنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىڭ

ئىشنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىڭ

ۋاقتى: 2016-09-26 ئاۋاتلىقى: 537 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «ۋاقىت ھەممە نەرسىنى ئاجىزلىتىدۇ» بۇ يەردە!

 

ئىشنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىڭ

 

بۇ، ئىجرا قىلىش تولىمۇ قىيىن بىر تەدبىر، لېكىن مۇبادا سىز ئۇنى ئەينەن ئىجرا قىلىدىغان بولسىڭىز، كۆپ نەپ ئالىدىغانلىقىڭىزدا گەپ يوق.


ئېھتىمال دىققەت قىلمىغانسىز، ئۆيىڭىزدە بىرەر تاشقى ئامىلنىڭ تەسىرى ياكى ئالدىن بەلگىلەپ قويغان ھېچقانداق پىلانىڭىز بولمىغاندا، شۇ كۈنىڭىز ئادەتتە ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتىدۇ. ئەگەر مەلۇم پىلاننى پۈتۈن نىيەت – ئىقبالىڭىز بىلەن ئىجرا قىلماقچى بولسىڭىز، شۇ پىلاننى ئورۇنداشقا ئامال تاپالمىغانلىقىڭىز سەۋەبىدىن روھىڭىز چۈشۈپ كېتىدۇ. ئەگەر شۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلدى دېگەندىمۇ، سىز شۇ جەرياندا يولۇققان قىيىنچىلىقلار دەستىدىن ھالسىراپ، جۇلۇقىڭىز چىقىپ كېتىدۇ. دەرۋەقە، ئىجرا قىلمىسا بولمايدىغان بەزى پىلانلاردىن خالىي بولالمايسىز، بەزى نىشانلارغا يەتمىسىڭىز چوقۇم بولمايدۇ. مەن سىزنىڭ قايسى ئۇسۇل – چارىنىڭ ھەقىقىي ياردىمى تېگىدىغانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى، سىزنىڭ قەيسەرلىكىڭىز، تەلەپچانلىقىڭىز، نىشانىڭىزنىڭ بېكىتىلىشى سىزگە چۈشىدىغان بېسىمغا مەنبە بولۇپ قالىدۇ. شۇنداق بولۇپلا قالماستىن، سىز يەنە پىلاننى ئورۇنداشنى قانچە ئويلىغانسېرى، قىيىنچىلىقنىڭ شۇنچە قاتمۇقات بولۇۋاتقانلىقىنى بايقايسىز. سەۋەب شۇكى، سىزنىڭ جانسىزلىقىڭىز ئىشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىۋەتكەن. ئۇنىڭدىن كۆرە تەدبىرىڭىزنى ئۆزگەرتىپ بېقىپ، ئىشنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرگىنىڭىز تۈزۈك. بولۇپمۇ بالىلىق بولغاندا، ھەر كۈنى قانداق ئىشلارنىڭ بولۇشىنى پۈتۈنلەي بىلىپ تۇرالايسىز. ئىشنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتسىڭىز، ئاندىن ئېلاستىكىلىق ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق ئۇسۇلغا ئىگە بولالايسىز.


ئەڭ دانا ئۇسۇل — پىلاننى كۆڭۈلگە پۈكۈش. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆزىڭىزنىڭ يەتمەكچى بولغان غايىڭىزنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ئىشنى ئۆز تەرەققىياتىغا قويۇپ بەرگىنىڭىز ياخشىراق، ئاندىن پۇرسەت تېپىپ ئۆزىڭىز بېكىتكەن نىشاننى بويلاپ ئىلگىرلەڭ. مىسال ئۈچۈن ئېيتساق، سىز ئۈچ تېلېفون قايتۇرۇشنى، ئاندىن پىكاپىڭىزنى رېمونتقا ئاپىرىشنى، ئاخىرىدا تاللا بازىرىغا بېرىپ نەرسە – كېرەك سېتىۋېلىشنى پىلانلىدىڭىز، نەتىجىدە ئۆيدىن بوشىنالماي، ھېچقايسى ئىشىڭىز ئاقمىدى. بۇ چاغدا روھىڭىز چۈشۈپ خاتىرجەم بولالمىغاندىن كۆرە، سەۋر – تاقەت قىلىپ، كۆڭلىڭىزنى ئازادە تۇتقىنىڭىز ياخشى. ھەرگىز ئۆزىڭىزنى چۈشەپ قويىدىغان ھېسسىياتتا بولماڭ، مەغلۇپ بولدۇم دەيدىغان ھېسسىياتقا تېخىمۇ كەلمەڭ. ئەكسىچە، دىققىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆز ئالدىڭىزدا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئەڭ ياخشى ھالەتتە تۇرۇڭ. ئەگەر سالماق ۋە ئېلاستىك بولسىڭىز، ئالدىراقسان بولمىسىڭىز، قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزنى قىلىشقا پات ئارىدا پۇرسەت يارىتىلىپ قالسا ئەجەب ئەمەس. چۈنكى، سىز كاللىڭىزنى سەگەك تۇتقانلىقىڭىز ئۈچۈن، ھەر قانداق ۋاقىت ۋە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پىلانىڭىزنى ئىجرا قىلغان بولىسىز. شۇ كۈنى پىلانىڭىزنى ئورۇنداشقا پۇرسەت چىقىرالمىغان بولسىڭىزمۇ ئوچۇق – يورۇق روھىي ھالەت ۋە ئەسلىمىگە ئىگە بولغان بولىسىز. يىراق كەلگۈسىدىن ئېيتقاندا بۇلارنىڭ ھەممىسى «كىچىك ئىش». شۇنداق ئىكەن، بۇنداق كىچىك ئىشلارغا كاللىمىزنى قاتتۇرۇپ نېمە قىلارمىز؟!

---------------------------------------------

«ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى