ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش(3)

مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش(3)

ۋاقتى: 2016-03-17 ئاۋاتلىقى: 753 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش(2)» بۇ يەردە!

 

مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش(3)

 

2. مەھسۇلات سۈپىتىگە گۇۋاھلىق بېرىش تۈزۈمى


مەھسۇلات سۈپىتىگە گۇۋاھلىق بېرىش-خەلقئارا سەۋىيەگە ئىگە مەھسۇلات ئۆلچىمى ۋە تېخنىكا تەلىپىگە ئاساسەن، گۇۋاھلىق بەرگۈچى ئاپپاراتلارنىڭ بېكىتىشى ھەمدە گۇۋاھلىق بېرىش گۇۋاھنامىسى ۋە مەھسۇلات سۈپىتىگە گۇۋاھلىق بېرىش بەلگىسى تارقىتىپ بېرىش شەكلى ئارقىلىق مەھسۇلاتنىڭ مۇناسىپ ئۆلچەم ۋە تېخنىكا تەلىپىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.


مەھسۇلات سۈپىتىگە گۇۋاھلىق بېرىش بىخەتەرلىك گۇۋاھلىقى بىلەن لاياقەتلىك بولۇش گۇۋاھلىقىدىن ئىبارەت ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. بىخەتەرلىك گۇۋاھلىقى يولغا قويۇلغان مەھسۇلاتلار «مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى»، «ئۆلچەملەشتۈرۈش قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى شەرت. «مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى»دا: «كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى ۋە جىسمانىي مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان سانائەت مەھسۇلاتلىرى كىشىلەرنىڭ جىسمانىي سالامەتلىكىگە، جىسمانىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بويىچە دۆلەت ۋە ساھەلەر ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى شەرت» دەپ بەلگىلەنگەن؛ «ئۆلچەملەشتۈرۈش قانۇنى»دا، بىخەتەرلىك گۇۋاھلىقى يولغا قويۇلغان مەھسۇلات «ئۆلچەملەشتۈرۈش قانۇنى» دىكى مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى ئۆلچەملەرگە ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى شەرت، دەپ بەلگىلەنگەن. لاياقەتلىك بولۇش گۇۋاھلىقى يولغا ىويۇلغان مەھسۇلاتلار «ئۆلچەملەشتۈرۈش قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى شەررت. دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمى تۈزۈلمىگەن مەھسۇلاتلار جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىنغان بىخەتەرلىك، تازىلىق ئۆلچىمىنى ئاساس قىلىدۇ.


دۆلىتىمىزنىڭ «مەھسۇلات سۈپىتى گۇۋاھلىقىنى باشقۇرۇش نىزامىنى يولغا قويۇش چارىسى»، «مەھسۇلات سۈپىتىگە گۇۋاھلىق بېرىش كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇش چارىسى»، «مەھسۇلات سۈپىتىگە گۇۋاھلىق بېرىش-تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى»، «مەھسۇلات سۈپىتىگە گۇۋاھلىق بېرىش سىستېمىسىدىكى تەكشۈرگۈچى خادىملار ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئاپپاراتلىرىدىكى باھالىغۇچى خادىملارنى باشقۇرۇش چارىسى»، «مەھسۇلات سۈپىتىگە گۇۋاھلىق بېرىش گۇۋاھنامىسى ۋە گۇۋاھلىق بېرىش بەلگىسىنى باشقۇرۇش چارىسى» قاتارلىق قانۇن-قائىدە، نىزاملاردا، كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى گۇۋاھلىقىنى ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى، يەنى ئىلتىماس قىلىش، قاراپ چىقىش ۋە تەكشۈرۈش، تەستىقلاش قاتارلىق كونكرېت باسقۇچلار ئېنىق بەلگىلەنگەن. مەھسۇلات سۈپىتىگە گۇۋاھلىق بېرىش تارماقلىرى قانۇن بويىچە بەلگىلىمىدىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلارغا گۇۋاھلىق بېرىشىنى تەستىقلاپ، گۇۋاھلىق بېرىش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىدۇ ھەمدە كارخانىنىڭ شۇ مەھسۇلاتقا گۇۋاھلىق بېرىش بەلگىسىنى قوللىنىشقا ئىجازەت بېرىدۇ.



بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، مەھسۇلاتلارنىڭ خەلقئارا بازارغا كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، دۆلىتىمىزنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىگە گۇۋاھلىق بېرىش خىزمىتى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. دۆلىتىمىزنىڭ مەھسسۇلات سۈپىتىگە گۇۋاھلىق بېرىش خىزمىتىدە 1981-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ سىناق ئېلىپ بېرىلغاندىن بۇيان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگو ئېلېكترون ئاساسىي دېتاللىرى، ئېلېكترو تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى، سۈنئىي ھەمراھ يەر شارى پونكىتى ئۈسكۈنىلىرى، سېمونت مەھسۇلاتلىرى، ئاپتوموبىللارغا ئىشلىتىلىدىغان بىخەتەرلىك ئەينەكلىرى، كاۋچۇكتىن ياسالغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قېپى، دائىرە بەلگىسى، ئوت مەھسۇلاتلىرى، ئويۇنچۇق مەھسۇلاتلىرى، ئاپتوموبىل مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق سۈپەتكە گۇۋاھلىق بېرىدىغان ئون كومىتېت تەستىقلىنىپ قۇرۇلدى. 1993-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، 2420 ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىغا 4518 پارچە گۇۋاھلىق بېرىش گۇۋاھنامىسى تارقىتىلدى. ئىستېمالچىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، دۆلەت تېخنىكىغا نازارەت قىلىش ئىدارىسى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ ئون تارمىقى بىرلىشىپ، بىخەتەرلىك گۇۋاھلىقى يولغا قويۇلغان بىر قىسىم ئېلېكتىرو تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئېلىپ بېرىشنى، بىخەتەرلىك گۇۋاھلىقىدىن ئۆتمىگەن ئېلېكترو تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوبوروت قىلىنىشقا رۇخسەت قىلماسلىقنى بەلگىلىدى.

-----------------------------

«ئىقتىسادىي قانۇنشۇناسلىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى