ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىدارىدە ئۇدا ئىشلىگەن ۋاقىت 10 يىلغا توشسا مۇقىم مۇددەتسىز ئەمگەك توختامى تۈزسە بولامدۇ؟

ئىدارىدە ئۇدا ئىشلىگەن ۋاقىت 10 يىلغا توشسا مۇقىم مۇددەتسىز ئەمگەك توختامى تۈزسە بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-03-02 ئاۋاتلىقى: 529 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 ئىدارىدە ئۇدا ئىشلىگەن ۋاقىت 10 يىلغا توشسا مۇقىم مۇددەتسىز ئەمگەك توختامى تۈزسە بولامدۇ؟

 

«ئەمگەك توختام قانۇنى» ئەمگەكچىنىڭ بىر ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇندا ئۇدا ئىشلىگەن ۋاقتى ئون يىلغا توشقاندىن كېيىن، ئەمگەكچى داۋاملىق ئەمگەك توختامى تۈزۈش، ئەمگەك توختامى تۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويسا ياكى قوشۇلسا، ئەمگەكچى مۇقىم مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويمىغانلا بولسا، مۇقىم مۇددەتسىز ئەمگەك توختامى تۈزۈش كېرەك دەپ بەلگىلىگەن.

 

ئوخشاش بىر ئىدارىدە ئۇدا ئون يىلدىن ئارتۇق ئىشلەش كونكرېت ھالدا ئەمگەكچىنىڭ ئوخشاش بىر ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى ئۈزۈلۈپ قالمىغان ھالدا ئون يىلغا يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بەزى ئەمگەكچىلەر ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇندا بەش يىل ئىشلىگەندىن كېيىن، خىزمەتتىن ئايرىلىپ باشقا ئىدارىگە بېرىپ ئىككى يىل ئىشلىسە، ئاندىن يەنە بۇ ئىدارىگە قايتىپ كېلىپ بەش يىل ئىشلىسە، گەرچە ئىشلىگەن ئومۇمىي ۋاقتى ئون يىلغا يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئارىلىقتا ئۈزۈلۈپ قالغان، «بۇ ئىدارىدە ئۇدا ئىشلىگەن ۋاقتى ئون يىلغا توشۇش» شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

 

بۇنىڭدىن سىرت «ئەمگەك توختام قانۇنى» يەنە ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن تۇنجى قېتىم ئەمگەك توختام تۈزۈمىنى يولغا قويغاندا ياكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار تۈزۈم ئۆزگەرتىپ قايتىدىن ئەمگەك توختامى تۈزگەندە، ئەمگەكچىنىڭ بۇ ئىدارىدە ئۇدا ئىشلىگەن ۋاقتى ئون يىلغا توشقان بولسا ھەم قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىغا ئون يىل قالمىغان بولسا، مۇقىم مۇددەتسىز ئەمگەك توختامى تۈزسە بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى