ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

سودا ساھەسىدىكى كاتتا ئەرباب ما يۈننىڭ يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ئېيتقان سۆزى

سودا ساھەسىدىكى كاتتا ئەرباب ما يۈننىڭ يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ئېيتقان سۆزى

ۋاقتى: 2016-03-03 ئاۋاتلىقى: 776 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

سودا ساھەسىدىكى كاتتا ئەرباب ما يۈننىڭ يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ئېيتقان سۆزى

پۇرسەت ھامان تەييارلىقى بارلارغا مەنسۇپ. 1995-يىلى، ما يۈن ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولغانلىقىدىن جېجياڭ ئۆلكىلىك قاتناش نازارىتى تەرىپىدىن ئامېرىكىغا قەرز سۈيلەشكە ئەۋەتىلىپ، ئويلىمىغان يەردىن سېئاتىلدا ئىنتېرنېت بىلەن ئۇچرىشىدۇ. "پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ،  دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىش" پرىنسىپىغا ئىشەنگەن ما يۈن ئىنتېرنېتنى ئالتۇن كان بىلىپ، جۇڭگوغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن  20 مىڭ يۈەن قوزغىتىش مەبلىغى بىلەن خەيبو تورىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، جوڭگو خۇاڭيې تۈرىنى ئاچىدۇ. 
  
ما يۈن ئۆزىنىڭ گاڭگىرىغان ھالەتتە ئىگىلىك تىكلەش يولىغا قەدەم قويغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنتېرنېتنى بايقىغاندىن كېيىن، تېخنىكىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچنېمىدىن خەۋىرىم يوق ئىدى، ھازىرغا قەدەر مېنىڭ كومپيۇتېرغا بولغان چۈشەنچەم پەقەت ئېل خەت ئەۋەتىش-تاپشۇرىۋېلىش، تور بەتلىرىنى كۆرۈش بىلەنلا چەكلىنىدۇ، مەن تېخىچە كومپيۇتېردا بارماق دېسكىنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلمەيمەن. لېكىن، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئارزۇ-ئارمان. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر كەچتە خىيال قىلغاندا نۇرغۇنلىغان يوللاردا مېڭىشنى ئويلايدۇ، لېكىن ئەتىسى يەنىلا بۇرۇنقى يولىدا ماڭىدۇ. ھېچقانداق ئەمەلىي ھەرىكەت قىلمىغاندا، مەڭگۈ مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ."
 
كۆڭۈلگە بىر غايىنى پۈككەندە ئەڭ مۇھىمى ئۆزىگە بىر ۋەدە بېرىشتۇر. 1995-يىلى كۆپلىگەن كىشىلەر تېخى ئىنتېرنېتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتتى، جۇڭگو خۇاڭيېنى كەڭ كۆلەمدە بازارغا سالغان ما يۈن كىشىلەر تەرىپىدىن "ئالدامچى" دەپ ئاتىلىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ما يۈن تۇنجى قېتىم مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا چىققاندا رېژىسسور بىر مۇخبىرغا "بۇ ئادەم ياخشى ئادەمدەك قىلمايدۇ" دېگەنىكەن. ئوڭۇشسىز ئەھۋاللاردا ما يۈن ئۆز-ئۆزىنى مۇنداق ئەسكەرتكەن: " ئىنتېرنېت دېگەن كىشىلەرنىڭ كەلگۈسى 30 يىلىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان 3000 مېتىرلىق ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشكە ئوخشايدۇ، سىز چوقۇم توشقاندەك چاققان، تاشپاقىدەك چىداشچان بولۇشىڭىز كېرەك."
 
1997-يىلنىڭ ئاخىرىدا، جۇڭگو خۇاڭيې پايدا ئېلىش يولىغا قەدەم قويۇپ، يىللىق كىرىمى يەتتە مىليون بولۇشتەك مۆجىزىنى يارىتىدۇ. جۇڭگو خۇاڭيېنى ئامېرىكىنىڭ ياخۇ تورىغا ئوخشاش قىلىپ يارىتىپ چىقىش ما يۈننىڭ نىشانى ئىدى. ئەمما، خاڭجۇۋ تېلېگرافى بىلەن شېرىكلىشىشنىڭ مەغلۇب بولۇشى بۇ غايىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرغان. ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسى بولسا، ما يۈن خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىشكە ۋە بارلىق پاي چېكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان.
  
ھەر قېتىملىق زەربىگە پەقەت چىشىڭىزنى چىشلەپ  بەرداشلىق بەرسىڭىزلا، سىز چوقۇم تېخىمۇ غەيرەتلىك، كۈچلۈك بولالايسىز. ئادەتتە ئۈمىد قانچە چوڭ بولسا، ئۈمىدسىزلىكمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ، شۇڭا مەن كۈندە دېگۈدەك ئەتە چوقۇم پالاكەتكە ئۇچرايمەن دەپ ئويلايمەن، راستلا شۇنداق بولغاندا، ئانچە قورقۇپمۇ كەتمەيمەن. قاتتىق زەربىگە ئۇچراشتىن باشقا يەنە نېمە بولماقچى؟ نېمە بولسا مەيلى، مەن ھەممىگە بەرداشلىق بېرەلەيمەن." مانا بۇ مەغلۇبىيەتتىن كېيىنكى ما يۈننىڭ سۆزى.

سايىگە ئوخشاش ما يۈن ۋە ئالى بابا
  
ما يۈن بۇرۇن مۇنداق دېگەن:"ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئىككى مەسىلىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرېۋىلىشى لازىم. بىرىنچىسى، سىز نېمە قىلماقچى؟ بۇ باشقىلار سىزنى نېمە قىلدۇرماقچى ۋە ياكى باشقىلار ئۈچۈن نېمە قىلماقچى ئەمەس، بەلكى سىز ئۆزىڭىز زادى نېمە قىلىشنى خالايسىز. ئىككىنچىسى، سىز نېمە قىلالايسىز ئەمەس بەلكى سىز نېمە ئىش قىلىشقا ئېھتىياجلىق؟ نېمە قىلىشىڭىز كېرەك؟ "ما يۈننىڭ قارىشىچە، بۇ دۇنيادا سىزدىنمۇ قابىلىيەتلىك، سىزدىنمۇ شارائىتى  ياخشى كىشىلەر نۇرغۇن، لېكىن بىر ئىشنى بەكرەك ياخشى قىلىشنى ئويلايدىغان پەقەت بىرلا ئادەم بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزىڭىز. شۇڭلاشقا، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۆزىدە بىر غايە ۋە بىر ۋەدە بولۇش بىلەنلا قانائەتلەنمەي، يەنە ئۆزىدە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش روھىنىمۇ يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ئالى بابانىڭ 13 يىللىق  ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسى مانا بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ چىققان.
  
جۇڭگو خۇاڭيېدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ما يۈن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بېيجىڭدا تاشقى ئىقتىساد-سودا ھۆكۈمەت تور بېتى، توردىكى جۇڭگو تاۋارلىرىنى سېتىش بازىرى قاتارلىق بىر تۈركۈم دۆلەت دەرىجىلىك تور بېكەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ جەرياندا، ما يۈننىڭ B2B پىكىر يولى تەدرىجىي پىشىپ، 1999-يىلى 2-ئايدا ما يۈن خاڭجۇۋغا قايتىپ ئالى بابانى قۇرۇپ چىققان. ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگودا ئېلېكترونلۇق سودىنىڭ شارائىتلىرى تېخى ھازىرلانمىغان ئىدى: سەمىمىيەت سىستېمىسى يوق، بانكا ئارقىلىق پۇل تۆلەش سىستېمىسىمۇ يوق. لېكىن ما يۈن ۋە ئۇنىڭ "18 قاراقچىسى" بۇنىڭ ئىچىدە ھېسابسىز بايلىق بارلىقىنى جەزملەشتۈرگەن. ئالى بابانىڭ نېمە ئۈچۈن چوڭ كارخانىلارنى ئەمەس بەلكى ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنى تاللىغانلىقىغا نىسبەتەن ما يۈن مۇنداق ئوخشىتىش كەلتۈرگەن:"راك تۇتۇپ بېيىغاننى ئاڭلىغان، لېكىن كىت تۇتۇپ بېيىغاننى ئاڭلىماپتىكەنمەن." 
  
ما يۈن مۇنۇ جۈملىنى ناھايىتى ياقتۇرىدۇ: "ئۆزگىنى چۈشەنگەن ئەقىللىقتۇر، ئۆزنى چۈشەنگەن دانا."، ئۇنىڭدىمۇ ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش مۇھەببەت ۋە قورقۇنچ بار. ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلەشتىكى قورقۇنچى بولسا، ئىگىلىك تىكلەش لوگىكىسىدىكى باشلىنىش نۇقتىسى.
  
ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، ما يۈن باشلىنىشىدىلا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراشتىن قورقاتتى. ئۇنىڭ ئۆزىنى ئەسكەرتىدىغان داڭلىق بىر كەلىمە سۆزى بار: " ئەتە بەك شەپقەتسىز، ئۆگۈن بەك گۈزەل، ئەمما ئادەتتە ئۆگۈنگىچە ياشىغىلى بولمايدۇ!" ئۇنىڭ بۇنى ھەل قىلىشتىكى تەدبىرى بولسا: ئارزۇنى سېتىش، يەنى تۇرمۇش ئۈچۈن ئۆز غايىسى،  ئارزۇ-ئامىنىدىن ۋاز كېچىش. ما يۈننىڭ گېپى بىلەن ئېيتقاندا: " بۇ بىزنىڭ 1999-يىلىدىن بۇرۇنقى ھاياتلىقىمىزنىڭ سەۋەبى، بۈگۈنكى ياخشى تۇرمۇشىمىزنىڭ سەۋەبى بولسا، ئۆزىمىزگە مەڭگۈ ئىشەنگەنلىكىمىزدۇر" 

ئالى بابانىڭ ئەڭ دەسلەپكى "تايانچ پونكىتى" بولسا ما يۈننىڭ خاڭجۇ كۆل بويى گۈلزارلىقىغا جايلاشقان 100 كۋادىرات مېتىردىن ئارتۇق بولغان تۇرالغۇسى ئىدى. ئالى بابانى زىيارەت قىلىپ باققان< ۋال سترېت كۈندىلىك گېزىتى> مۇخبىرى مۇنداق دەپ يازغان: " كېچە-كۈندۈز خىزمەت قىلغانلىقتىن ياخشى ئۇخلىيالمايتتۇق. ئۆيدە بىر ئۇخلاش خالتىسى بار ئىدى، كىمنىڭ ئۇيقىسى كەلسە، شۇ خالتىغا كىرىپ بىر ئاز ئۇخلاپ چىقاتتى."  <فوربېس> ژورنىلىنىڭ بىر مۇخبىرى مۇنداق تەسۋىرلىگەن:" 20 نەچچە مۇلازىمەتچى مېھمان كۈتۈش زالىدا ، ما يۈن ھەم مالىيە ۋە بازار ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بىر ياتاق ئۆيدە، 25 نەپەر تور بەت قوغدىغۇچىلىرى ۋە باشقا خىزمەتچىلەر يەنە بىر ياتاق ئۆيدە قىستىلىشىپ خىزمەت قىلاتتى."
  
ما يۈننىڭ گېپى بىلەن ئېيتقاندا، ئەينى ۋاقىتتىكى ئالى بابا ئاساسىي جەھەتتىن "ئۈچ يوق" كارخانا ئىدى، مەبلەغ يوق، تېخنىكا يوق، پىلان يوق. " مېنىڭ ئۇ قاراڭغۇ كۈنلەردە ئۆگىنىۋالغان ساۋىقىم بولسا سىز چوقۇم كوللېكتىپنىڭ قىممىتى، يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە نەزەر دائىرىسىنى داۋام قىلدۇرىشىڭىز كېرەك. پەقەت سىزلا ۋاز كەچمىسىڭىز، چوقۇم بىر پۇرسەتكە ئېرىشىسىز. سىزنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىڭىز كۆزگە چېلىقمايدىغان شۇ ۋاقىتلاردا، سىز يەنە شۇ كۈچنى ئىشقا سالماي بەلكى بارلىق دىققىتىڭىز بىلەن زېھنىڭىزنى سەرپ قىلىشىڭىز كېرەك."
  
سەككىز يىلدىن كېيىن ئالى بابا شىياڭگاڭدا بازارغا چىقىپ، بىردىنلا شۇ ۋاقىتلاردىكى جۇڭگونىڭ بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئىنتېرنېت شىركىتىگە ئايلانغان. ما يۈن مۇنداق دەيدۇ: " ئەمەلىيەتتە بەزى ۋاقىتلاردا تەلەيمۇ ناھايىتى مۇھىم، ئەمما تەلەينىڭ ئىشىكىڭىزنى چېكىشى دەل سىزنىڭ ئىشەنچىڭىز ۋە ئۆزىڭىزگە بەرگەن ۋەدىڭىزنىڭ بولغانلىقىدا."
  
ئالى بابانىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئىلاھلاشقان ئادەم بولۇشنى خالىمايدىغان ما يۈننى ئاستا-ئاستا ئىلاھىي سەھنىگە ئېلىپ چىققان. ئۇ ئۆز ئادەملىرىگە مۇنداق دېگەن: "بەزىدە كىشىلەر سىزنى ئىلاھلاشقان دەپ بىلىدۇ، لېكىن ئىلاھلاشقانلارمۇ چوقۇم ئۆز سەھنىسىدىن يىقىلىدۇ."
 
2011-يىلى، تاۋباۋنىڭ ساختا مال ۋەقەسىدىن ۋېيجې (ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن درېكتورى، ئالى بابا ئېلېكترونلۇق سودىسىنىڭ باش درېكتورى، 2011-يىلى ئىستىپا بېرىپ ئالى بابادىن ئايرىلغان)نى "يوقىتىش" قىچە، ئالىپاي ۋەقەسىدىن "تاۋباۋ ۋەيرانە شەھىرى" ۋەقەسىگىچە، ما يۈن كۆپلىگەن زەربىلەرگە ئۇچرىغان. بۇ قېتىمدا ئۇ قاتتىقراق يىقىلغان. ئەمما ئالى بابانىڭ روھىي يېتەكچىسى بولغان ما يۈن سەن-پەن دېيىشىش، بولۇنغان سۆز-چۆچەكلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ئۇ يەنە تېخى ما يۈن نۇسخىسىدىكى بىر پارچى سەۋدايى خاتىرىسىنى مۇنداق يازغانىدى: " ھەممە يەر قاپقاراڭغۇ، كۈندۈزمۇ؟ كېچىمۇ؟ بىلگىلى بولمايدۇ. جاۋ ئائىلىسىنىڭ ئىتى يەنە قاۋاشقا باشلىدى."  شەخسىي ئىگىلىك تىكلەش تارىخىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەڭ قىيىن بولغان سىناققا دۇچ كەلگەن ما يۈن "مەلۇم قىياپەتكە كىرىۋالماي، ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش" ئارقىلىق خەتەرلىك بولغان "مۈچەل يىلى" كرىزىسىغا تاقابىل تۇرغان.
  
شۇنىڭدىن باشلاپ، ما يۈن سەھنە ئالدىدىن ئارقىغا چېكىنىش پوزىتسىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھوقۇقنى يۆتكەشكە ئاتلانغان ۋە كۆپرەك سەھنە ئارقىسىدا ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان. سىرتتىن قارىغاندا، ما يۈن بىر "كىنو خۇمار" پادىشاھ، سەھنە ئارقىسىدا ئالى بابانىڭ ھەر تۈرلۈك خىزمىتىنى باشقۇرۇپ، پەقەت ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋالدا مەيدانغا چىقىپ، ئوتتىن قۇتقۇزۇش ئاۋانگارتىغا ئوخشاش قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغۇچى.
 
2011-يىلىدىكى بالا-قازانى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئالى بابانىڭ قىممەت قاراش دەۋا تەلىپى ۋە ما يۈننىڭ غايىچىلىك ئىرادىسى باسقۇچلۇق ھالدا مەلۇم دائىرىلىك بوغما ھالەتكە يېقىنلاشقان. بۈگۈنكى ما يۈننىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى قىممەت قاراشتىن مەسىلە چىقىش، ئۇ دەرۋازىۋەنلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، شىركەتنىڭ بۇرچ تۇيغۇسى، قىممەت قارىشىنى ئۆزىنىڭ بىرىنچى قوغداش ئوبېيكتى قىلىپ بېكىتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن، ئالى بابانىڭ غەلىبە قىلالىشى ئۇنىڭ ئىنسان تەبىئىتىنى كۆرەلىگەنلىكىدە، بۇرچ تۇيغۇسى، قىممەت قارىشى ئارقىلىق مۇنەۋۋەر ياشلارنىڭ ئاق كۆڭۈل تەرىپىنى چوڭايتىپ كۆرسىتىپ بەرگىنىدە. 
 
13 يىللىق بوران چاپقۇنلۇق مۇساپىدىن ما يۈن مۇنداق يەكۈن چىقارغان: ھازىرغا قەدەر مېنى ئەڭ پەخىرلەندۈرگىنى ئېرىشكەن نەتىجە ۋە ياكى ھاياتلىقنى ساقلاش ئەمەس بەلكى ھەر بىر خەتەرنى ھەل قىلىپ، ھەر بىر زەربىگە تاقابىل تۇرۇشتۇر.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى