ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇشى

ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇشى

ۋاقتى: 2015-12-06 ئاۋاتلىقى: 445 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «3§. ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى توغرىسىدىكى قانۇنىي بەلگىلىمىلەر» بۇ يەردە!

 

2. ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇشى

 

1. شىركەت قۇرۇشتا ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەر

 

«شىركەت قانۇنى»نىڭ 73-ماددىسى قاتارلىق ئالاقىدار ماددىلارنىڭ بەلگىمىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركەتلىرىنى قۇرۇشتا، تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك:

 

1) تەشەببۇس قىلغۇچىلار قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى قۇرۇشتا، بەشتىن ئارتۇق ئادەم تەشەببۇس قىلىشى، بۇنىڭ ئىچىدە تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە تۇرۇشلۇق ئورنى بولۇشى كېرەك.

دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنى ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىگە ئۆزگەرتىپ قۇرۇشتا، تەشەببۇس قىلغۇچىلار بەش كىشىدىن ئاز بولسىمۇ بولىدۇ. لېكىن بۇنىڭدا مەبلەغ توپلاپ قۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.

2) تەشەببۇس قىلغۇچىلار تاپشۇرغان ۋە جەمىئيەتتىن ئاشكارا توپلىغان پېيى قانۇندا بەلگىلەنگەن كاپىتالنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىگە يەتكەن بولۇشى كېرەك. ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇلغان كاپىتالىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى 10 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولىدۇ. ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇلغان كاپىتالىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىنى يۇقىرىقى بەلگىلەنگەن چەكتىن ئاشۇرۇشقا توغرا كەلسە، بۇ، قانۇن ۋە مەمۇرىي قانۇن-نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىنىدۇ. ھەسسدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇلغان كاپىتالى شىركەتنى تىزىمغا ئالغان ئورگان تىزىملىغان ئەمەلىي پاي ئومۇمىي سوممىسى بولىدۇ.


3) پاي تارقىتىش، توپلاش ئىشلىرى قانۇندىكى بەلگىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

4) تەشەببۇس قىلغۇچىلار شىركەتنىڭ نىزامنامىسىنى تۈزۈش ۋە شىركەت قۇرۇلۇش يىغنىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.

5) شىركەتنىڭ نامى بولۇش ۋە ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولغان تەشكىلىي ئاپپاراتلارنى قۇرۇش كېرەك.

6) مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت ئورنى ۋە زۆرۈر ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت شارائىتىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.

 

 

2. شىركەت قۇرۇش ئۇسۇلى

 

ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇشتا، تەشەببۇس قىلىپ قۇرۇش ياكى مەبلەغ توپلاپ قۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ.

تەشەببۇس قىلىپ قۇرۇش-تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ شىركەت تارقىتىشقا تېگىشلىك بارلىق پاينى سېتىۋېلىپ شىركەت قۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

مەبلەغ توپلاپ قۇرۇش- تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ شىركەت تارقىتىشقا تېگىشلىك پاينىڭ بىر قىسمىنى سېتىۋېلىپ، قالغان قىسمىنى جەمئىيەتتىن ئاشكارا مەبلەغ توپلاپ شىركەت قۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.



تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى