ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قانداق خادىملارنى تەربىيەلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق؟

قانداق خادىملارنى تەربىيەلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق؟

ۋاقتى: 2013-12-30 ئاۋاتلىقى: 452 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قول ئاستىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك بەش خىل خادىم بولسا ئۇنى تەربىيەلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق!
1. ئەخلاق-پەزىلەتسىز كىشىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ (پەس ئادەملەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ)
ھازىرقى جەمئىيەتتە، بىر ئادەمنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا باھا بەرگەندە، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئەخلاق ساپاسىغا قارايمىز، كىشىلەرنىڭ تەبئىيىتى ئۇنىڭ ئەخلاقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، ئەخلاقى تەبئىيىتىدىن ناچار ئادەملەرنى بىز بىردەك پەس ئادەملەر دەيمىز. شەخسىيەتچىلىك، نەپسىكەشلىك، زەھەرخەندىلىك، مەككارلىق، سەپسەتىۋازلىق، يالغانچىلىق .......... قاتارلىقلار پەسكەش كىشىلەرنىڭ تىپىك ئىپادىسى. بۇنداق كىشىلەر قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئاكتىپ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايدۇ. ئەگەر، ھازىر قاراشقا دۇرست يولدا مېڭىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق ھامىنى بىركۈنى ئۆزىنىڭ ئەپتى-بەشرىسىنى ئاشكارىلايدۇ. دېمەك «ئادەم ۋاقىت ئارقىلىق سىنىلىدۇ، ئات سەپەردە سىنىلىدۇ.» دېگەن سۆز دەل شۇ قائىدىدىن كەلگەن. ھامىنى بىر كۈن كارخانا كوللېكتىپىدىكى بۇ سېسىق ئالما، كوللېكتىپنى ھاڭغا ئاپىرىپ تاشلايدۇ. بۇنداق كىشىلەرنى ئىشلىتىشكە قەتئىي بولمايدۇ.
2. مىننەتدارلىقنى بىلمەيدىغان كىشىلەرنى تەربىيەلەشكە بولمايدۇ (ۋاپانى بىلمەيدىغان كىشىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ)
بۇنداق خىلدىكى كىشىلەرنى تونۇشتا، بىرنەچچە قېتىملىق ھالقىلىق ئىشلاردىكى پوزىتسىيەسىگە قارىساقلا، ۋاپانى بىلمەيدىغان تەبئىيىتى تولۇق ئىپادىلىنىدۇ. مىننەتدارلىقنى بىلمەيدىغانلار ئۆزىنىڭ ئورنىدىن تەبئىيلا مىننەتدار بولمايدۇ، شۇنداقلا ئىلگىرى ئۆزىگە مەدەت بەرگەن ۋە ياردەم بەرگەن ھەرقانداق كىشىدىن مىننەتدار بولمايدۇ. تەبئىي ھالدا ئۆزىمۇ تالانتلىقلاردىن بولالمايدۇ. بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئۆزىنى ئەزەلدىن ئىنتايىن قابىلىيەتلىك (ئۆزىنى قالتىس ھېسابلايدۇ)، ئۆزىنىڭ ئېرىشكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھەقلىق، نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق قولغا كەلگەن دەپ قارايدۇ. بۇ كۈنلەرگە قەدەم قويۇش جەريانىدىكى باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان غەمخورلۇقى ۋە تەلىم-تەربىيەسىنى ئۇنتۇيدۇ. تەبئىي ھالدا مىننەتدارلىق تۇيغۇسى قالمايدۇ! مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋاپانى بىلمەيدىغان كىشى قانچىلىك ئىقتىدارلىق بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، ئىشىنىمەنكى بىرەر باشلىق ياكى خوجايىن ئۇنى ھەرگىز تەربىيەلىمەيدۇ.
3. ئەسلىدىن ساپاسى تۆۋەن، ھەم باشقىلارنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى قوبۇل قىلمايدىغان كىشىلەرنى تەربىيەلەشكە ئەرزىمەيدۇ (ئالدىغا ئىنتىلىش روھى يوق كىشىلەرنى تەربىيەلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق)
ئادەمنىڭ ساپاسى-مەدەنىيەت ساپاسى ۋە كەسپىي تېخنىكا ساپاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنى كېيىن ئۈگىنىش، تەربىيەلىنىش ئارقىلىق ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ. بىراق ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتەلمەيدىغانلار، شۇنداقلا كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلمايدىغانلار ۋە ئۆزگەرتمەيدىغانلارنى تەربىيەلەپ ئاۋارە بولماسلىق ۋە ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
4. قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغانلارنى تەربىيەلەشنىڭ زۆرۈريىتى يوق («پور كۆتەك» كىشىلەرنى تەربىيەلەشكە بولمايدۇ)
«تاغدىكى تاشتىن قاشتاش چىقىدۇ»، بىر پارچە ياخشى قاشتاش ماتېرىيالى بولغاندىلا قاشتاش بويۇملىرىنى ئويۇپ چىقارغىلى بولىدۇ. پور كۆتەكنى ماتېرىيال قىلغىلى بولمايدۇ! «ھۇشيار» بولمىغان خادىملارغا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇنداق خادىم كۈنبۇيى باشلىقنى چارچىتىپلا ئۆتىدۇ. ئۇ ئىشنى خاتا قىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى گۇناھسىز ھېسابلايدۇ. بۇنداق كىشىلەرگە ئاددىي، تەكرار خىزمەتلەرنى تاپشۇرغان تەقدىردىمۇ كۆپرەك ئېھتىيات قىلىش كېرەك. ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
5. ساداقەتسىز كىشىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ (ئىككى يۈزلىمە كىشىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ)
شىركەت ۋە خوجايننىڭ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، شىركەت خادىملىرى چوقۇم شىركەتكە سادىق بولۇشى، شىركەت ۋە خوجايىنىنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىركەت ۋە خوجايىنىنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ئەھۋاللارنى بايقىغاندا ئېتىبارسىز قارىماسلىقى كېرەك. باشلىقنىڭ نۇقتىسىدىن قارىساق، باشلىق بولغۇچى قول ئاستىدىكىلەرنىڭ قارا يۈزلۈك قىلىشىغا قەتئىي چىداپ تۇرالمايدۇ. بۇنداق خىلدىكى كىشىلەر ئۆزىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن بۈگۈنى A غا بېقىنسا، ئەتىسى ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن B غا بېقىنىدۇ، بۇنداق مەيدانى يوق كىشىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
-------------
مەنبە: يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى