ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بازارشۇناسلىق ئىلمىنىڭ خاراكتېرى

بازارشۇناسلىق ئىلمىنىڭ خاراكتېرى

ۋاقتى: 2016-06-09 ئاۋاتلىقى: 659 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «بازارشۇناسلىقنىڭ تەتقىق قىلىش ئوبيېكتى» بۇ يەردە!

 

بازارشۇناسلىق ئىلمىنىڭ خاراكتېرى


1. بازارشۇناسلىق  بىر پەن


بازارشۇناسلىق قانداق خاراكتېردىكى پەن؟ ئۇ زادى بىر پەنمۇ ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭغا نىسبەتەن، دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ئوخشاش بولمىغان قاراشتا.


يىغىنچاقلىغاندا، ئومۇمەن تۆۋەندىكى ئۈچ خىل قاراش بار:


بىر خىل قاراش بولسا بازارشۇناسلىقنى بىر پەن ئەمەس دەپ، بەلكى بىر سەنئەت دەپ قارايدۇ، ئۇلار سودا باشقۇرۇش(بازارشۇناسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بىر پەن ئەمەس بەلكى بىر خىل كىشىلەرنى قانداق قىلىپ بازارشۇناسلىق ئېلىپ بېرىشنى ئۆگىتىدىغان بىر سەنئەت دەپ قارايدۇ.


ئىككىنچى خىل قاراش بولسا، بازارشۇناسلىق بىر خىل پەن شۇنداقلا يەنە بىر خىل ھەرىكەت سەنئىتى دەپ قارايدۇ. بۇ خىل قاراش بولسا، باشقۇرۇش(بازارشۇناسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بىر پۈتۈن بولغان پەن ئەمەس، شۇنداقلا بىر پۈتۈن بولغان سەنئەتمۇ ئەمەس، بەزى چاغلاردا پەنگە، يەنە بەزى چاغلاردا سەنئەتكە يېقىنلىشىدۇ دەپ قارايدۇ. ماتېرىيال توپلىغاندا، كۈچىنىڭ بارىچە پەننى ئۇسۇل ئارقىلىق توپلاش ۋە تەھلىل قىلىش، بۇ ۋاقىتتا پەننىي تەركىبى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ، ماتېرىيالغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرقى قارارنى چىقارغاندا، سەنئەت تەركىبى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ، ئۇ ئاساسلىق كارخانا رەھبەرلىرىنىڭ تەجرىبىسى ۋە سۇبيېكتىپ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى ئاساس قىلغاچقا، بۇ چاغدا سەنئەتكە تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ. بۇ خىل ئىككى ياقىلىما قاراشتىكى ئاساسلىق مەسىلە بولسا بازارشۇناسلىق بىلەن بازارشۇناسلىق ئىلمىنى  ئارىلاشتۇرىۋەتكەن. بازارۇشۇناسلىق بولسا بىر خىل پائالىيەت جەريانى، بىر خىل ئىستراتېگىيە، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بىر سەنئەت. بازارشۇناسلىق ئىلىمى بولسا بازارشۇناسلىق پائالىيىتى تەرتىپىنىڭ يىغىندىسى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بىر پەن.


ئۈچىنچى خىل قاراش بولسا بازارشۇناسلىق ئىلىمنى بىر پەن دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا، بازارشۇناسلىق ئىلىمى ھازىرقى زامان چوڭ ئىشلەپچىقىرىش شۇنداقلا مەھسۇلات ئىگىلىكى شەرتى ئاستىدا كارخانا بازارشۇناسلىق پائالىيەت تەجرىبىسىنى يىغىنچاقلاپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا بىر قاتار ئۇقۇم، پرىنسىپ ۋە ئۇسۇلنى بايان قىلغان. بازارشۇناسلىق نەزەرىيىسى ۋە ئۇسۇلى باشتىن ئاخىر دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى كارخانا بازارشۇناسلىق پائالىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ كەلگەن.


2.بازارشۇناسلىق ئىلىمى بولسا بىر ئەمەلىي پەن


بازارشۇناسلىق ئىلمى بىر ئىقتىساد پېنى ياكى بىر ئەمەلىي پەن، ئىلىم ساھەسىدىكىلەر بۇنىڭغا نىسبەتەن ئىككى خىل قاراشتا:بىر خىلى بولسا ئاز ساندىكى ئالىملار ئېتىراپ قىلغان ئىقتىساد پېنى، يەنى مەھسۇلات ئوبوروتى، ئېھتىياج تەلەپ مۇناسىۋىتى شۇنداقلا قىممەت قانۇنىيىتىنى تەھلىل قىلىدىغان پەن. يەنە بىر قاراشتىكلەر بولسا بازارشۇناسلىق بىر ئەمەلىي پەن دەپ قارايدۇ. سۆزسىز، بازارشۇناسلىق ئىلىمى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىقتىسادشۇناسلىقنى ئاساس قىلىپ بارلىققا كەلگەن، بىراق نەچچە ئون يىللىق ئۆزگىرىشتىن كېيىن، ئۇ ئاللىبۇرۇن ئىقتىساد ئىلىمى بولماي بەلكى، كۆپ خىل پەنلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەمەلىي پەن بولغان. ئامېرىكىلىق داڭلىق بازارشۇناسلىق ئالىم فىلىپ كېتىل :"بازارشۇناسلىق ئىلىمى بولسا ئىقتىسادشۇناسلىق، ھەرىكەت ئىلىمى، ھازىرقى زامان باشقۇرۇش ئىلىمى نەزەرىيىسى قاتارلىق كۆپ خىل ئەمەلىي پەنلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان پەن"دەپ ئوتتۇرىغا قويغان، (<بازارشۇناسلىق ئىلىمى پرىنسىپى>كىرىش سۆز)چۈنكى "ئىقتىسادشۇناسلىق بىزگە شۇنداق ئەسكەرتىش بېرىدۇ، بازارشۇناسلىق بولسا چەكلىك بايلىقنى ئىنچىكە ئايرىش ئارقىلىق رىقابەت ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ؛ ھەرىكەت ئىلىمنىڭ ئەسكەرتىدىغىنى بولسا، بازارشۇناسلىق ئىلىمى كىم سېتىۋالىدۇ، كىم تەشكىللەيدۇ دېگەنگە چېتىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، چوقۇم ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، مۇئامىلىسى ۋە ھەرىكىتىنى چۈشىنىشى كېرەك؛ باشقۇرۇش نەزەرىيىسىنىڭ ئەسكەرتىدىغىنى، قانداق تەشكىل ئاندىن تېخىمۇ ياخشى بازارشۇناسلىق پائالىيىتى باشقۇرۇپ، خېرىدارغا قولايلىق يارىتىپ، جەمئىيەت ۋە ئۆزى ئۈچۈن ئۈنۈم يارىتىدۇ"(<بازارشۇناسلىق ئىلىمى پرىنسىپى>كىرىش سۆز).



3.بازارشۇناسلىق ئىلىمى ماكرو بازارشۇناسلىق ئىلىمى شۇنداقلا يەنە مىكرو بازارشۇناسلىق ئىلىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
ئامېرىكىلىق داڭلىق بازارشۇناسلىق ئالىمى مېكلاس ئۇنىڭ داڭلىق ئەسىرى<ئاساسى بازار ئىلىمى>دا ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتكەن، ھەر قانداق مەھسۇلات ئىقتىساد جەمئىيىتىدە بازارشۇناسلىق ئىككى تەرەپتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:بىرى بولسا ماكرو بازارشۇناسلىق؛ يەنە بىرى بولسا مىكرو بازارشۇناسلىق. مىكرو بازارشۇناسلىق بولسا بازارشۇناسلىق پائالىيىتى بىلەن جەمئىيەت پائالىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، بازارشۇناسلىق بىلەن جەمئىيەت ئېھتىياجنى ئاساسلىق بايان قىلىپ، جەمئىيەت ئىقتىساد پاراۋانلىق مۇناسىۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۇ بولسا بىر خىل مۇھىم ئىجتىمائىي جەريان. ماكرو بازارشۇناسلىق ئىجتىمائىيلاشقان چوڭ ئىشلەپچىقىرىش شۇنداقلا مەھسۇلات ئىقتىساد جەمئىيىتى  تەلەپ قىلغان مەلۇم ماكرو بازارشۇناسلىق تۈزۈلمىسى ۋە بازارشۇناسلىق سىستېمىسى تۈزگەن پۈتكۈل جەمئىيەتتىكى بارلىق ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە تونۇشتۇرغۇچى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى پائالىيەتتە ساقلانغان بولۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى تەشكىل قىلىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ئېھتىياجىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىقنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. مىكرو بازارشۇناسلىق بولسا كارخانا پائالىيىتى ۋە كارخانا ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ قانداق قىلىپ خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، مەھسۇلات ۋە ئەمگەكنى ئىشلەپچىقارغۇچى قولىدىن ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ، كارخانا نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىقلارنى مۇھاكىمە قىلىدۇ. ئۇ بىر خىل كارخانا ئىقتىساد  پائالىيەت جەريانى.


غەرب دۆلەتلىرى كاپىتالىستىك خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۇنىڭ ئىلىم ساھەسىدە ئاساسلىق تەھلىل قىلىدىغىنى كارخانا مىكرو بازارشۇناسلىق بولغان، ماكرو بازارشۇناسلىق تەھلىل قىلىشقا ئانچە كۆڭۈل بۆلمىگەن، ماكرو بازارۇشۇناسلىققا مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن جەمئىيەت ئومۇمىي ئېھتىياج تەلەپ تەڭپۇڭلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا مۇھاكىمە قىلماي، پەقەت ئوبيېكتىپ نۇقتىدا تۇرۇپ كارخانا بازارشۇناسلىقنىڭ ئومۇمىي رولىنى تەھلىل قىلغان. دۆلىتىمىزدە بولسا سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساس قىلغان، كۆپ خىل ئىگىلىك تەركىبى بىرلا ۋاقىتتا ساقلانغان سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىك تۈزۈمى، دۆلەت ماكرو تەڭشەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق مىكرو ۋە ماكرو ئىككى نۇقتىدا بازارشۇناسلىقنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەھلىل قىلىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى